- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-17
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 105
- نادىر
- 0
- تېما
- 1
- يازما
- 13

- يوقلىما
- 9
قىزغىنلىق- 28 سەر
تىللا- 0 دانە
تۆھپە- 17 سەر
شۆھرەت- 19 سەر
| خەير –خوش باھانە
تەرجىمە قىلغۇچى : تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق سوغات قۇتىسىنى ئېچىشتىن ئىلگىرى
ئوننەچچە يىللار ئىلگىرى ، مەن پويىزغا ئولتۇرۇپ ۋاراناسى (waranasi) دىن يېڭى دېھلىغا قاراپ ماڭدىم . ئۇ چاغلاردا پويىزدا ، نەدىمۇ قايسى بىكەتكە كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ تۇردىغان رادىيۇ كانىيى بولسۇن . پويىز ماڭاتتى ،يەنە توختايتى .ماڭاتتى يەنە توختايتى ، 30 سائەت ماڭغاندىن كىيىن، يېڭى دىھلىدىكى پويىز بېكىتىگە كىلىپ توختىدى . مەن پويىزدىن چۈشكەن چاغدا ،كۆڭلىمدە « بۇ قېتىمقى پويىز سەپىرىم راستىنلا ئىنتايىن جاپالىق سەپەر بولدى ، خەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەرگىزمۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقماسمەن » دەپ ئويلىدىم ، ئاندىن كىيىن يېڭى دىھلىنىڭ مەركىزىدىكى بىر مىھمانسارايغا ئورۇنلاشتىم . بىرنەچچە كۈندە ، يېڭى دېھلى ۋە دىھلىنى ئايلنىپ بولغاندىن كىيىن ، بومبايغا باردىغان پويىز بېلىتىنى ئالدىم . پويىزغا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ قېتىمقى سەپىرىم «ئەڭ ئازاپلىق سەپەر بولماسلىقى مۇمكىن » دەپ ئويلىدىم . ئەمما سەپىرىم ئىلگىركىگە ئوخشاش بولدى، سەھەر سائەت ئىككىگە يېقىن بومبايغا يىتىپ كەلدىم . بومبايغا بارغۇچە تۈزلەڭلىكتە كىتۋاتقان پويىز تۇيۇقسىز توختاپ قالاتتى . بىر قېتىم پويىز توختاپ قالغاندا ، ۋاگۇن ئىچىنىڭ قەيىردىندۇر مىلتىق ئاۋازى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۆكىرگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ ، مىنى قالتىس قورقۇتۋەتتى . بۇ قېتىمقى پويىزدا ئادەم شۇنداق كۆپ ئىدىكى ، ۋاگۇندىكى ئورۇندۇق ئارىسىدىكى ئۆتۈشمە يولدا ، پۇت تىققۇدەك بوش ئورۇنمۇ يوقتى .ئەينى چاغدا ئولتۇرغان ئورنۇمدىن ھاجەتخانىغا بارالماي ، يېرىم كۈن چىدىدىم . بۇنىڭدىن باشقا ، ۋاگۇننىڭ ھېچقانداق يېرىدىن يىمەكلىك سېتۋالغۇدەك ئورۇن تاپقىلى بولمايتى . ئامالسىز يات كىشلەردىن يەيدىغان بىرنەرسە ئېلىپ يىدىم . پويىز ۋاگۇنىغا 72 ئادەم ئولتۇرۇشقا بلدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلمە يېزىپ قويۇلغان بولسىمۇ ، ئەمما ھەر بىر ۋاگۇندىكى ئادەم 300دىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى . بۇنىڭدىن سىرىت ، پويىز ئىككى ئۈچ سائەت ماڭغاندىن كىيىن ، ھاۋا تەڭشىگۈچمۇ بۇزلۇپ قالاتتى. مۇشۇنداق ۋاگۇندا ئادەم ئىككى كۈن تۇرسا ،بەدىندىن توختىماي پۇقىراپ تەر چىقىپ ، ئۆزىنىڭ بەدىنىمۇئۆزىگە پۇراپ ئولتۇرغىلى بولمايتى .ئاشۇ ئىشلار ھازىرلا يۈز بەرگەندەك ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . مىڭبىر تەستە بومبايغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن ،ئۆيى يېقىن كىشلەر ناھايىتى تىزلا بۇ يەردىن ئايرىلىشاتتى . بىراق بەزى كىشلەرگە نىسبەتەن تاڭ ئېتىشنى ساقلاشقا توغرا كىلەتتى . ئۇلار بىرەر بۇلۇڭ - پۇچقاقنى تېپىپلا يېتىپلا ئۇيقۇغا كىتەتتتى . بۇ كىشلەر ئىچىدە پەقەت چەتئەللىكتىن مەنلا بولغاچقا ، مەن نىمە قىلىشنى بىلەلمەي، ئامالسىز يۈك تاقىللىرىمنى يۈدۈپ، ئاستا ئاستا بومباي كوچىللىرىنى ئايلنىشقا باشلىدىم . بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ئىش شۇ بولدىكى ، ئالدىنقى قېتىمقى يېڭى دىھلىغا بېرىش سەپىرىگە ئوخشىمايدىغىنى «ئىككىنجى پويىزغا ئولتۇرماسمەن »دىگەندەك نارازى بولماستىن ، ئەكىسچە بەلكى كۆڭلىمدە «ھەي، مەن يەنە ئازاپ چېكىۋېلىشىمنى ئويلىماپتىكەنمەن، كىلەر قېتىم يەنە تېخىمۇ ئۇزۇن سەپەر بولسا ، » بۇ خىل ئوي مىنىڭ ككڭلىمنى ئازراق بولسىمۇ ، پەسكويغا چۈشۈردى . مەن توساتتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغدا ، دوختۇرخانىغا دوستىمىزنى يوقلىغىلى بارغاندا ، بىر ياشانغان پىراففىسورنى ئۇچراتقاندىكى ئەھۋالنى يادىمغا سېلىپ قويدى . ھېلىقى پىراففىسور بىلەن دوستۇم بىر كىسەلخانىدا ياتقان ئىكەن .ئۇ ئىلگىرى مەلۇم خۇسۇسىيلار باشقۇرشىدىكى ئالىي مەكتەپتە ياپۇن تىلى دەرسى پىراففىسورى بولۇپ، پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىن ، ئىزچىل تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنۋېتىپتۇ . بىرقېتىملىق تاسادىپى پۇرسەتتە راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقاپ ، يېقىندا ئوپراتسىيە ئارقىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ئىكەن . دوستۇمنى بىرنەچچە قېتىم يوقلىغاندىن كىيىن ،مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاستا - ئاستا تونۇشۇپ قالدىم . بىر كۈنى مەن كىسەل كارۋېتىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ پىراففىسور بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم . — ھازىر خېلى ياخشىلنىپ قالدىڭىزمۇ؟ — خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم ، يەنە ئىككى ئۈچ قېتىم ئوپراتسىيە قىلدىكەن . — ئىككى ئۈچ قېتىم ؟ — شۇنداق . پىراففىسور قورقۇپ كەتكەن ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى . — پىراففىسور ، سىزنىڭ مۇشۇ يېشىڭىزدا ، ئوپراتسىيە بەكمۇ ئازاپلىقتۇ - ھە! مىنىڭ سۆزىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، پىراففىسور مىنىڭ سۆزىمگە پەرۋا قىلمىغاندەك مەندىن بىر سۇئال سوردى . — بالام تەڭرىنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ چوڭ سوۋغىسى نىمە؟ — سوۋغا ؟ — ھەئە ،سوۋغا . تەڭرىنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ چوڭ سوۋغىسى ئۇنتۇپ قېلىش ۋە ئۈمۈد . — ئادەم دىگەن ناھايىتى غەلىتە نەرسە ، بىرىنجى قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ، ناھايىتى ئازاپلىنىدۇ ، ئۆزىنى قايتىدىن ئورنۇمدىن تۇرالمايمەن دەپ ھىس قىلىدۇ .ئەمما ، ئىككىنجى ،ئۈچۈنجى قېتىم قايتا - قايتا دۇچار بولغاندىن كىيىن ، ئىلگىركى ئازاپلىرنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ . شۇڭا مەنمۇ قاتتىق ئازاپقا بەرداشلىق بىرىپ ، ئىككىنجى ، ئۈچۈنجى قېتىملىق ئوپراتسىيەنى قوبۇل قىلىمەن . ئارقىدىنلا ، پىراففىسور مەيدىسىدىكى ئوپراتسىيەدىن قالغان تارتۇقنى سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى . — ئەمما تەڭرى بىزگە «ئۇنتۇش » دىگەن بۇ سوۋغىنى بەرگەن بىلەن بىز ناھايىتى تەستە ئۇنى «سوۋغا »دەپ ئاتايمىز .چۈنكى بۇ سوۋغا ئىھتىمال ئىنتايىن چوڭ ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن ، شۇڭا تەڭرى بىزگە «ئۇنتۇش»نى ئاتا قىلغاندىن باشقا ، يەنە بىزگە باشقا نەرسىنىمۇ بەرگەن ، شۇڭا بىز ئۇنى «سوغا » دەپ ئاتايمىز . — ئۇ ئۈمۈدمۇ؟ — شۇنداق . ئۇ تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سوۋغىسى . بىزنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق ئەسلىمىمز بولسۇن ، قانچىلىك مۇشكۇلاتقا دۇچار بولايلى، بىز ھامان ئۇنتۇيمىز .يەنە يېڭى كىشلىك تۇرمۇش سەپىرگە ئاتلىنىمىز ، بۇنىڭ ھەممىسى تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىسى . توغرا ئۇ دەل «ئۇنتۇش» ۋە «ئۈمۈد» تۇر . پىراففىسورنىڭ ئۈمۈدى بولسا ــــ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى . ئۇ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ، ياپۇنىيەنى ساياھەت قىلىپ، كۆپ يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشرۇش ئىكەن . ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشرۇش ئۈچۈن ، ئۇ بىر يىلدا ئىككى قېتىملىق ئوپراتسىيەگە چىداپتۇ ، يەنە بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم خىمىيەلىك داۋالشنى قوبۇل قىپتۇ . ئاخىردا بۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىپتۇ . بۇ مىنىڭ تاڭ سەھەر ئىككىدە بومباي كوچىللىرىدا كىتېۋېتىپ ئەسلىگىنىم . ئاندىن كىيىن مەن يۇك تاقىللىرىمنى يۇدۇپ ، سالماق قەدەم بىلەن « ئۈمۈد» نى ئىسقىرتقاچ ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم .... مەن بۇ كىتابىمدا تەڭرىنىڭ سوۋغىللىرىنى قوبۇل قىلغان كىشلەر پات ئارىدا بۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلدىغان كىشلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرنى بايان قىلدىم . ئۇلار كىچىك چېغىدا ئۆزىنىڭ كىچىككىنە خاتالىقى ياكى ئەتراپتىكى كىشلەرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ،غايەت زور ئازاپقا ۋە زەربىگە دۇچار بولغانلار ، ئەمما ئۇلار «ئۇنتۇش» ۋە «ئۈمۈد» دىن ئىبارەت ئىككى سوۋغىغا ئېرشىپ ، قايتىدىن ئورنىدىن دەس تۇرغانلار . ئۇنداقتا ، ھازىردىن باشلاپ ، كۆپچىلىكنىڭ پات ئارىدا ، سەھنىگە چىقماقچى بولغان كىشلەر بىلەن بىللە ، ئالدىڭىزدىكى سوغىلارنى بىر –بىرلەپ ئېچىشنى ئۈمد قىلمەن ! شېن رېنجې
|
|