ئىككى تەستەك
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
بىر قوشنامغا
يىغىپ ھەر كۈندە تۆت مەسنى ئۆيۈڭنى سەن قاۋاق قىلدىڭ، بىراۋ كۆرسە ئويۇن، گويا ئۇنى سەھنە-راۋاق قىلدىڭ.
ئايالىڭ قاقسا خالتاڭنى، بۇلۇڭدا ئۇستىخان ئىلغاپ، ئېتىپ لاپ، سەن ئۆيۈڭنى خۇددى پۈتمەس كان، بۇلاق قىلدىڭ.
خالايىق توسسا سەن ماڭغان يامان يولدىن بېرىپ تەنبىھ، ھاراقكەشلىكنى خوپ چاغلاپ، ئۆزۈڭگە نام-ئاتاق قىلدىڭ.
چۈشەر ھويلاڭغا-ئۆگزەڭگە ئۈزۈلمەي تۈن بويى چالما، چىدالماي قاينىسا قوشناڭ، ھاقارەتنى چوماق قىلدىڭ.
خۇدۇڭنى يوقۇتۇپ تۆت سەر ئىچىپ ئۆينى كىيىپ باشقا، ئايالىڭغا بېرىپ دەشنام تالاي رەت ئۈچ تالاق قىلدىڭ.
«ئىچىشتە قەھرىمان مەن» دەپ ئۆزۈڭنى چاغلىماي-بىلمەي، يېتىپ گوداڭدا ئاغزىڭنى كۇچۇكلارغا يالاق قىلدىڭ.
ساقايساڭ بەزىدە يېشىلىپ، كۆرۈپ ھويلاڭدا «يات» ئىزنى، گۇمانىڭ قوزغۇلۇپ بىردىن ئايالىڭنى سوراق قىلدىڭ.
بۇزۇلدى ئۆيلىرىڭ نەچچە، ئېچىندىم، ئۈچ بالاڭ يىغلار، غېرىپلىق يەتتى بولغاي، دەرتتە بوينۇڭنى ساپاق قىلدىڭ.
بولۇپمەن ساڭا تام قوشنا قۇلاقنى ياردى غەۋغايىڭ، لېكىن شاد مەن، ھاياتلىقتا ماڭا ئوبدان ساۋاق قىلدىڭ.
يەنە بىر قوشنامغا
ئاتلىدىڭ ھويلا تېمىمدىن ئىشىكلىرىم ساق تۇرمىدى، شورىنى ئەتتىم تالاي چىت پۈتتى، يانتاق تۇرمىدى.
ئۆينى تاشلاپ تۆت قەدەم ماڭالمىدىم ۋەس-ۋەسىدە، ھويلىدا كىر-قات، كىيىم ھەتتاكى پايپاق تۇرمىدى.
داجىماي ئوقۇر تۈۋىدىن سىڭدۈرۈپ ئەجرىمنى مەن، كالىنى ساغسام تاۋاقتا سۈت ۋە قايماق تۇرمىدى.
باغلىرىم ئاچسا چېچەك، مېۋىلىرى ئوخشاپ راسا، مىڭ جاپادا قۇرۇتۇپ سالسام گۈلە-قاق تۇرمىدى.
ھويلىداتۆت-بەش چۆنەك كۆكتاتنى پەرۋىش ئەيلىسەم، چامغۇرى باش تارتمىدى، مۇچ، شوخلا-سامساق تۇرمىدى.
بوسۇغاڭدىن ئاتلىغان دەم تەمتىلەپ كەنجى بالام، بېشىدا پوسما يەنە قولىدا قونچاق تۇرمىدى.
قوشنىدارلىق ۋەجىدىن چاندۇرمىدۇم، لەۋ چىشلىدىم، ئاخىرى ئۆي تۆرىدە كىگىز ۋە شىرداق تۇرمىدى.
قوشنىدارلىقتىن كېچىپ كۆچتۈم يىراققا يول ئېلىپ، كۆچتى بۇ مەھەللىدىن ھېچ بىرمۇ «ئاخماق» تۇرمىدى.
قىلمىشىڭنى ئەلگە بىر ياياي دېسەم داستان قىلىپ، قاپىيە ئاز كەلدى، بۇ مىسرادا تۇراق تۇرمىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 20:01
|