پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 51|ئىنكاس: 3

ھېكمەتلەردىن تاللانما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 13:09:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنىڭ خاراپلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ.ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئىتىقادسىزلىقى،كەمبەغەللىك،جاپا-مۇشەققەت كۈچسىزلىك سەۋەب بولىدۇ.  
__ئابدۇقادىر جالالىدىن.  

جۈپتى كۆرۈمسىز ئايال بەخىتسىز ئەمەس،ياخشى يىدۈرۈپ،ياخشى كىيدۈرۈدىغان ئەركەككە يولۇقمىغان ئايالمۇ بەختسىز ئەمەس،ئېرى جەڭلەردە قۇربان بولغان ئايالمۇ بەختسىز ئەمەس،ھەتتا پەرزەنتلىك داغىنى تارتىۋاتقان ئايالمۇ بەختسىز ئەمەس،ئەمما ئوغلانىم شۇ سۆزۈم ئېسىڭدە بولسۇنكى،ئېرى ئىچكۈلۈككە بېرىلىپ كەتكەن ئايال دۇنيادا ئەڭ بەختسىز،ئەڭ غەمكىن،ئەڭ بىچارە ئايالدۇر.  
__ئاتىلار سۆزىدىن.  


ياخشىلىق قىلالمىساڭ،يامانلىق قىلما،ياخشىلىقنى بىلمىسەڭ،ياخشىلارغا قوشۇل، ياخشىلا قاتارىدا بولالمىساڭ،ياخشىلار ئەتراپىدا يۈر.  
__ئەلشىر نەۋائىي  

ئەگەر سىز ئابروي ساقلايمەن دېسىڭىز،پەزىلەتلىك ئادەملەر بىلەن يېقىنلىشىڭ،يامان توپقا كىرىپ قالغاندىن كۆرە يالغۇز ئۆتكەن ئەۋزەل.  
__ژ.ۋاشىنگتون  

بىلىڭلاركى.بۇ زامان غەبلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس.بەلكى ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر.جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس.ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر.سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس.تېرىشىش ۋە غەيرەت-ئىجتىھات ۋاقتىدۇر.  
__ئابدۇقادىر داموللام  

ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىڭ ئۈچۈن پۇشايمان قىلما،كەلگۈسىڭ ئۈچۈن غەم قىلما،پەقەت بۈگۈنكى بىر كۈنۈڭنى ئۈنۈملۈك،نەتىجىلىك ئۆتكۈزسەڭ كېيىنكى غەملىرىڭ ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.  
__دالى كارنىك  

ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ،شۇڭلاشقا تۇغۇلۇشنىڭ ئەھمىيىتى،ئۆلۈشنىڭ قىممىتى بولىشى كېرەك.  
__دانالار ھېكمەتلىرىن  

بەزى چاغلاردا كېچىكىپ ھېس قىلغانلىقىڭىزنى،ھېس قىلغان ۋاقتىڭىز شۇ ئىشنىڭ دەل ۋاقتى-سائىتىدۇر...  
ئۆگىنىش قىلىشقا ۋاقىت كەمچىللىك قىلمايدۇ،كەم بولغىنى تىرىشچانلىق!  

ئادەم ھايالىق ۋە ئەدەپلىك بولسا ھۆرمەت كۆرىدۇ.ئەدەپ ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئىشىكىنى ياپىدۇ ۋە ئادەمنى مەسخىرە قىلىش،كەمسىتىشتىن ساقلايدۇ.ئەدەپ ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە ئىنسانىي پەزىلەت بەخىش ئېتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ مىجەزىگە ئارام بېرىدۇ.ھەر زامان ئەدەپلىك بول،ئەدەپتىن دوستلۇق جۇلالىنىدۇ،مۇھەببەت زىننەت تاپىدۇ.  
__ئەلشىر ناۋائىي  


ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ گېنېرالى تورىم شۇنداق دېگەنىكەن؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان جايدا،كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى،خەلقى ۋە تارىخىغا نىسبەتەن قىزغىن مۇھەببىتى قالمايدۇ،شۇنداقلا ئارمىيە،جەڭچىلەردىمۇ باتۇرلۇق ۋە ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىشتەك مىللي روھ ئۆلىدۇ.ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندا،پۇقرالار ئۈستىۋېشى جۇل-جۇل،ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالغان سەرگەردانلارغا ئايلىنىدۇ.مۇنداق كىشىلەردە قورساق تويغۇزۇشتىن باشقا ئىستەك بولمايدۇ.  
__ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەۋسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 13:10  

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 14:37:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەۋىي ئەھمىيتى يۇقىرى بولغان تىمىكەن كەۋسەر ئەپەندىم  تىمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىپ قۇيۇڭ ھە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 15:43:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولغان ھېكمەت دوردانىلىرىكەن  رەھمەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 13:21:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكمەت دەپ چاڭقىغان دىللىرىمىزغا ھىكمەتلەرنى تەقدىم ئىتىپسىز، رەھمەت سىزگە بۇرادەر. ھەقىقەتەنمۇ قەلب تۆرىمىزگەيىزىۋالغۇدەك ھىكمەتلەر ئىكەن.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 11:26, Processed in 0.145939 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش