پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 6

خۇتۇن دېگەننى كۈنلىگۈلۈك[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 13:06:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

            

خۇتۇن دېگەننى كۈنلىگۈلۈك



بىزدە كۈنلەمچىلىكنى ھار ئالىدىغان ،كۇنلەشنى ئىشەنمەسلىك دەپ چۇشىنىۋالىدىغان ئادەت بار .كۈنلەش ماھيەتتە ئۆزى ياخشى كورگەن ياكى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان مەلۇم بىرنى يەنە بىر يات كۆزدىن قىزغىنىش بولۇپ ،ئۇ ئىشەنمەسلىكنى ئەمەس ،پاكلىقنى قوغداش ،ھايا ۋە شەرمىنىڭ ئىززىتىنى كاپالەتلەندۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ .كۇنلەمچىلىكنىڭ تېگى ئىشەنمەسلىككە ئەمەس ،بەلكى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۇرۇش ،سۇيۇش ،يالغۇز ئىگىلەش تۇيغۇسىغا تۇتىشىدۇ .ئەگەر نىكاھ يالغۇر ئىگىلەش ،ئەر خۇتۇننىڭ بىر بىرىدىن يالغۇز بەھىرلىنىشىنى ئاساس قىلمىسا ،نىكاھتا ھىسىيات ،مۇھەببەتنىڭ چېچىلىشى ۋە سۇسلىشىشى كۇرۇلۇپ ،بىر – بىرىدىن يالتىيىپ قالىدىغان ھاللار سادىر بولىدۇ .بىر چاغلاردا <كۈنلەمچىلىك كۈن ئەمەس> دەيدىغان ناخشىلارمۇ پەيدا بولغان .بىز بۇنىڭغا مىيقىمىزدا كۈلۈپ قويغانمىز .گەرچە ئۇ خۇتۇنغا ئىشەنمەسلىك ۋە ھەتتا ھەددىدىن زىيادە تىزگىنلەش ،گۇمانخورلققا ،نىسبەتەن ئېيتىلغان ناخشا بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇمۇمى ئۇردارغا نىسبەتەن سەل پەل تەنقىدى مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ زىيىنى يوق .
بۇرادەر ،ئايالىڭىز مەيلى خىزمەتدېشى بولسۇن ياكى بۇرۇنقى ساۋاقدېشى بولسۇن ۋە ياكى سودا مۇناسىۋىتىدە بولسۇن يات بىر ئەر بىلەن بىرگە يۇرسە سىزدە ئازراقمۇ قىزغىنىش ،كۈنلەش كەيپىياتى پەيدا بولمىسا بۇنى نىمە دىگۇلۇك؟ئەجەبا مۇنەۋۋەر ،لاياقەتلىك ،ياخشى ئەر – خۇتۇننىڭ يەنە
بىر ئەر بىلەن بولغان ئەركىن باردى – كەلدىسىگە ئارلاشماسلىقى ،توغرا چۇشىنىش كېرەكما ؟بەزىلەر بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ يۇز بىرىش مۇقەرەلىكىگە زامان ،دەۋىرنىڭ ئوزگۇرىشى ،تۇرلۇك ئىجتمائى مۇناسىۋەتلەرنى باھانە -سەۋەپ قىلىدۇ .ئەمما ئۇنۇتماسلىق كېرەككى ،ئوز ئىرىگە ۋە ھاياسىغا بولغان ساداقتى ئۇرغۇپ تۇردىغان بىر ئايال ھارگىزمۇ يەنە بىر يات جىنىس بىلەن بىرگە يۇرمەيدۇ ،ئۇچىراشمايدۇ .ھەدسىلەردە بىر يات ئايال بىلەن بىر يات ئەر بىرگە تۇرغاندا ئۇلارنىڭ قېشىدا شەيتانمۇ بىرگە ھازىر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.سالىھ ئايال دوستلىرىدىن بىرەرىنى ياكى ئوزگۇرۇشنى ھەمىراھ قىلىپ تۇرۇپ يەنە بىر يات جىنىس بىلەن بولغان ئىجتمائى ئالاقىنى نورمال ئېلىپ بېرىشنى ئىرىگە بولغان ھورمەت ،ئوزىگە بولغان ئىززەت ،ئائىلىسىگە بولغان نۇمۇس دەپ بىلىدۇ .
بۇرادەر ،ئايالىڭىز يەنە يات جىنىس بىلەن قول تۇتۇشۇپ ،بەل تارتىشىپ قۇچاقلىشىپ تانسا ئوينىسا سىزدە ئازراقمۇ قىزغىنىش ،كۈنلەش ھىسىياتى ،ئارامسىزلىنىش ،قىزىرىش ،ئۇيىلىش كەيپىياتى ئوۇغانمامدۇ ؟ئايال ئەر كىشى ئوزىلا بەھىرلىنىدىغان ،مەنپەتلىنىدىغان مۇتلەق نېئمەت .<ئاياللار ئەرلەرگە جانابى ھەقنىڭ ئامانىتىدۇر>.ئامانەتنى ئوز ئىگىسىگە قايىدا يەتكۇزۇش ئۈچۈن چىڭ ساقلىماق زۆروردۇر.ئاماناتنى خالىغان بىرىگە كورسىتىپ ،تۇتقۇزۇپ ،سىيلاتقۇزۇپ ،ھۇزۇرلاندۇرۇۋەرسىڭىز ئاماناتكە خىيانات ،جىنايەت ئۇستىگە جىنايات ئوتكۇزگەن بولىسىز .جەزمەنكى ،يات جىنىسلارنىڭ تېنى بىلەن تولا ئۇچۇراشقان ئايال ئەڭ ئۇڭاي بۇزىلىدۇ ئىشەنمىسىڭىز ،ساپمۇ ساق ،تۇلۇپ پىشقان ئالمىنى ھەر كۇنى تۇتۇپ ،،سىيلاپ قۇيۇڭ .تۇتۇۋەرسە ھەپتىگە قالماي ساق ئالمىمۇ سېسىيدۇ .بۇرادەر ،ئايالىڭىز قىسقا ،تار كىيىملەرنى قاپساپ كىيىپ ئۆز زىننەتلىرىنى كۆز – كۆز قىلىپ ماڭسا ،يۇتا –كىندىكلىرىنى ئۇچۇق تۇرسا ،يات ئەرلەر تۇكۇرۇكىنى غۇرتۇلدىتىپ يۇتۇپ ،ئارقىسىدىن ئۇغۇرلۇقچە شەھۋەت نەزەرلىرى بىلەن قاراپ يۇرسە سىزدە كۈنلەش ،قىزغىنىش ،غەزەپ ھىسىياتى ئويغانمامدۇ ؟ئايالىڭىزنىڭ ھەركەتلىرىنىڭ يات جىنىسلىقلارنىڭ شەھۋىتىنى قوزغىتىشى سىزنى نۇمۇسسىزلاندۇرمامدۇ؟ياكى ھەممە ئېغىزنى تامشىتىپ ،تىل چاكىلدىتىپ ئايالىڭىزنىڭ گۇزەللىكىنى ،چىرايلىغلىقىنى ماختاپ قويسا ،خوشلىقتىن كېرىلىپ كىتىدىغان مەنتەڭ مىجەز ئەرلەردىنمۇ سىز ؟.........
ياراتقۇچىدىن ھايا ،نۇمۇس تىلەيمەنكى ،قېنىم ئەرلەر خۇتۇنىڭلارنى ئاز – تولا كۈنلەپ قۇيۇڭلار .ئەگەر ئۇلارنى ھەقىقى سويسەڭلار ۋە ئىززەتلىسەڭلار ،ئۇلارنى يامان كوز ،ئىپلاس غەرەز ، بۇزۇق نىيەتلەردىن ساقلاڭلار.بۇ ھەرگىزمۇ ئىشەنمەسلىك ئەمەس ،بەلكى ئىشىنىشنى چىڭىتىش ،نىكاھقا گۇمان ئەمەس ،نىكاھقا مەسئۇلىيەت ۋە تەلەپتۇر.بۇگۇن ئايالىڭىزنىڭ بىھايالىقىنى ئازراقمۇ كۈنلىمىسىڭىز ،بەلكىم ئەتە ئۇنى كۇرۇشكىمۇ تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن .تاپتىن چىققان ئاياللارنىڭ كەينىدە خۇتۇنلىرىنى كۈنلەشنى بىلمەيدىغان ،خۇتۇننىڭ ھەر قانداق ھەركىتىگە لاتلارچە ھۆرمەت ،خۇمسىلارچە ئىلمىيلىك بىلەن يول قۇيۇۋىردىغان ،قىسقىسى خۇتۇننى ھەقىقى ماھيىتى بىلەن سۆيۇش ، قوغداش ،قەدىرلەش،خۇتۇننىڭ ئىززەت – نەپىسىنى ساقلاش ،قوغداشنى بىلمەيدىغان يارامسىز ئەرلەر باردۇر .
باشقىلار كۈنلىمەڭ ،ئۇمۇ بىر تىرىك جانغۇ ،دەيدۇ .مەن لايىقىدا كۈنلەڭ ،چۈنكى ئۇمۇ تىرىك جان دەيمەن .

            نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ <ئەرلەرگە 101 تەكلىپ > دىگەن كىتاپتىن
            ئېلىندى .
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 14:38:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك يخشى تىمىكەن رەخمەت سىزگە كەۋسەر ئەپەندىم . بۇ تىمىدىن بىزنى خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 16:35:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەر كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار ،خۇتۇن كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر » مۇنداق گەپنى ئاڭلىغانىدىم ...
نىمىلا دىمەيلى لايىقىدا بولغىنى ياخشى...

باھا سۆز

火山 قۇشۇلىمەن~!  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 08:19:16
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 18:36:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
asrar يوللىغان ۋاقتى  2012-8-24 16:35
«ئەر كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار ،خۇتۇن كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر »  ...

«خۇتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار ،ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر » دىيىلگەنمىكىن
ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋالمىقى ئاسان ،ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋالمىقى سەل تەس شۇڭا شۇنداق دىيىلگەنمىكىن دەيمەن ،
رەھمەت تېما ئىگىسىگە !!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 08:20:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر! ئايال كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار دەپ ئاڭلىغان ئىدىم !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
639 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
386 سەر
شۆھرەت
402 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 21:29:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆز ئارا ئىشىنىش مۇھىم ،بىھۇدە كۈنلەش كۈڭۈل ئاغرىقى ئېلىپ كىلىدۇ خالاس .شۇڭا ھەر قانداق ئىش لايىقىدا بولغان ياخشى .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 13:25:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇنلەش- مۇھەببەتنىڭ ئىپادىسى. لىكىن ئۆز لايىقىدا بولغىنى ياخشى.
كەۋسەر ئەپەندىمنىڭ بۇ تىمىسىنى ئۆز خوتۇنلىرىنى توزدەك ياساپ قويۇپ، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىدىغان يارىماس ئەرلەرگە بىرىلگەن سىگنال دەپ ئويلايمەن
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:15, Processed in 0.189407 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش