پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 84|ئىنكاس: 4

ئالداندىم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 13:01:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالداندىم

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

ئالدانماپتىم شەيتانغا، بىر شەيتانغا ئالداندىم،
شەيتان دېسەم راست دېمەڭ، بىر ئىنسانغا ئالداندىم،
ماڭا يوچۇن–ناتونۇش بىر«مېھمان»غا ئالداندىم،
ئاقىل ساناپ ئۆزەمنى بىر نادانغا ئالداندىم،
نەخنى دېسەم قاراقوساق بىر نىمجانغا ئالداندىم،

ئاڭلاپتىمەن دەردىنى كەلسە ماڭا ھال بىلەن،
شېكەر تۆكۈپ ئاغزىدىن تۇرسا تېخى بال بىلەن،
ئۇچراشقاندەك ئېقىندا غەرق بولغان چال بىلەن،
ئون دەريادىن ئۆتكۈزۈپ جاندىن كېچىپ سال بىلەن،
يول تاپالماي يۈرگەن بىر سەرگەردانغا ئالداندىم.

تۆكسە بالا دەردىنى گەپنى باشلاپ تۇغقاندىن،
شۇنچە خۇشھال بوپتىمەن تۇغقىنىمنى ئۇققاندىن،
بالا تاشتى بىر نامەرت ماڭا شۇنداق يۇققاندىن،
ئاخىر تاپتىم ھۇشۇمنى كارنىيىمنى بوغقاندىن،
ئالداندىميۇ، بىردەملىك ھاياجانغا ئالداندىم.

«ئوقۇتقانتىم قىزىمنى چىقالمىدى خىزمەتكە،
ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالدى ناھەق ھەسرەتكە،
دېھقان ئادەم زادىلا چىدالمىدىم بۇ دەرتكە»،
دېسە باغرىم ئېرىپتۇ بۇخۇمسىغا-نامەرتكە،
ئادەم ئەمەس نەسلى پەس بىر ھايۋانغا ئالداندىم.

شىپە قىلىپ خۇدانى بەرسە ماڭا ۋەدىنى،
دوڭغايغاندىن ئېگىلىپ تۇرسا ئۇنىڭ گەدىنى،
قانداق قۇلاق يوپۇراي ئاڭلاپ ئۇنىڭ دەردىنى؟
ئىلىك ئالدىم بۇ ناكەس-نا ئەھلىنىڭ ئەھدىنى،
خۇداغىمۇ ئىخلاستا دەرگۇمانغا ئالداندىم.

چۈشەنگەچكە زاماننى مېڭىپتىمەن يولىنى،
تونۇش ئىزدەپ چوڭلاردىن تۇتۇپ مەھكەم قولىنى،
ئۇرۇپ ھارماي تېلېفۇن چىقارمىسا چولىنى،
پۈتتۈرگەندە ھەرەجدە ئىشنىڭ ئوڭى-سولىنى،
ۋىجدانىنى سېتىۋەتكەن بى ئىمانغا ئالداندىم.

ئىشى پۈتتى، ئۇچراشساق قولى نەدە، سالام يوق،
قۇلۇپلانغان ئېغىزى «رەھمەت» دېگەن كالام يوق،
ئويلاپ باقسام ئويىدا دەيدۇ: «ئەمدى چالام يوق،
ئەمدى خىزمەت ئىشى يوق، ئەمدى مېنىڭ بالام يوق»،
بىر نومۇسسىز-شەرمەندە بەد زۇۋانغا ئالداندىم.

باردىم ئاخىر ئامال يوق ئۆزۈم ئاڭا ھال ئېيتىپ،
ئىش پۈتتۈرگەن چوڭلىرىم تۇرغاچ كۈندە گال ئېيتىپ،
يالۋۇرۇشتىن قوللىرىم تالدى تولا شال ئېيتىپ،
«رەمدە شۇنداق!» دېدى ئۇ، مانا ئەمدى پال ئېيتىپ،
چۆنتەك ئۆرۈپ مىڭ پاتمان پۇشايمانغا ئالداندىم.

شاخلار قۇرۇق بېغىمدا، ئەمدى قۇرۇق باغ قالدى،
قورۇمىلار يېيىلىپ دۇغى بىلەن ياغ قالدى،
كەكلىك، ئۇلا، بۇغا يوق، ماڭا ئەشۇ تاغ قالدى،
ئاللدىنىشتىن يۈرەكتە ئازاب قالدى-داغ قالدى،
ئادەمىيلىك-ئەرلىكتە بىر  گۇمرانغا ئالداندىم!!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 13:01  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 3 + 5 + 5

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 3 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 14:45:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا بەك ياخشى يېزىپ قۇياپسىزدە  . رەخمەت سىزگە . ئالاھىدىن ئاكا ھازىر جەمىيەتتىكى  كىشىلەرنى زادىلا چۈشۈنۈش بىر ئاز قىيىنغا توختايدۇ.بەزى كىشىلەرنىڭ دىلى ئىنتايىن يۇمشاق   ئەمما ئۆز كوڭلىدىن زەھەر نى چېچىپلا تۇردۇ..ئەنە شۇلار ئىچىدە جان ساقلاشقا تۇردىغانلار بەك كوپ . ئۇلاردا ۋىژدان غورور دىگەن نەرسە پەقەتلا يوق.  بۇ يازمىللىرىڭىزدا شۇ ناچار كىشىلەرنى قامچىلاپسىز .  شۇڭا بىز تۇرمۇشتا دوس بىلەن دۈشمەننى ئىنىق ئايرىپ يۈرشىمىز ئىنتايىن زۈرۈل . رەخمەت سىزگە .شۇڭا ھەممەيلەن ھۇششىيار بۇلايلى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 14:47  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 16:43:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

l

مۇنبەردىكى ساتىرا ،فىليەتونلىرىڭىز ئارقىلىق جەمىيەتنىڭ مەلوم بىر تەرىپىدىكى باشقىلار دىيەلمەيۋاتقان ناچار -خائىشلارنى قامچىلاپ كىلىۋاتىسىز ...ئىجادىيىتىڭىزنىڭ تىخىمۇ بەركەتلىك بۇلۇشىنى تىلەيمەن .
ئالدامچى تەخت قىپ تەخسىنى،
چىققىن دەر ،يا سىنى ،يا مىنى.
چىقتىڭمۇ تەخسىدەك تەختكە ،
بىر يوللا گۇم قىلار ھەممىنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 16:44  

ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:57:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىلغان شېئىركەن . قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولغاي ھارمىغايسىز ....رەھمەت سىزگە !!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:13:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەملىرىڭىز دۇلدۇل ئىكەن ئاكا ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ ئىلگىرى كەلگەي ~
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 11:11, Processed in 0.169438 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش