پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 0

ئابلىز ئابدۇرشىت نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 12:59:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابلىز ئابدۇرشىت  نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى








      ئابلىز ئابدۇرېشىت شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدە بەلگىلىك ئورنى ۋە تەسىرى   بار تالانتلىق سەنئەتكاردۇر . ئۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان كۆپلىگەن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئوخشىمىغان خاراكتېر ۋە كەچۈرمىشىگە ئىگە ھەر خىل ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى چىن ھېسيات ، يۇقىرى ماھارەت بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ كەسىپداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە تاماشىبىنلار قەلبىندىنمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى .
ئابلىز ئابدۇرېشىت 1971 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خوتەندە تۇغۇلغان . ئۇ سەنئەتتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن 1986 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىغا قۇبۇل قىلىنىپ ئۆزبېك راۋىپى كەسپىدە تۆت  يىل ئوقۇدى . ئۇ 1990 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىغا تەقسىم قىلىندى .
      قەلبىدە ئۇلۇغۋار ئارزۇ - ئارمانلار دولقۇنلاپ تۇرغان كىشىلا ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل پۇرسەتلەرگە ئېرىشمەي قالمايدۇ . سەنئەت ساھەسىگە يېڭىلا قەدەم قويغان ئابلىز 1992 - يىلى 6 - ئايدا ئۆزىنىڭ تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن « مۇھەببەت مەستانىلىرى » ناملىق ھېكايە فىلىمىدە رول ئېلىشقا تاللىنىپ قېلىشنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى . ئۇ بۇ فىلىمدە مۇرات ئوبرازىنى خېلى
مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ ئۆزىنىڭ كىنوچىلىقتىكى تۇنجى ئېكران ھاياتىنى باشلىدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئابلىز كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ جاسارەت ۋە تالانت بىلەن رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ كۆپلىگەن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئوخشىمىغان ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى تەسىرلىك يارىتىپ تاماشىبىنلار ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان داڭلىق كىنو چولپىنىغا ئايلاندى . ئابلىز ھازىرغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ « جۇشقۇن ياشلىق » ، « باياۋانغا كەلگەن مېھمان » قاتارلىق كۆپلىگەن كىنو فىلىملىرى ، « تۇمانلىق سەھەر » ، « ئاخىرقى كۆل » ، « تىمتاس گۇگۇم » ، « ماھىرەنىڭ ھەسرىتى » ، « مۇھەببەت ھېكايىسى » ، « ئۈچ ئوغۇل » ، « تۆھمەت قۇربانى » ، « ھەسرەتلىك ھايات » قاتارلىق 20 گە يېقىن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئېلىپ ئوخشىمىغان خاراكتېر ۋە كەچۈرمىشكە ئىگە پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى ئىنتايىن جانلىق ۋە تەسىرلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى . ئۇنىڭ پىشقان ئورۇنداش ماھارىتى ئارقىلىق كۆپلىگەن پېرسوناژلار بەلگىلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ شۇ فىلىمنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى . بۇنىڭ جانلىق مىساللىرىدىن بىرى شۇكى ، ئابلىز 1995 - يىلى ئىشلەنگەن « تۇمانلىق سەھەر » ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا خىرۇئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شوغۇللىنىپ نۇرغۇن ھارام پايدىغا ئېرىشكەن ، نۇرغۇنلىغان ياش قىز - يىگىتلەرنى خىرۇئىن بىلەن زەھەرلەپ   ئۇلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغان ، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان خالىق بايۋەتچىنىڭ ئوبرازىنى ئىنتايىن جانلىق ياراتقانلىقى ئۈچۈن تاماشىبىنلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى . 1998 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئابلىز ئابدۇرېشىتنىڭ سەنئەت ھاياتىدا كىشىلەرنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالىدىغان يەنە بىر يېڭى بەت ئېچىلدى . ئۇنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى تەسىرى ۋە شۆھرىتىمۇ دەل شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى . چۈنكى شۇ يىلى ئابلىز تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيىسى ئىشلىگەن 6 قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى « ئاخىرقى كۆل » دە سىدىق شۇجىنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى تەسىرلىك ۋە تۇرمۇشلۇق يارىتىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي تالانتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى . سىدىقنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسى ، مۇھەببەتكە تولغان قەلبى ، يۇرتداشلىرى ئالدىدىكى ئىرادىسى ھەم مەجبۇرىيىتى ، خۇراپاتلىق ھەم نادانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن نۇسرەت ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇشلىرى ، ھېچكىم تىكىلىپ قارىيالمىغان يۇرت ئاقساقىلى سەمەت غۇجام بىلەن تېغمۇ - تىغ ئېلىشىشى قاتارلىقلارنى يۇرۇتۇشتا ئابلىز باشتىن - ئاخىر بىر خىل كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ھەقىقىي سەنئەتكارغا خاس بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئوبراز يارىتىپ فىلىمگە ئۆزگىچە ھاياتى كۈچ ۋە رەڭدارلىق بېغىشلىدى . دېمەك ئۇ « ئاخىرقى كۆل » فىلىمى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقىي سەنئەتكارغا ئايلاندى . بۇنىڭدىن باشقا ئابلىز بىر قانچە يىلدىن بۇيان رېژىسسورلۇق كەسپىگە ئىشتىياق باغلاپ « ئاقىۋەت » ، « مۇھەببەت ھېكايىسى » ، « ئارزۇ » ، « ئۈچ ئوغۇل » قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ، « مەلىكەم » ناملىق MTV، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقاملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان « بايات مۇقامى » غا رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزىنىڭ رېژىسسورلۇق كەسپىدىكى تالانتىنىمۇ نامايان قىلدى . ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان مۆمىنجان ئابلىكىم ئىجراسىدىكى « مەلىكەم » ناملىق MTV بىلەن ، « ئۈچ ئوغۇل »ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە « بايات مۇقامى » ناملىق فىلىم سەنئەت ساھەسىدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى .
شۇنداقلا تاماشىبىنلار ئارىسىدىمۇ زور تەسىر قوزغىدى . ئۇيغۇر كىنو - تېلىۋىزىيە ساھەسىدە خۇددى قىران بۇركۈتتەك پەرۋاز قىلىۋاتقان بۇ ياش كىنو چولپىنى ، تۇنۇلغان رېژىسسور 15 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە سەنئەت ساھەسىدە ھەقىقەتەنمۇ زور تەسىر قوزغاپ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى . « ئاخىرقى كۆل » فىلىمىدىكى سىدىقنىڭ تەقدىر ، مۇھەببەت ھەققىدە تارام - تارام كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ نۇسرەتكە قەلب ئىزھار قىلغان ، نۇسرەت بىلەن جىمجىت توغراقلىقتا كېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا ئۈمىد ھەم ئىشەنچ بېغىشلىغان ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم غەيۋەتچى ئاياللار نۇسرەتكە ھاقارەت قىلغاندا مەردانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇلارنى توسىغان ، نۇسرەت خۇراپاتلىق ، نادانلىق ۋە قۇرۇق تۆھمەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقاندا ئېغىر قايغۇدىن چوڭقۇر ئازابقا پاتقان ، مەھەللىدە ھېچكىم تىكىلىپ   قارىيالمىغان ئاتالمىش يۇرت مۆتىۋىرى سەمەتخان غوجامنىڭ ھەقىقىي ئەپتى - بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان بىر قاتار تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر شۇنداقلا ئۇ رول ئېلىشقا قاتناشقان باشقا كۆپلىگەن فىلىملەردىكى قەلىبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان جانلىق ، تەسىرلىك ئوبرازلار ئابلىز ئابدۇرېشىتنىڭ كىنو - تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا زور شان - شەرەپ ئاتا قىلدى . خەلق ئۇ ياراتقان خىلمۇ خىل تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەردىن چوڭقۇر ھاياجانلاندى . ئۇ ھازىر چىن ئىخلاس ، چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن ئۆزى كۆزلىگەن ئۇلۇغۋار نىشاننى بويلاپ ئۈن - تۈنسىز ئىلگىرىلىمەكتە .
      ئابلىز ئابدۇرېشىت شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدە بەلگىلىك ئورنى ۋە تەسىرى   بار تالانتلىق سەنئەتكاردۇر . ئۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان كۆپلىگەن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئوخشىمىغان خاراكتېر ۋە كەچۈرمىشىگە ئىگە ھەر خىل ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى چىن ھېسيات ، يۇقىرى ماھارەت بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ كەسىپداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە تاماشىبىنلار قەلبىندىنمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى .
ئابلىز ئابدۇرېشىت 1971 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خوتەندە تۇغۇلغان . ئۇ سەنئەتتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن 1986 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىغا قۇبۇل قىلىنىپ ئۆزبېك راۋىپى كەسپىدە تۆت  يىل ئوقۇدى . ئۇ 1990 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىغا تەقسىم قىلىندى .
      قەلبىدە ئۇلۇغۋار ئارزۇ - ئارمانلار دولقۇنلاپ تۇرغان كىشىلا ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل پۇرسەتلەرگە ئېرىشمەي قالمايدۇ . سەنئەت ساھەسىگە يېڭىلا قەدەم قويغان ئابلىز 1992 - يىلى 6 - ئايدا ئۆزىنىڭ تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن « مۇھەببەت مەستانىلىرى » ناملىق ھېكايە فىل
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 11:23, Processed in 0.131678 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش