پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 66|ئىنكاس: 3

ئوقۇتقۇچى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 1

قىزغىنلىق
129 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
98 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:04:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى،دۇنيادائوقۇتقۇچىلىقتىن باشقا ئالىي جاناپ خىزمەت يوق.چۈنكى ئالىم ،يازغۇچى،قۇماندان،دۇختۇر -مۇتخەسىسلەرنىڭ ھەممىس،ئوقۇتقۇچى مىھنىتىنىڭ مەسۇلىدۇر.
ئوقۇتچۇچىنىڭ ھۇجىدىدا ئىككى مۇھەببەت رىشتىسى بار.بىرى كەسىپكە بېغىشلانغان مۇھەببەت،يەنە بىرى،بولسا ئىلىمگە بولغان مۇھەببەت.
ئۇ ئىنسان قەلبىگە تۇجى  مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمىنىنى يۇرىتقىچى قۇياش،مىللەتنىڭ باغۋىنى،دۈلەتنىڭ مۇرەببى.
ئوقۇتقۇچى ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم -پەن دۇنياسىدىكى  تۇنجى ھاسىسى! ئۇئىلىم -پەن خەزىينىسىنىڭ  ئالتۇن ئىشكىنى ئاچقۇچى،ئەقىل دۇردانىلىرىنى ئاچقۇچى، ھىكمەت  قامۇسىنىڭ مەنىلىرىنى يەشكۈچى،تارىخ بىلەن ماكان،ئارىسىداپەرۋاز قىلىپ،مۇتەپەككۇرلار بىلەن سۈزلەشكۈچى،ھەقىيقەت مەرۋايىتلىرىنى تەشكۈچى پىداكار جەڭچى،مىھرىبان ساپ قەلىپ ئىگىسى.
ئوقۇتقۇچى ئەزىز لەنگەن جاي -دەل بەخىش قۇشى بولغان ئەنقانىڭ تۇخۇم باسقان  ماكانىدىن ئىبارەت.ئوقۇتقۇچى ئەزىز لەنمىگەن جاي-ئاتۇن كۈمۇلگەن خارابى ئۈستىدە ھۇقۇش ھۇلايدىغان ماكاندىن ئىبارەت.
شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنى ئىنسان قەلبنىڭ ئىنجىنىرى ،تىل سىماتنىڭ  ئاچقۇچى،ئەڭ ئالى مۆتىۋەر دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.

    بۇ ئەسەر، جەۋھەرلەرقامۇسىدىكى تەرمىلەرگە بىرلەشتۈرلۈپ يېزىپ چىقىلدى.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
947 سەر
تىللا
672 دانە
تۆھپە
711 سەر
شۆھرەت
819 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:34:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلار قانچىلىق تەرىپلىسە ئەرزىيدۇ. ئۇلارنىڭ جاپاسى ھەقىقەتەن كۆپ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 14:04:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلنى قەدىرلەش ۋە قوغداش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى! ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسىنى توغرا ئىگەللەش ۋە توغرا قوللىنىش بولسا ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش ۋە قوغداشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىپادىسى!
ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار: «بايقاش» مۇنبىرى مائارىپ مۇنبىرى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار مۇنبىرى. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭغا ھەرخىل ئەسەر، دەرس بايلىقلىرى ۋە باشقا ھەرخىل يازما، ئىنكاسلارنى يوللىغۇچىلار ئاساسەن ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلاردۇر. ئەلۋەتتە، بۇ مۇنبەرنىڭ ئىشتىراكچىلىرىمۇ ئاساسەن ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، باشقا ساھەلەردىكى تور ھەۋەسكارلىرىنىمۇ بۇ مۇنبەرگە كىرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىز ئەلۋەتتە  ئوقۇتقۇچى-ئۇستاز بولۇش سالاھىيىتمىز بىلەن ئانا تىلنى قەدىرلەش ۋە قوغداشنىڭ ئۆلگىلىرىدىن بولۇشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەقەللىيسى تىلىمىزدىكى 32 ھەرپتىن تولۇق ساۋات چىقىرىپ، بولۇپمۇ، 8 سوزۇق تاۋۇش بىلەن تولۇق تونۇشۇپ، تىلىمىزنىڭ يېڭى ئىملا قائىدىسىنى ئۆگىنىۋېلىپ، تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن بۇ مۇنبەرگە ھەرخىل ئەسەر، دەرس بايلىقلىرى ۋە باشقا ھەرخىل يازما، ئىنكاسلارنى يوللىشىمىز لازىمدۇر. بۇ جەھەتتە، باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك.
ئەمدى «ئوقۇتقۇچى» دېگەن كىچىككىنە بىر يازمىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەپسۇسلانماي قالمايمىز:
ئىنجىنىرى (ئىنژېنېرى)، ئالىي جاناپ (ئالىيجاناپ)، قۇماندان (قوماندان)، دۇختۇر (دوختۇر)، مۇتخەسىسلەرنىڭ (مۇتەخەسسىسلەرنىڭ)،  ھەممىس (ھەممىسى)، مىھنىتىنىڭ (مېھنىتىنىڭ)، مەسۇلىدۇر (مەھسۇلىدۇر)، ھۇجىدىدا (ۋۇجۇدىدا)، كەسىپكە(كەسپكە)، تۇجى (تۇنجى)، مەدىنىيەت (مەدەنىيەت)، يۇرىتقىچى (يورۇتقۇچى)، دۈلەتنىڭ (دۆلەتنىڭ)، خەزىينىسىنىڭ (خەزىنىسىنىڭ)، ھىكمەت (ھېكمەت)، سۈزلەشكۈچى (سۆزلەشكۈچى)، ھەقىيقەت (ھەقىقەت)، مىھرىبان (مېھرىبان)، قەلىپ (قەلب)، بەخىش قۇشى (بەخت قۇشى)، ئاتۇن (ئالتۇن)، كۈمۇلگەن (كۆمۈلگەن)، ھۇلايدىغان(ھۇۋلايدىغان)، تىل سىماتنىڭ (تىلسىماتنىڭ)، ئەڭ ئالى (ئەڭ ئالىي).
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3قوللايمەن!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 16:09:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2012-8-24 14:04
ئانا تىلنى قەدىرلەش ۋە قوغداش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ ب ...

توغرا دەيسىزalahidin ئەپەندىم  . بىز ئوقۇتقۇچىلار گەپ -سۆزدە ، تىل -يېزىقتا ۋە باشقا تەرەپلەردە ھەممىگە ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك . شۇندىلا خەلق ئارىسىدا ھەقىقى ھۆرمەتكە سازاۋەر ، خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولالايمىز.چۈنكى بىز ئادەم تەربىيلىگۈچى ..........
تېما  ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 10:03, Processed in 0.124336 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش