- تىزىملاتقان
- 2012-7-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-9
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 342
- نادىر
- 0
- تېما
- 8
- يازما
- 20

- يوقلىما
- 13
قىزغىنلىق- 84 سەر
تىللا- 42 دانە
تۆھپە- 58 سەر
شۆھرەت- 54 سەر
| <<بىزنى بۇزغان جەمىيئەت>> ساتىرا
(خەنجەر ) يازماقچىمەن تورداشلارئوقۇپ بېقىڭ بىر غەزەل ، تۆلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ مىللەت ئۈچۈن زور بەدەل . بىللە يىسە غۇرىنى ،تېتىيدىكەن قەن ھەسەل ، تەڭ تارتايلى بۇدەرتنى <<بىز ھەممىمىز جەمئىيەت >> قاراپ باقسام جاھانغا، ئادىل ئىكەن سىياسەت، ئىنساپ قالماي خەقلەردە ئۆزگەرمەكتە قىياپەت. قۇياشقىمۇ ئايغىمۇ چۇشۇپتىمىش ،جاراھەت، ئىنساپسىزنى كۆپەيتىپ ،<<بىزنى بۇزغان جەمئىيەت>>. نەچچە قىزلار مودا دەپ ئۇچۇق قويدى مەيدىنى ، ئىشتانلىرى پاتمىسا يىرتىپ كەيدى كەينىنى . قاۋاقلاردا كۆرۇشۈپ ھەتتا سېرىق< دەي >لىنى، سەبى كېچىك قىزلارنى <<بۇزىۋەتتى جەمئىيەت >>. ئۇچۇر دەۋرى دەپ يۈرۈپ ئۇچۇرۋەتتۇق كوپتىنى ، خۇددى كالتە ئىشتاندەك كىيىۋالدۇق يوپكىنى. ئېسىۋالدۇق مۆرىگە ھەرخىل رەڭلىك سومكىنى ، رەڭسىزنى رەڭلىك قىلىپ ،<<بۇزىۋەتتى جەمئىيەت >>. ئۇتتۇرۋەتتى نەچچىسى خۇتۇنىنى دو ،تىكىپ ، خاراپ بولدى نەچچىسى ئىچكىرلەردە ئاق سېتىپ . چىكىپ تۇرۇپ نەچچىسى ،قاپتىمىش شامدەك قېتىپ ، ياشلارنىمۇ ياشارتماي ،<<بۇزىۋەتتى جەمئىيەت >>. ئېغىز ئاچسا ھايادىن خۇراپىي دەپ تىللىدۇق، چىرايلىقنى ھەممىمىز رىستۇرانغا چىللىدۇق . چىرايلىقنىڭ ئىچىدىن ،ئەڭ (مودىسنى )خىللىدۇق . ھايالىقنى ھايۋاندەك <<قىلىپ قويدى جەمئىيەت >>. ئەر-ئايالدا ئەسلىدە <<نىكاھ>> دىگەن ئامانەت ، ئامانەتكە نەچچىمىز قىلمىدۇقمۇ خىيانەت. پاھىشەلەر كۆپىيىپ ئۆتكۈزمەكتە جىنايەت . نى-نى ساددا قىزلارنى <<بۇزۇپ قويدى جەمئىيەت >>. مۇسۇلىمانغا ئەزەلدىن زىنا بار دەپ كىم دەپتۇ؟، قىيامەتنىڭ غېمىنى ئېيتىپ بېقىڭ كىم يەپتۇ ؟. ئاخىرەتتىن تىرىلىپ ھازىرغىچە كىم كەپتۇ؟ ۋىجداننى ھەم ئىماننى <<بۇزۇپ قويدى جەمئىيەت >>. كۈندە كۆردۇق ئىلاندىن ئىخلاس ،ئارمان شىركەتنى ، مۇسۇلمانغا ئاللاھمۇ بىرىدىكەن ،بەركەتنى . يۇقاتمايلى ھەممىمىز ،ۋىجداننى ھەم ھۆرمەتنى . يول تاپقانغا ،يول بەرسۇن ھەم توسمىسۇن جەمئىيەت . بۇزىۋەتتى جاھاننى نەچچە باشلىق پارە يەپ ، خىيالىغا كىرمەيدۇ كىم سايلىغان بىزنى دەپ . ئېتىۋەتسا ھۆكۈمەت مىڭىسىنى نەق چەنلەپ ، پارىخورلار يۇقالسا ئوڭشىلاتتى جەمئىيەت . يېزىپ قويدۇم تورداشلار ئاز تۇلا شىئىر- قۇشاق ، يېنىكلەيدۇ ھەسرىتىم توردا مۇڭدىشىپ تۇرساق . شۇڭلاشقىمۇ مەن تېخى توي قىلمىغان بىر بويتاق . توي قىلىمەن بىركۈنى ئوڭشالغاندا جەمئىيەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 19:08
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 10 تۆھپە + 10 شۆھرەت + 10 باھا خاتىرىسى
|