پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
110
قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 14:38:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈن كۆرمىگەن كۈن كۆرسە كۈندۈزى چىراق ياقار.
**
كىشىنى بىلگەن ئاقىل، ئۆزىنى بىلگەن دانا.
**
كىشىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرىمەن دەپ، ساقىلىنى كۆيدۈرۈپتۇ.
**
گەپ قىلساڭ ۋالاقلايسەن دەيدۇ، ئىش قىلساڭ پالاقلايسەن دەيدۇ.
**
ماختانچاق بىلىمسىزنى دوست تۇتار.
**
ماختانچاق بىكارچىغا ئويۇنچۇق.
**
مالسىزلىقتىن ئاڭسىزلىق يامان.
**
ماڭالماس ئېتىدىن كۆرەر، يازالماس خېتىدىن كۆرەر.
**
موزاي ئانىسىنى تونۇماس.
**
نادان ھولۇقسا ئەقلى دۈمبىسىگە چىقار.
**
نادانلىق_ قاراڭغۇلۇقتىن يامان.
**
ناداننىڭ بەختى بىردەملىك،خاپىلىقى داۋاملىق.
**
ناداننىڭ ئوبدىنى كالا، ئەسكىسى توڭگۇز.
**
نادان سۆيگەننى بىلمەس،ئەخمەق كۆيگەننى.
**
نادانلىق نامراتلىقنى چىللار، ھورۇنلۇق مۇشەقەتنى.
**
ناداننىڭ ئەيىبىنى ئاقىل تۈزەر.
**
نادانغا ئېيتقان ئىسىت سۆزۈم، ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت كۆزۈم.
**
نادان يۇرتتا موللا تولا.
**
نادان بىلەن تەڭ بولساڭ ئېتەك-چۆرەڭ پوق بولۇر.
**
ناداننى تۆرگە تەكلىپ قىلساڭ، چورۇق بىلەن چىقار.
**
نوغۇچ بىلەن ئوت پۈۋلىسە يەل ماڭماس.
**
ھاڭۋاقتى ئاغزىدىكىنى ئالدۇرار.
**
ھارغان ئات دۆڭگە چاپار.
**
ھاماقەتنى ھاي دىمەڭلار، ئۆزى ھارغاندا توختايدۇ.
**
ھۆكۈم سۈرسە نادانلىق، داناغا يوق ئامانلىق.
**
ئۆچكە تۇغۇلمايۋىتىپ قويغا ئانا بوپتۇ.
**
ئىشتانسىزغا ئاغ زايە، ئەقىلسىزغا جان.
**
ئىنەكنى تۇغدۇرۇپ سۈتىنى ئال، ناداننى ئىشلىتىپ كۈچىنى ئال.
**
ياخشى نىيەت دىتتىن چىقار، يامان نىيەت دۆتتىن چىقار.
**
ياماننى ياخشى قىلىش دانانىڭ ئىشى، ياخشىنى يامان قىلىش ناداننىڭ ئىشى.
**
يول بىلمەسكە يول تار كىلەر، ئۇسۇل بىلمەسكە سورۇن.
**
يەتتە ئۇرۇقىنى تونۇمىغان-قۇلدۇر، يەتتە ئۇرۇقىنى تونۇمىغان- يېتىمدۇر.
**
مەنبە:ھېكمەت دۇردانىلىرى مەجمۇئەسى

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 15:45:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسى بىرسىدىن ئېسىل ھېكمەتلەر ئىكەن. مۇشۇنداق پۇلغا سېتىۋالغۇسىز ھېكمەتلەر بىلەن بىزنى تەربىيىلەپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 15:53:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەت ئېسىل ھېكمەتلەر ئىكەن، رەخمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 17:15:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلىرىمىزىڭ ئۈگۈتلىرىنى كۇندە ئوقۇساق قانمايمىز، رەھمەت سىزگە،  مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 00:55:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا تەربىيەۋىي ئەھمىيتى زوركەن .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:35, Processed in 0.132554 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش