«ئەرزخور»غا
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
چىرىك بىزنىڭ سېكرىتار ناھايەت دەپ ئەرز قىلما، ھوقۇق بىلەن تاپتى ئۇ ئىناۋەت دەپ ئەرز قىلما، ياغدى بىزگە ئۇندىن كۆپ ھاقارەت دەپ ئەرز قىلما، چەكتىن ئاشتى ئۇنىڭدا جىنايەت دەپ ئەرز قىلما، «چاكار»لىققا قىلمىدى ئىتائەت دەپ ئەرز قىلما.
سېكرىتارنى پاش قىلساڭ چېتىلمامدۇ چوڭلارغا؟ ئوتنى ياقساڭ ئۇنىڭغا، يېقىلمامدۇ چوڭلارغا؟ ئوقنى ئاتساڭ ئەڭ ئاۋۋال ئېتىلمامدۇ چوڭلارغا؟ كىچىك بېلىق دەريادا قېتىلمامدۇ چوڭلارغا؟ ئەل-ئاۋامغا بار مەندە ساداقەت دەپ ئەرز قىلما.
ئىچمەيدۇ ئۇ ھەرگىزمۇ ئاشنى يالغۇز تاۋاقتا، يالغۇز ئىچسە «خېتى»نى ئالار يۈزمىڭ تالاقتا، چوڭلار بىلەن بىللىدۇر رېستۇراندا-قاۋاقتا، يۇندىنىمۇ تەڭ ئىچەر ھەتتاكى بىر يالاقتا، يېتەر بىزگە چوڭلاردىن شاپائەت دەپ ئەرز قىلما.
يەپ كەتتى دەپ قاخشىما، تاغىرىڭدا ئاش باردۇر؟ سايلىرىڭدا تاش تۈگىسە، تاغلىرىڭدا تاش باردۇر؟ يۇتۇپ كەتسە سۈيىنى، دەريالاردا قاش باردۇر؟ شوراپ بولسا قېنىڭنى، كۆزلىرىڭدە ياش باردۇر؟... يوقالمامدۇ چىرىكلىك، خىيانەت دەپ ئەرز قىلما.
ئەرزنامەڭگە تۆۋەندە قارايدىغان كۆز نەدە؟ ھەقىقەتكە يۇمۇلماي پارلايدىغان كۆز نەدە؟ كۆزغۇ تولا، دېھقانغا يارايدىغان كۆز نەدە؟ پارىخۇرنى-چىرىكنى مارايدىغان كۆز نەدە؟ تىقىلغانمۇ كۆزلەرگە نىجاسەت دەپ ئەرز قىلما.
سېكرىتاردەك سېنىڭمۇ ھېيىت-بايرامدا قويۇڭ يوق، قويۇڭ بولسا چوڭلارغا يوللايدىغان ئويۇڭ يوق، كۈندە ئۆيدە-بېغىڭدا چىللىقىڭ يوق، تويۇڭ يوق، ھالال ئىشلەپ بېيىشتىن باشقا ئوقەت-كويۇڭ يوق، تىكلىنەمدۇ ھارامدىن ئىناۋەت دەپ ئەرز قىلما.
ئەرز قىلساڭ يېزىغا ئېغىز ئاچماس ھېساپتىن، تولا قاتراپ ناھىيىگە بوپ قالىسەن بىتاپتىن، ۋىلايەتكە يول ئالساڭ بۇيرۇق كېلەر «شىتاپ» تىن، ھەيۋە بىلەن يولۇڭنى توسۇۋالار ئەتراپتىن، شىپا تاپار دىلدىكى جاراھەت دەپ ئەرز قىلما.
خىزمەت ئىشلەپ «ئەرزىيەت» كۆندۈرىدۇ سەبرىگە، «رېۋىزىيە» دىن جاۋاپ يوق تارتقان جاپا-جەبرىگە، «سوت» قا بارساڭ ۋىجدانىڭ چىدىمايدۇ زەربىگە، «تەپتىش» دېسەڭ سېنىمۇ يوللاپ بېرەر قەبرىگە، قېنى قانۇن، نەدە ھەق-ئادالەت دەپ ئەرز قىلما.
«ئىنتىزام» دىن بېرىدۇ «ئەرزخور» دەپ قاشقىنى، ئېشىپ قالار ئۆزۈڭگە غەزىپىڭنىڭ تاشقىنى، ياقتۇرمايدۇ ئۇلارمۇ چىرىكلەردىن باشقىنى، بولار سېنىڭ نېسىۋەڭ بالاخوردىن ئاشقىنى، چىرىكلەردە يوقمىدۇ قانائەت دەپ ئەرز قىلما.
شۇئارلارنىڭ چۇقانى-ھەيۋىسى بار قۇلاقتا، تىزگىنلىدۇق تۆۋەندە چىرىكلىكنى ئاتاقتا، يوقالمايدۇ چىرىكلىك ئوق بولمىسا ساداقتا، ئەلگە ئاپەت-ۋابا ئۇ، ئاز بولسىمۇ ساناقتا، توغۇلمامدۇ ۋابادىن قىيامەت دەپ ئەرز قىلما. |