مۇھەببەت ھەققىدە

مۇھەببەت توزاققا ئوخشايدۇ. توزاقتىن قۇتۇلۇش، كىشىنى توزاققا تۇتۇلغاندىنمۇ بەكرەك ئازاپلايدۇ.

مۇھەببەت ئەتتىرگە ئوخشايدۇ. ئەمما بىرقىسىم ئەرلەر خوتۇنىنىڭكىنى ئەمەس، باشقا ئاياللارنىڭ ئەتتىر پۇرىقىنى ياخشى كۆرىدۇ.

مۇھەببەت خۇددىي ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئوخشايدۇ. سىز ساقلىغان ئاپتوبۇس ئۇزاققىچە كەلمەيدۇ، ئەمما ساقلىمىغىنىڭىزدا ئارقا-ئارقىدىن كىلىدۇ.

مۇھەببەت خۇددىي تېلېۋىزور كۆرۈشكە ئوخشايدۇ. قولىڭىزغا تىزگىنەكنى ئېلىۋېلىپ، ئېسىل نومۇرلارنىڭ قويۇلىشىنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن كۈتىسىز، ئاخىرىدا ھېرىپ ئۇخلاپ قالىسىز، ئەمما ئەتىسى يەنىلا تېلېۋىزورنى ئاچىسىز.

مۇھەببەت خۇددىي VCD پىلاستىنكىسىغا ئوخشايدۇ. ساختا پىلاستىنكىلار كىشىلەرنى ھامان سۈپەتلىكلىرىدىن بەكرەك جەلپ قىلىدۇ.

مۇھەببەت ھاۋا رايىدىن ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتقا ئوخشايدۇ. بەزىدە بوران چىقىدۇ، بەزىدە يامغۇر ياغىدۇ، بىردىنبىر ئۆزگەرمەيدىغىنى پەقەت ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بەرگۈچى.

مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-22 17:55
|