- تىزىملاتقان
- 2012-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 14706
- نادىر
- 8
- تېما
- 109
- يازما
- 1444
  
قىزغىنلىق- 3940 سەر
تىللا- 508 دانە
تۆھپە- 2361 سەر
شۆھرەت- 2473 سەر
       
| «0» نىڭ كارامىتى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىكى سان دۆلىتىدە «9» پادىشاھ ئىكەن .بىر كۈنى كەچتە پادىزاھ «9» بىر قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرۈپتۇ ۋە ئەتىسىلا مۇنداق جاكارلاپتۇ. -«8» باش ۋەزىر ،«7» ئوڭ قول ۋەزىر ، «6» سول قول ۋەزىر ، «5»بىلەن «4» دۆلەت ئۇستازى ، «3» ، «2» ، «1» ، لەر ھاكىم بولسۇن. بۇنى ئاڭلىغان «0» قايىل بولماپتۇ : -نىمىشقا ماڭا ئەمەل بېرىلمەيدۇ ؟ -سېنىڭ ھېچقانداق ئىشلىتىش ئورنۇڭ يوق ، - دەپتۇ پادىشاھ «9» ۋە مۇنداق جاكارلاپتۇ : -«0» سانلار دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن ! بۇنى ئاڭلىغان «0»نىڭ قاتتىق ئاچىقى كەپتۇ ۋە ئىنسانلار دۇنياسىغا بېرىۋاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن سانلار دۆلىتىدە ئاۋارىچىلىقلار كۆپىيىپتۇ . ئۇچۇشقا تەييارلىنىپ بولغان ئالەم ئايرىپىلانى تەتۇر ساناق باشلىنىپ «1» گە كەلگەندە توختاپ قالغانلىقتىن ئۇچالماپتۇ . ئىمتىھان قەغىزىدىكى 100 نومۇر «1» گە ئۆزگىرىپ قالغانلىقتىن نۇرغۇن بالا ئاتا- ئانىسىدىن ئورۇنسىز دەشناملارنى يەپتۇ ....... ئاخىرى كۆپچىلىك پادىشاھ «9» نىڭ يېنىغا بېرىپ شىكايەت قىپتۇ . -بۇ قانداق ئىش ؟ ئالەم ئايرىپىلانى ئۇچالمايۋاتىدۇ ،بۇنىڭ زىيىنىنى كىم تۆلەيدۇ ؟ -100 نومۇرۇم بىراقلا «1» گە ئۆزگىرىپ قالدى ،ئەمدى ئاتا -ئانامغا نىمە دەيمەن ؟...... بۇ ئىشلارغا ئامال قىلالمىغان پادىشاھ «9» ئەلچى ئىۋەتىپ «0» نى قايتۇرۇپ كەپتۇ ، ۋە ئۇنى باش تۇتۇق بېگى قىلىپ تەيىنلەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن «0» گە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلار ئۆز ئەسلىگە كەپتۇ ، سانلار دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى قايتىدىن خوشاللىققا چۆمۇپتۇ .
مەنبە: تۇرپان گېزىتى |
|