پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 136|ئىنكاس: 6

ئاغۋاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە پادىشاھنىڭ يېڭى پەرمانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 02:43:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاغۋاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە پادىشاھنىڭ يېڭى پەرمانى
(فېليەتۇن)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت


ئەلقىسسە، پادىشاھ لىيۇ يەن مەكتەپلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا چۈشتى. پادىشاھنىڭ«ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاختا قىلىنسۇن!» دېگەن بۈيۈك پەرمانىغا ئاساسەن تولۇق ئاختا قىلىنغان يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى  پادىشاھ بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرگە بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھقا بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نۇقتىلىرىنى ئالدىن بېكىتكەنىدى. دېمەكچى بولغىنىمىز، ئالدىن بېكىتلگەن مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىدىن تارتىپ  ئۇلار ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقان ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاتارمەن-چاپارمەنلىرىگىچە ھەممىسى يارىلىشتىنلا تولۇق ئاغۋات بولغانلار، يەنى ئەسلى-زاتى ئاياللار ياكى دەسلىپى ئەر بولغان بولسىمۇ، شامالنىڭ چىقىشىغا، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئاختا قىلدۇرغان، ئەمەلدارلارنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىشنى كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان سۈنئىي ئاغۋاتلار ئىدى. پادىشاھ يەرلىك ئەمەلدار ئاغۋاتلارنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقى بويىچە مېڭىپ ناھىيە مەركىزىدىكى بىر تىپىك ئاغۋاتلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەكتەپكە كەلدى. دەرۋەقە، بۇ مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا سەپلەنگەنلەرنىڭ ئىچىدە تەبىئىي ئاغۋاتلار-ئاياللار زور كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قوشۇقنىڭ سېپىچىلىك ئەمەل تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي ئاغۋات-ئۆزىنى ئۆزى ئاختا قىلدۇرغان كېلىپ چىقىشى ئەر بولغانلار ئىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە، پادىشاھ يەرلىك ئاغۋاتلارنىڭ يۇمۇلۇنۇپ دېگۈدەك يول باشلىشى بىلەن ئاۋال مەكتەپنىڭ تازىلىق خىزمىتىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى: ئاۋال ھاجەتخانىلارنى، ئەخلەت ساندۇقلىرىنىڭ سەپلىنىش ئەھۋالىنى، ئاندىن مەكتەپ قوروسىدىكى ئېرىق-ئۆرەكلەرنىڭ تازىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلى كۆزدىن كۆچۈردى. بۇجەرياندا ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاغۋاتلار تولۇق ھەركەتلىنىپ قوللىرىغا سۈپۈرگە، داس، چېلەكلەرنى ئېلىپ ھجەتخانىلارنىڭ تۆشۈكچىلىرىدىن تارتىپ، كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلىدا توختىماي چۈشۈپ تۇرغان دەرەخ يوپۇرماقلىرىغىچە تازىلاپ-تېرىپ ئۈلگۈرگەنىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپ مۇدىرى خىزمەتلەردىن قىسقىچە دوكلات قىلدى: مەكتىپىمىز پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ بۈيۈك پەرمانى بويىچە ئىشنى مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرى ئىچىدىكى ئاختا قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنى دەل ۋاختىدا ئاختا قىلىشتىن باشلاپ، تولۇق ئاغۋاتلاشقان رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى بەرپا قىلدۇق. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئاختا قىلىپ ئاغۋاتلاشتۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرۇت قويۇشىنى چەكلىدۇق، باش كىيىم كىيىشىنى، مىللىي ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇمى بولغان  پىچاق قىسىشنى مەنئىي قىلدۇق، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  كۆينەك كيىشىنى، باش ياغلىق ئارتىشىنى خۇراپاتلىققا كۆتۈرۈپ چەكلىدۇق،  ھەتتا ئۇنى ئىدىيىگە، سىياسىي مەيدانغا تاقاپ بىر تەرەپ قىلدۇق. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەنئەنىۋىي مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مىللىي ئەخلاق بويىچە كىيىم-كېچەك كىيىش ئەھۋاللىرى سادىر بولسا، بولۇپمۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا ساقال-بۇرۇت چىقىدىغان، قىز ئوقۇغۇچىلار كاسىسىنى، مەيدىسىنى يېپىۋالىدىغان كۆينەك كىيىدىغان ئەھۋاللار سادىر بولسا ئالاقىدار ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلدۇق. خانىم قىزلارنىڭ ساغرىسىنى تاشمىلىق قويىنىڭ قۇيرۇقىدەك، مەيدىسىنى بولسا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك چىقىرىشىنى، ئۇزۇن چاچلىرىنى كەستۈرۈپ توبا باش بولۇشىنى قۇۋۋەتلىدۇق ۋە ئاساسەن ئومۇملاشتۇردۇق. شۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتلىشىش-ئاغۋاتلىشىش قىزغىنلىقىنى قولغا كەلتۈردۇق. نەتىجىدە مەكتىپىمىزدە بىر تۈركۈم ئاغۋاتلار يېتىشىپ چىقىپ، مەكتەپ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى. بۇ، بىر تۈركۈم ئاغۋاتلار گەرچە دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە  ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاغۋاتلارغا يېقىندىن ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يول ماڭغاندا ئوڭ قولنى بېسىپ مېڭىش، ھاجەتخانىغا كىرگەندە ئىشتاننى سېلىپ تاھارەت سۇندۇرۇش، ئاندىن چوڭ تاھارەت قىلغان بولسا كۆتىنى قەغەز بىلەن ئېيتىش، قىش پەسلىدە چوكا مۇز يىمەسلىك، چوكا مۇز يىگەندىمۇ قەغىزىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش، يەر تەۋرىگەندە يىقىلغان تامنىڭ تۈۋىگە بارماسلىق، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە كۆيۈۋاتقان ئوتقا ياغ چاچماسلىق، مەيدىسى قىچىشسا دۈمبىسىنى قاشلىماسلىق، قىچىشقان يەرگە پىچاق تىقماسلىق...قاتارلىق يىرىك تېمىلاردا سەييارە دوكلات ئېلىپ بېرىش؛ مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەتتىكى ئالدىراشلىقنى ھەر دائىم ئەستىن چىقارماي، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش-تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، يوتقان كۆرپىلەرنى يىغىش، تازىلىق قىلىش، ئەۋرەز يوللىرىنى تازىلاش، پول، دەرىزە ئەينىكى ۋە تام-تورۇسلارنى سۈرتۈش، گۆش-تۇخۇم، كۆكتات، مېۋە-چىۋە سېتىۋېلىش، ھېيز مەزگىلىدە ئىشلىتىدىغان دورىلىق تازىلىق قەغىزى سېتىۋېلىش، مېھمان كۈتۈش، ھېيت-بايراملاردىكى تەييارلىقلىرىنى قىلىش، بالا-چاقىلىرىنى يەسلە-مەكتەپلەرگە مەخسۇس شەخسىي ماشىنىسى بىلەن ئاپىرىپ-ئەكىلىش؛ تېخىمۇ مۇھىمى، جەمئىيەت ۋە مەكتەپتە مەكتەپ رەھبەرلىكى توغرىسىدا بولۇۋاتقان «خىزمەتكە چىققىلى بىرنەچچە يىل بولۇپ، ئارقىدىنلا مۇدىر بولۇپ ئۈچ-تۆت يەردىن ئۆي سېتىۋاپتۇ، تېخى ئالىي دەرجىلىك ماشىنىدىن بىرنىمۇ سېتىۋاپتۇ، ئۇنىڭ مائاشىنى كىم بىلمەيدۇ، مەكتەپنىڭ بىنالىرىنى يىلدا تۆت-بەش قېتىم ئاقارتىپ، بىتون قۇرۇلمىلىق بىنانىڭ ئۆگزىسىگە قار-يامغۇردىن مۇداپىئە قىلىمىز دەپ ئايدا بىر لاي سالغاننىڭ كارامىتى-دە، بۇ، ئاڭلىساق مۇدىر خېنىمنىڭ ئۇپا-ئەڭلىكلىرى تۈگۈل، تازىلىق قەغىزىمۇ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق پۇلىغا كېلەرمىش...» دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەرنى قىلغۇچىلارنى دەل ۋاقتىدا دوكلات قىلىش قاتارلىق جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە شاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەمەل تۇتقانلارنى ئاغۋاتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دانا پەرمانىدىن بولغان. بۇ يەردە مەن شاھ ئالىيلىرىغا بۇ ئاغۋاتلارنى  تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن، ئىجازەت بەرگەيلا!
مۇدىر بۇ مەكتەپتىكى ئاغۋاتلارنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، شاھ ئالىيلىرىنىڭ دىدارىغا مەمنۇنلۇق ۋە ئۈمىد بىلەن نەزەر سالدى:
پادىشاھ لىيۇ يەن ئېغىر سۈكۈتتە ئولتۇراتتى. مۇدىر ئۇنىڭ مۇبارەك جامالىدىن ھېچقانداق رازىمەنلىك ئالامەتلىرىنى تاپالمايلا قالماستىن، بىرخىل ئېچىنىش ھېسسىياتىنى سەزدى. يەرلىك ئەمەلدار ئاغۋاتلار ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ يېتىلدۈرگەن جىننى ئۇسۇلغا سالىدىغان يۇقۇرى ماھارەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، شاھ ئالىيلىرىنىڭ ئاياغلىرىغا ئۆزلىرىنى تاشلاپ، مىڭ مەرتە قۇللۇق بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، دىققەتنى بۇراپ  شاھ ئالىيلىرىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. پادىشاھ لىيۇ يەن ئويلىمىغان يەردىن زىياپەتنى رەت قىلدى ۋە باش چايقاپ تۇرۇپ-پەرمان!،- دەپ جاكارلىدى:
مەن ئوردا ۋە يەرلىكتىكى بىر قىسىم مەنسەپدارلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى چىرىكلىكىنى جازالاش يۈزىسىدىن «ئاختا قىلىش پەرمانى»نى چۈشۈرگەن. بۇ، پەقەت ئايرىم مەنسەپدارلارغا قارىتىلغان جىسمانىي جەھەتتىكى ئاختا قىلىش پەرمانى ئىدى. بايامقى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، ھازىر تۆۋەندە، بولۇپمۇ مەكتەپلەردە دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىي ۋە مىللىي تىرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى قىلچە كۆزگە ئىلماي، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى قارىغۇلارچە چەكلەپ، پۇخرالارنى روھىي ئاغۋاتلارغا ئايلاندۇرۇش بىرخىل يەرلىك سىياسەتكە ئايلىنىپ قالغان. ھەتتا، پۇخرالارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش ھوقۇقىمۇ چەكلەنگەن. بۇ يەرلىكتىكى دۆلەتنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا مۇخالىپ بولغان ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر نۇقسان يەتكۈزىدىغان چەكتىن ئاشقان سولچىل سىياسەتلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى. مۇدىرنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، مىللىي تىل-يېزىقمۇ بىر تەرەپكە چۆرۈپ تاشلانغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىكتە ئاغۋاتلار مەنسەپ تۇتقاندىن كېيىن، «كۆر، ئىتقا بولىۋەرسە باش ئارسلان، بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان؛ ئەگەر بولسا ئىت ئۇ، ئارسلانغا باش، بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.» دېگەندەك، پۇخرالار ئاغۋاتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەر-ئاياللىق جىنسىنى پەرقلەندۈرۈش قىيىنغا توختىغان. ھەتتا، ئۇقۇشماسلىقتىن بىر قىسىم ئەركەكلەر ئۆزئارا بىر-بىرىگە باسقۇنچىلىق قىلىپ قويىدىغان يېڭى جىنايەتلەر بارلىققا كەلگەن. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى ئاغۋاتلار پۇرسەت كەلدى دەپ كۆرەڭلەپ، دۆلەتنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بىر-بىرىگە ئىچ-پەش تاتىشىپ، ئەمەل-مەنسەپ سودىسى قىلىپ ۋە مەنسەپنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، پۇخرالارنى ئاغۋات بولۇشقا ئاستىرتتىن مەجبۇرلىغان. شۇڭا، «ئاختا قىلىش پەرمانى» ھازىردىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن! پۇخرالارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئەركىنلىكى، ئەر-ئاياللىق جىنس ھوقۇقى قانۇن بويىچە قوغدالسۇن! مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى چەكلەش قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن! يەرلىك ئەمەلدارلارنى تەبىئىي ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئاغۋاتلاشتۇرۇش قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن! مەكتەپلەرنى مائارىپچىلار باشقۇرسۇن! بارلىق ئاغۋاتلار مەنسەپلىرىدىن قالدۇرۇلۇپ، پۇخرالىق تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلسۇن!
پادىشاھنىڭ تەلەپپۇزى قاتتىق ئىدى. ئاغۋاتلار ئويلىمىغان يەردىن ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، يارمىسى چىقىپ كەتكەن ئۈچەيدەك سالپىيىشىپ، ئولتۇرۇپ قېلىشتى. بەلكىم، ئۇلار پادىشاھ لىيۇ يەننىڭ ئۆزلىرىدەك ئاغۋات ئەمەسلىكىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 02:44  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:29:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ فىليەتونلىرىڭىز شۇنداق ئۆتكۇر، ئالاھىدىن ئاكا، ھارماڭ مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىڭ.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 13:57:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلغان پىليوتۇنكەن . رەخمەت سىزگە ئالاھىدىن ئاكا . يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 23:18:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ مەزمۇنى سەل ئېشىپ كەتكەندەك ھېس قىدىم مەكتەپ مۇدىرلىرنىڭ ئېچىدىمۇ نۇرغۇن ئوت يۈرەك كىىشىلەر بار!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 00:44:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم، تىلىڭىز ئەجەپ ئۆتكۈر-ھە!
سىز بۇ فىليەتۇندا تەسۋىرلەپ ئۆتكەن ئىشلار رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلىرىمىزدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. سىز دىگەندەك ئىختىدارسىز ‹‹يەرلىك خاقان››لارنىڭ ھوقۇق تۇتۇشى مىللى مائارىپىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىرى، مىللىتىمىزنىڭ خائىنلىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. پىكىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن چوڭقۇر، تىلىڭىز ھەقىقەتەن ئۆتكۈر ئىكەن. رەخمەت سىزگە دوستۇم، مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
183 سەر
تىللا
12 دانە
تۆھپە
50 سەر
شۆھرەت
67 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 21:16:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل بىللە ئىشلەپ، سىزمۇ چالا قالمىغانسىز-ھەقاچان؟!
مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش- مېنىڭ بۇرچۇم.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 21:28:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل بىللە ئىشلەپ، سىزمۇ چالا قالمىغانسىز-ھەقاچان؟!
مەن ئۇنداق«ئەبگاھ»لاردىن ئەمەس!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:27, Processed in 0.131816 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش