پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 9

مەيپۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 21:21:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەيپۇرۇش

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

مەيپۇرۇشسەن، نام-نىشان، ھۆرمەتنى ساتما مەيپۇرۇش،
قىل ھالال ئوقەت، ھارام نېمەتنى ساتما مەيپۇرۇش،
بول مۇلازىم ئەل ئۈچۈن، خىزمەتنى ساتما مەيپۇرۇش،
تاپ روناق، پۇلدار بولۇپ، ھېممەتنى ساتما مەيپۇرۇش،
ئادىمىيلىك قىممىتىڭ-خىسلەتنى ساتما مەيپۇرۇش.

قارىسام كاتتا ۋىۋىسكاڭ بار ئىكەن «مەيخانا» دەپ،
كەپتىمەن مىش-مىشنى ئىغۋا دەپ بىلىپ كۆڭلۈمدە زەپ،
ئاختۇرۇپ ھەمياننى «مەي!» دەپ مەن ساڭا قىلماستا گەپ،
بىر گۈزەل كەلدى قېشىمغا، (قالدى پۇشمان) ئالدى نەپ،
پۇلغا زورلاپ بىئەدەپ سۆھبەتنى ساتما مەيپۇرۇش.

يول توسۇپ، ئۆتكەننى ئالداپ«مەيخانا»ڭغا زورلىما،
بار نادانلار تېخى كۆپ، بەڭۋاش كۆڭۈلنى ئوۋلىما،
قاشلىرىڭنى ئوينىتىپ، قىزلارنى يانغا توۋلىما،
ئازغىنە نەپسىڭنى دەپ ئەلنىڭ يېنىنى كولىما،
ئامىتىڭ ئەلدە ھامان، بەرىكەتنى ساتما مەيپۇرۇش.

كوچىدا قالغان يېتىمە ھالىغا يەتمەك بولۇپ،
بېشىنى سىلاپ ئۇنىڭ، كۆڭلىنى خوش ئەتمەك بولۇپ،
«مەيخانا»ڭغا كەلمىسە، تۇرسا ئەگەر كەتمەك بولۇپ،
يولىنى ئەتمە ئۇنىڭ پۇت-قولىغا چەتمەك بولۇپ،
باشتىكى ئەھدىڭدە تۇر، شەپقەتنى ساتما مەيپۇرۇش.

كىرسە«مەيخانا»ڭغا كىم، يان ئۆيگە باشلاپ قويمىغىن،
دۈمبىسىنى ئۇۋۇلاپ، بېشىنى قاشلاپ قويمىغىن،
ئۆز قىزىڭدەك قىزنى مەس-پەسلەرگە تاشلاپ قويمىغىن،
قەلبىنى ئۆرتەپ ئۇنىڭ، كۆزىنى ياشلاپ قويمىغىن،
مەينى ساتساڭ سات، تېڭىپ«چۆپقەت»نى ساتما مەيپۇرۇش.

مەيخۇمارغا كۈندە قالتىس«مەي» سېتىپسەن، ئاڭلىدىم،
«مەي»گە مەينىڭ پۇلىدىن ئوننى قېتىپسەن، ئاڭلىدىم،
چىڭ بېقىپ ئىشىكنى سەن، سىرتتا يېتىپسەن، ئاڭلىدىم،
ئاقىۋەت رەسۋا بولۇپ، يىراق كېتىپسەن، ئاڭلىدىم،
يۇقتۇرۇپ نادانغا بۇ ئىللەتنى ساتما مەيپۇرۇش.

سەن ئېچىپ پىنھاندا-خالتا كوچىدا«مەيخانە»نى،
ئاڭلىماي ئەلنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى، چۇقانىنى،
«مەيخانا»ڭغا توپلۇدۇڭ«مەي»گە يەنە مەستانىنى،
مەي ئەمەس، ساتتىڭ تالاي قىزنىڭ غۇرۇر-ۋىجدانىنى،
قۇل بولۇپ پۇلغا نومۇس-ئىپپەتنى ساتما مەيپۇرۇش.

«مەيخانا»ڭغا دوقۇرۇپ كىرگەن كىشى ساق چىقمىغاي،
كىرسە تەنھا، «مەيخانا»ڭدىن ئاخىرى تاق چىقمىغاي،
قىز دېسە، چوكان دېسە، «خوش!»تۇر گېپىڭ، «ياق!» چىقمىغاي،
بۇلغىنىپ نامى، قارا بولغاي يۈزى-ئاق چىقمىغاي،
بىر بۇزۇق دەللال بولۇپ مىللەتنى ساتما مەيپۇرۇش!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 21:22  

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!
زەپەر + 4 + 3 + 4 + 2بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 7 تىللا + 6 تۆھپە + 7 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3936 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2357 سەر
شۆھرەت
2469 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 21:55:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئىركەن بۇ .رەھمەت

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 22:16:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ئالاھىدىن ئاكا . سىز يېقىندىن بىرى جاپاغا چىداپ تىرشىش ئارقىلىق ئۈزىڭىزنىڭ ئىجادىي شىئېرلىرىڭىزنى  مۇنبەرگە يوللاپ زىيارەتچىلەرنىڭ ياخشى بولغان قوللىشىغائىرشىپ ئۇلارغا ياخشى بولغان تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ كىلىۋاتىسىز. شۇ يازغان ئىجادىي شىئېلىرىڭىزنى  بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇنبەر ئەھلىگە يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
سىز بۇ مەي پۇرۇش دىگەن شىئېرڭىزنى ئۇقۇش ئارقىلىق شۇنداق تەسىراتقا كەلدىمكى.سىز بۇ شىئېرىڭىز ئارقىلىق جەمىيەتتىكى ناچار كىشىلەر  قاۋاقخانا ،مەيخانا ئېچىپ ئۈزى  باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش . ھەم مەي سېتىپ جەمىيەتتىكى  ئاق كۈڭۈل كىشىلەرنى ئالداپ  ئۇلارنى تۇيۇق يولغا باشلاشتەك فاجىيەنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۇرۇپسىز. ئاخىردا شۇ يامان نىيەتلىك مەي ساتقان كىشىلەرنىڭ تاپقان مال -دۇنياسىمۇ ئۈزىگىمۇ ئەسقاتماي. ئۆزلىكىدىن يوق بۇلۇشتەك مۇرەككەپ فاجىيەنى ئەكىس ئەتتۈرۈپسىز.ئاخىرى ئۇلار  ئۈزىنىڭ تاپقان مال دۇنياسىغا ئاساسەن تۇيۇق يولغا چۈشۈپ قېلىش ئەۋالىنى ئىنىق گەۋدىلەندۈرۈپسىز. رەخمەت سىزگە .  شۇ يامان نىيەت بىلەن پۇل تاپقان كىشىلەرنى ياخشى قامچىلىغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر .
ئەتىكى ئۇرۇن يەنىلا سىزنىڭ ئىجادىي يازمىللىرىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ.ئەتىكى تىما قايسىكىن ، زىيارەتچىلەر بەك تەقەتزار بۇلۇۋاتىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 22:19  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 23:50:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا دوستۇم، شېئىرلىرىڭىز بىر-بىرسىدىن ئېسىل. قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي، رەخمەت سىزگە!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 10:34:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،يەنىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:50:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دائىم شىئىرلىرىڭىزدا بىز كۆڭلىمىزدە ساقلاپ،دىيەلمەي،ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىپ، يۇرىكىمىزنى مۇشۇك تاتىلىغاندەك تاتىلاپ ئارام بەرمەيۋاتقان گەپلەرنى ئەپچىللىك بىلەن سۆزلەپ، بىزلەرنى پۇخادىن چىقىرىسىز.مۇشۇنداق ئىسىل شىئىرلارنى يازغان قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 1

قىزغىنلىق
120 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
80 سەر
شۆھرەت
87 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 10:35:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ يازغان شئېر لىرىنىڭ ھەقىيقەتەن كىشىنى قايىل قىلارلىق، يۇمۇرستىك، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يۇقۇرىكەن. سىزنى تەبرىكلەيمەن. بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. قەلەم تۇلپارىڭىز توختاپ قالمىسۇن.

Rank: 1

قىزغىنلىق
165 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
119 سەر
شۆھرەت
131 سەر

بايقاش شائىرىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 17:12:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن2005-يىلى بۇ شئىرنى  ئو























































































     

Rank: 1

قىزغىنلىق
165 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
119 سەر
شۆھرەت
131 سەر

بايقاش شائىرىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 19:01:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ شىئېرنى ژورنالدىن كۆرۈپ سۆيۈنۈپ ئوقۇغانتىم،بۇ قېتىم كۆرۈپ تېخىمۇ سۆيۈندۈم،تىل قامچىسى يەيدىغان مەيپۇرۇچلار يەنىمۇ تۈگىگىنى يوق،داۋاملىق قامچىلاشلىرىنى ئۈمۈت كىلىمەن.

Rank: 1

قىزغىنلىق
35 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
14 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 09:58:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ ياخشى چىققانلىقىدا گەپ يوق. تەكلىپىم: شېئىرنى يەنە بىر پىششىقلاپ ئىشلەش كېرەكمۇ قانداق؟
بەزى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى تەڭشىسەك مەزمۇن تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلىنىدىكەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:09, Processed in 0.135510 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش