- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| مۇئەللىم
(مۇخەممەس)
(مەن بۇ تۇرسۇنجان ئۈمەرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى 2011- يىلى 9- سانىدىكى مۇئەللىم دىگەن شىئېرنى ئۇقۇپ كېتىۋېتىپ مەزمۇنىنى ماڭا بەك تەسىر قىلىپ ، ياتلىۋالغان ئىدىم .شۇ ئاساستا يېزىپ يوللىدىم .مەزكۇر شېئىرنى ھەرقانداق بىر ئۇقۇغان ئادەمگە ،تۇلۇق بولغان بىرخىل روھى ئۇزۇق ئەپ كەلگۈسى ) ئىلىم- ئىرپان ھېكىمى ، گۈل تاجىسەن مۇئەللىم ، لالە –رەيھان ئىشقىدا گۈلخان بولغان مۇئەللىم . ئوتلۇق ئاتەش قەلىپتىن نۇرلار چاچقان مۇئەللىم ، مىھرى ئىللىق چىھرىدىن ساراي ئاچقان مۇئەللىم . كۆيگۈ –سۆيگۈ بابىدا ئالەمگە خان مۇئەللىم .
ئۈمۈدىڭ ھەم ئازۇ يۇڭ بىلىم بىرىش ئەۋلاتقا ، كۆكلەپ كەتسە ئەۋلادىڭ يەتكەن – ئارمان مۇرادقا ، نەزم يېزىپ شۇنداقلا قاتقاي خەلقىم قۇشاققا ، تىلدا داستان بۇپ نامىڭ يەتكەي ئەجەم ئىراققا ، نانۇ شەۋكەت بابىدا يۇلتۇز چۆلپان مۇئەللىم .
ھېرىپ- چارچاش جاپادا قەددىڭ سۇنماس ھەر قاچان ، جاپا بىلەن ھەممىگە قۇرۇپ چىقتىڭ بىر ماكان ، بولغاچ ئەلگە سايىۋەن ، ياشاپ كەلدى ئەل ئامان ، شۇڭا خەلقىم گۈللىدى قۇدرەت تېپىپ ھەر زامان ، باي – باياشاد تۇرمۇشنىڭ ھەقدارىسەن مۇئەللىم .
نىيەت،كۆڭلىڭ دائىما ئاپئاق ئىدى سۈت كەبى، مىللەت ئۈچۈن خىزمەتتە ،چېپىپ كەلدىڭ ئات كەبى ، نادان ئىللەت ،ئادەتكە گۈلخان بولدۇڭ ئۆت كەبى ، ياۋا دەرەخ كىسىشتە ئىتتىك بولدۇڭ چۆل كەبى ، قوغداپ دائىم ئەنئەنە ، ئەلنى سۆيگەن مۇئەللىم .
تۇرۇپ ھەركۈن سەھەردە ،پىلان تۈزۈپ كىلىسەن ، ياخشى ئادەم قىلاي دەپ ،ئۆيمۇ – ئۆيلەر كىزىسەن ، ھايات ۋاپا –ئەخلاقتىن مىڭبىر ساۋاق بىرىسەن ، ھاسا بىرىپ ئەماغا ، ئاماتكە يار قىلىسە ، بۇلۇپ ئەلنىڭ ئەنقاسى ،ئىجاد ئەتكەن مۇئەللىم .
روھى ئۇزۇق بېغىشلاپ ياڭراپ كەلدى كۈيلىرىڭ ، ياڭراپ قۇلاق تۈۋىمدە پەندى- نەسسىھەت سۆزلىرىڭ ، كۆكلەپ كەتكەن ئەجىرىڭدە چىنار بۇلۇپ تەنلىرىڭ ، بىزمۇ دەيمىز ھەر قاچان ، ياخشى ئۆتسۈن كۈنلىرىڭ ، ياشا توغراق يىلىدا پەندە چۆلپان مۇئەللىم .
كىتاب –دەپتەر كونسىپىت بولغاچ سىنىڭ ئۈلپىتىڭ ، چەبدەس تۇرۇپ مۇنبەردە جۇلا قىلدى قامىتىڭ ، چەككەن جاپا –مىھنەتتىن گۈللەپ كەتتى ئۈممىتىڭ ، ئەجىرىڭ بولغاچ ئەل ئۈچۈن،يۈكسەك بولدى ھۆرمىتىڭ ، شۇ ئەجىرىڭنى كۆيلىسەم ، كۈيگە ياريسەن مۇئەللىم .
سەن ئۆلمىسەڭ ئۆلمەيدۇ، بىر مىللەتنىڭ سىيماسى ، سەن بولمىساڭ مىللەتنىڭ ،ئۈچۈپ كىتەر نىداسى ، يېغىپ باشقا دەت- ئەلەم جاھان قاپلار جۇداسى ، روھى زەئىپ خەلقنىڭ ھەممە يەردە يېغاسى ، ئۈچۈن مىللەت ئەتىسى ،ياشناپ كۈلگەن مۇئەللىم . ئاپتۇرى : تۇرسۇنجان ئۈمەر مەنبەسى :شىنجاڭ مائارىپىنىڭ 2011- يىلى 9- سان
|
|