بۇلاڭچى
、ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
«ئىئانە» دەپ بىر گەپنى تېپىۋالدىڭ بۇلاڭچى، ئەمدى بۇلاڭ-تالاڭغا يېتىۋالدىڭ بۇلاڭچى، باھانەڭگە ھەيۋىنى قېتىۋالدىڭ بۇلاڭچى، قاچالمايمىز، پۇت-قولنى چېتىۋالدىڭ بۇلاڭچى، ھال دادلىساق قۇلاقنى ئېتىۋالدىڭ بۇلاڭچى.
قۇتۇلغانتۇق بايىلا مىڭ خىل ئالۋاڭ-ياساقيىن، تۈگىگەنتى غېمىمىز ئەمدى بىزنىڭ قوساقتىن، سېلىقكەشلەر مارىلاپ قالغانىدى توساقتىن، بۇلاڭچىغا ئۇچراشنى ئويلىماپتۇق ئۇزاقتىن، بىزنى بۇلاپ يولۇڭغا كېتىۋالدىڭ بۇلاڭچى.
ئاغزىڭدىكى ھورنى سەن «ھۆججەت» قىلدىڭ بىزلەرگە، «ئىئانە»گە بىر كۈننى مۆھلەت قىلدىڭ بىزلەرگە، ئىش ئورنىدىن قوغلاشنى ئوچىرەت قىلدىڭ بىزلەرگە، جاننى دېمەي مال دېدىڭ، «شەپقەت» قىلدىڭ بىزلەرگە، ھوقۇقۇڭنىڭ تەمىنى تېتىۋالدىڭ بۇلاڭچى.
ئەل-يۇرت نامرات، لېكىن سەن تەڭدىشى يوق باي بولدۇڭ، سېتىۋالغاچ ئەمەلنى نۇقتىسى يوق تاي بولدۇڭ، «ھاي» دېگەندە مىڭ مەرتە، شەكلەن بىررەت «ھاي» بولدۇڭ، ئەل زۇلمەتتە، تۆھپىدە ئاسماندىكى ئاي بولدۇڭ، ئېتىكىڭدە قۇياشنى يېپىۋالدىڭ بۇلاڭچى.
ئاۋام ئۈچۈن خۇشال بىز ھالال ئاش-تۇز، نان بەرسەك، يۈرەكلەردىن ئوتنى ھەم تومۇرلاردىن قان بەرسەك، پۇل-مال ئەمەس، ھەتتاكى زۆرۈر بولسا جان بەرسەك، رىزالىق يوق ۋە لېكىن ساڭا بىر تال دان بەرسەك، بىر ئۆزۈڭنى بوردىدىڭ-بېقىۋالدىڭ بۇلاڭچى.
قاخشىمامدۇق «ئىئانە» ئۆز جايىغا يەتمىسە؟ يا ئاجىزنىڭ-دېھقاننىڭ كۆڭلىنى شاد ئەتمىسە؟ مەجبۇرلىسا قول شىلتىپ، قېلىپىدىن چەتنىسە؟ «ئىئانە» دەپ چوماقچىڭ بوسۇغىدىن كەتمىسە؟ تېخى ئاۋام تەرەپكە ئۆتۈۋالدىڭ بۇلاڭچى.
«ئىئانە» دەپ ساتامدۇق تۇتقان ئۆينى-ماكاننى؟ يەتمەيدىكەن خەجىڭگە ساتساق كەيگەن چاپاننى، ساڭا ئوخشاش ھارامدىن توملىماپتۇق ھەمياننى، ئۈلگۈرمىسەڭ مائاشقا، ساتامدىمىز بۇ جاننى؟ سىياسەتنى-قانۇننى سېتىۋالدىڭ بۇلاڭچى.
مۇئەللىمنىڭ قەرزى بار، سەن بىلىسەن بانكىدا، بۇلىمايدۇ پۇلنى ئۇ راكېتادا-تانكىدا، بىراق، ئۇنىڭ ئەجرى بار ھەر بىر«شۇمتەك-ماڭقىدا»، ھەتتا سەندەك زومىگەر ئەمەلدارنىڭ داڭقىدا، بىلىپ تۇرۇپ چۆنتەكنى قېقىۋالدىڭ بۇلاڭچى.
«ئىئانە»نىڭ چېكىنى بەلگىلىدىڭ ئۆزۈڭچە، «ئىئانە»نىڭ مەنىسى شۇكەن سېنىڭ سۆزۈڭچە، توۋا، يەنە بارمىدۇ قېلىن نەرسە يۈزۈڭچە؟ بولمايدىكەن قوش قوللاپ تاپشۇرمىساق كۆزۈڭچە، ئورنۇڭ ئېگىز، پەشتاققا چىقىۋالدىڭ بۇلاڭچى.
باھانەڭ كۆپ، بۇلايسەن «يېڭى پۈتكەن يول»ئۈچۈن، چېقىپ يېڭى بىنانى يەنە يېڭى«ھۇل» ئۈچۈن، ئىشخاناڭغا، ئۆيۈڭگە بىرەر تەشتەك گۈل ئۈچۈن، نېمە دېسەڭ يوللۇقتۇر نەپسىڭ ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى دەپ كەتمەننى چېپىۋالدىڭ بۇلاڭچى.
دادىخاھنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتىڭ چاندۇرماي، ھېچبىر ئاجىز-يوقسۇلنىڭ ھاجىتىنى قاندۇرماي، سىڭىدىكەن ئەۋرەتنى يېسەڭمۇ ھەم ياندۇرماي، يوقۇتۇشقا ئۈلگۈردۈڭ ئىزىڭنى سەن قالدۇرماي، جىنايەتكە بېشىڭچە پېتىۋالدىڭ بۇلاڭچى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-20 13:59
|