- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| مەغرۇرلۇق ھەرقاچان ھالاكەت مۇقەددىمىسى ئىدى. ئومۇمەن تىنىچ-پاراۋانلىق ئۆزىنىڭ ھالاۋاتلىك پەزىلەتلىرىدىن تاشقىرى، قانائەتلىنىش، مەغرۇرلۇق، چىرىكلىك، ھەشەمەتخورلۇق، ساختا شۆھرەت، پارچىلىنىش ئۇرۇقىنى تېرىپ كەلگەن. شەيئى چېكىگە يەتسە ئەكسىگە يانغىنى يانغان. *** قورقۇپ تۇرساڭمۇ يەنىلا ئۈمىدلىنىپ تۇرىدىكەنسەن، سېنىڭ مايىل بولىدىغىنىڭ خوشامەتتىن ئىبارەت بولىدۇ. خوشامەت-روھىيەت تىلەمچىلىگى. *** شۆھرەت شەخسنىڭ خەلقىدىن يۈز ئۆرىگەنلىگىنىڭ بىشارىتى. ئىشەنمىسەڭ تۆمۈر لەڭنىڭ ئادەم بېشىدا ياسىغان مۇنارىغا قارا. *** ئۇلۇغ ئىنسانىيەت پەرزەنتىنى خار قىلىدىغان نەرسە نىمە؟ ئۇ مەغرۇرلۇق. *** پايانسىز كەڭ جاھاننى تار قىلىدىغان نەرسە نىمە؟ ئۇ مەغرۇرلۇق. *** مۇستەھكەم قورغاننى يىمىرىدىغان، ھەممە سۈيىقەستلەرگە شەرت ھازىرلايدىغان نەرسىمۇ مەغرۇرلۇق. مەغرۇر شاھ زەپەر ھارپىسىدا دارغا ئېسىلىدۇ. مەغرۇر يىگىت توي بوسۇغۇسىدا ئەرۋاھقا ئايلىنىدۇ. مەغرۇرلۇق سۇلتاننى ئۇلتان، ئۆلىما ئىبلىسنى شەيتان قىلغان نەرسە. *** زوراۋانلىق قۇدرەتلىك قاباھەت. خوشامەتكويلۇق پايپېتەك ئۈستىدىكى قاباھەت. ساتقۇنلۇق ئېزىلەڭگۈلۈككە ئاسىيلىق قىلغان قەلىبنىڭ ئاشكارىلانغان قاباھىتى. بۇ ئۈچ خىل قاباھەتنىڭ ھەم سۆھبىتىگە نەپرەت بىلەن نەزەر سالىمەن. *** زوراۋان قاباھەت غەلىبىلىرىدىن كىبىرلەنگەن، خوشامەتگۇي ھەمدۇسانالار بىلەن ئۇنى يوپۇقلىدى. ساتقۇننىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇنىڭ ئېرىشكەن ئامەتلىرى مەنىۋى ئاپەتنىڭ مۇردىسى ئۈستىدە قىمىرلاپ يۈرگەن قۇرۇتنىڭ ھاياتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. تارىخنىڭ كوزىرىئىزگۈلۈكنىڭ غەلىبىسىنى جاكارلاشتىن ئىبارەت. *** تەمەننا غۇرۇر بولمىغىنىدەك، غۇرۇرمۇ تەمەننا ئەمەس. ئۆز ۋۇجۇدىدىن تاشقىرىدىكى شۆھرەت شولىسىدىن تەمەننا قىلغان كىشى شۆھرەت ھېرىسىدا يۈرگەن شۆھرەتسىز شۆھرەتپەرەسنىڭ نەق ئۆزى. *** كىشىلەر مەنسىتمىگەن ھاكاۋۇرلۇقچوققىلىرىنى زاماننىڭ مەسخىرە شاماللىرى سوقىدۇ. ئۆز غورۇرىنى دەپسەندە قىلغان جاسارەتسىز مىسكىننى ئالەمنىڭ رەھىمسىز قۇملىرى غەرق قىلىدۇ. *** ھەسەتچىلىرىڭنىڭ مۇنچىۋالا داۋراڭلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنمە، ساڭا ھەۋەس قىلغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قۇدرىتى ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن. ھەسەت سايىسىنى چۈشۈرۈپ تۇرغان نەرسە ھەۋەس-ھۆرمەتنىڭ شولىسى ! *** خوشامەتچىنىڭ نومۇسسىز ۋالاقلىغان تىلى، قاتىلنىڭ شەپقەتسىز خۇپىيانە خەنجىرىدىن زەھەرلىك. خوشامەت ھالاكەت گىردابىغا دومىلىتىدىغان ئالۋاستى شامىلى. ئىجادىيەت پەشتىقىغا يول تۇتقىنىڭدا خوشامەت دەرىخىنىڭ تېگىدە سايىدىما !
|
|