پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 59|ئىنكاس: 1

سېنى سېغىندىم (نەسىر)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 23:54:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   سېنى سېغىندىم
                                                         نەسىر

دېڭىزدەك چوڭقۇر كۆزلىرىڭنى ۋە شامالدەك يەڭگىل سۆزلىرىڭنى؛ قۇچۇقۇمدا مەستلىكىڭگە يىقىلغاندىكى نازلىرىڭنى ۋە مۇزلىغان باغرىمنى ئىللىتقان يازلىرىڭنى سېغىندىم... ئېسىڭدىمۇ دىلبەر؟! قانچىلىغان جۈپ تەنلەرنىڭ شىرىن سۆھبىتىگە شاھىد بولغان ھېلىقى ياغاچ ئورۇندۇقتا، بىر–بىرسىمىزگە يۆلەنگىنىمىزچە ئاي تاماشاسى قىلغىنىمىز... قوللىرىم چاچلىرىڭنىڭ قاراڭغۇلىقىغا چوڭقۇرلايتتى، چوغدەك يالىلداۋاتقان تىنىقلىرىڭ ئوتلۇق لەۋلىرىمگە ئۈنسىز پىچىرلايتتى... تۈگىمەس سۆزلىرىمىزنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى گويا كۆلدۇرما كۈيىدەك، سۈزۈك ئاي نۇرىغا چىلانغان ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگىچە تاراپ باراتتى...

سېنى سېغىندىم!!

ماڭا يۆلەنگىنىڭچە چەكسىز ئاسماننىڭ ئاخىرىسىنى ئاختۇرۋاتقىنىڭدىكى خىيالچان ھالىتىڭنى ۋە كۆكرىكىمگە بېشىڭنى قويۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكىنىڭدىكى گۈلدەك چېھرىڭنىڭ خاتىرجەملىكىنى سېغىندىم... ئېسىڭدىمۇ دىلبەر؟! ھېلىقى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، پەرھاتنىڭ تاغلىرىغا ئوغۇرلۇقچە قارىغانلىرىڭ ۋە شىرىننىڭ بۇلدۇقلىغان ياشلىرىنى ساڭا تۇيدۇرماستىن سۈرتۈپ قويغانلىرىم!...

سېنى سېغىندىم!!

ماڭا يەتمەس ئاۋازىڭغا ئېچىلغان تەققازالىق گۈللىرىدە يەلپۈنگەن نازاكىتىڭنى ۋە تۈگىمەس چۈشلىرىمنىڭ قاراڭغۇ ئشىكىنى چاقالمىغان ئاياق تىۋىشىڭدا قېتىپ قالغان ئىزتىراپلىرىڭنى سېغىندىم... ئېسىڭدىمۇ دىلبەر؟! ھېلىقى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئاي قاراڭغۇسىنىڭ ئىچكىرىسىگە ئىچكىرلەۋاتقىنىمىزدا، قورقىنىڭدىن ماڭا يىلاندەك چاپلاشقىنىڭچە قوقاستەك يېلىنجاۋاتقان تېنىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى  ئىشكىڭگە قاراپ تاشلانغىنىڭ!

سېنى سېغىندىم!!

ماڭا دىيەلمىگەن سۆزلىرىڭدىكى جاسارىتىڭنىڭ پۇرۇقلاپ قايناشلىرىنى ۋە ھايالىق بېقىشىڭدا كىرپىكىڭدىن دومىلاپ چۈشكەن بىر تامچە دۇنيادىكى يۈرىكىڭنىڭ قىپقىزىل قاناشلىرىنى سېغىندىم... ئېسىڭدىمۇ دىلبەر؟! ھېلىقى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، جەسۇر ھەم ئوماق ئوغلىمىزنىڭ ھىكايسىنى ساڭا ئوقۇپ بېرىۋاتقىنىمدا، رۇخسارىڭ كەچكى شەپەقتەك رەڭ ئېلىپ، ئۈستىبېشىمغا يىنىك ۋە يىنىك ئۇرۇپ كەتكەنلىرىڭ!...

سېنى سېغىندىم!!

يىراق سەپەرگە ئاتلانغان چېغىمدىكى بوسۇغا تۈۋىدە پورەكلىگەن تىلەكلىرىڭنى ۋە ئاشۇ سۆيۈملۈك روزىغارىمىزدا يالغۇز قالغىنىڭدىكى ھىجران شاخلىرىغا قونىۋالغان ئاپئاق چېچەكلىرىڭنى سېغىندىم... ئېسىمدە دىلبەر! ئاشۇ كۈنىدىكى قىيالماسلىقىڭدىن ‹‹پاڭڭىدە›› ئېتىلىپ كېتىشكە تاسلا قالغان يىغاڭنىڭ بوغۇزۇڭدىكى ئەسەبىي گۈزەللىكى...!!

مەن سېنى سېغىندىم...!!

مەنبەسى : بىلقۇت

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 2

قىزغىنلىق
122 سەر
تىللا
25 دانە
تۆھپە
74 سەر
شۆھرەت
89 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 11:10:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان نەسىر ئېكەن !ئۆتكەندە سىلەر باشقۇرغۇچىلار باشقا مۇنبەرنىڭ تېمىسنى كۈچۈرمەيلى دىگەندەك قىلغان لېكىن سىز لېكىن سىز  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 05:24, Processed in 0.141468 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش