- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| دوستلىشىش- ھايات يولىدىكى ئۇلۇغ نامايەندە، دوستى بولمىغان ئۆمۈر مەنىسىز ھەم يېقەمسىز. دوست- ھايات بېغى ۋە ئۆمۈر دەرمانى. *** دوست ياخشى ياكى ناچار بولىدۇ، دوستنىڭ سەلبى تەسىرى، سەلبى كىشىلەر تۈركۈمى پەرزەنتىنى يولدىن چىقىرىدۇ، ئائىلىدىكى ئىجدىمائىي تەربىيە ئارقىلىق قوپۇرۇلغان بىنانى غولىتىدۇ. *** دوستلۇق-ئىنساننىڭ تەبىئىي تەقەززاسى ۋە روھى تىرەكلىرىدىن بىرى. *** ‹‹ ياخشى دوست تۈگىمەس خەزىنە ››، پۈتمەس مەدەت، روشەن چىراغ ۋە روشەن ئەينەك. ‹‹ ئىنسان، ئۇنىڭ قانداق كىتاب ۋە قانداق دوست تاللىشى ئارقىلىق مەلۇم بولىدۇ››.يەنە كىتاب، دوستلۇق ۋە مۇھەببەت بىرلەشسە ئىنساننى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتىدىغان غايەت زور كۈچ كېلىپ چىقىدۇ. *** ھەقىقى ئىنسان بىلەن تونۇشۇش قايتىدىن بىر ئىنساننى ئىجاد قىلغانغا ئوخشاش خاسىيەتلىك ئىش. ئۇ كەلتۈرگەن خاسىيەتلەر ھەج خاسىيەتلىرىدىن ئۇلۇغ ۋە بەرىكەتلىك. *** دوستلۇق- ئۇ، ئاپاق-چاپاق، ئېغىز-بۇرۇن يالاش بولماستىن، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت. *** دوستلۇق مەدەنىيەتنىڭ ئۇلى ئەقىل ۋە ئەخلاق، ساداقەت ۋە پەرۋىش. *** مەككارلىق- يالغان دوستلۇق بولۇپ سەمىمىيەتسىزلىكتۇر. *** دوستلۇق بىر خىل قەلب ئالماشتۇرۇش. ئۇ پەرۋىشنى، كۈتۈشنى، سۇغۇرۇشنى شەرت قىلغان گۈلدىن ئىبارەت. *** دوستلۇق بىلىش ۋە ئىلگىرىلەش بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ كامالىتى بىلەن بىللە داۋاملىق گارمونىيىلىشىشى لازىم. ئىنسان ھاياتنى بىلگەن، داۋاملىق كامالەتكە قاراپ ئىلگىرلىگەندە يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشىدۇ. بەزى دوستلىرى مۇناسىۋەت تورىدىن چۈشۈپ قالىدۇ. ئەكس ھالدا كىشىنىڭ چۈشكۈنلىشىشىدىمۇ بۇ جەريان كۆرىلىدۇ. دوست كامالەت دەرىجىسىنىڭ كۆرسەتكۈچىسىدۇر. *** دوستلۇق پىكىر-تىلەكداشلىق، مۇئەييەن سىرداشلىق، سەمىمىيەت بىلەن بىللە ئەخلاقىي ھۆرمەت، قەدىرلەش، مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى بەجا قىلىش، مەرھەمەت قىلىش، ھامىيلىق قىلىشنى شەرت قىلىدۇ. *** دوستلۇقتا ماددىي-ئىقتىسادىي ئالاقىلار ناھايىتى تۆۋەن ئۆلچەمدە بولغىنى تۈزۈك. پۇل ۋە قىممەت ئېغىرلاشقاندا دوستلۇققا تەسىر يېتىدۇ. بۇ ھېساباتلىق بولغىنى ياخشى. *** دوستلۇق باشقىلارنىڭ غەيۋىتى ئۈستىگە قۇرۇلماسلىقى لازىم. دوستلۇق دوستنىڭ باشقا دوستلىرىغا ھەسەتسىز ھۆرمەت بىلەن بېزىلىدۇ. *** ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا بالىلار ۋە ئاتا=ئانىلار دوستلىرى بولىدۇ. ھەر تەرەپ ئۇلارنى قارشى ئېلىشى، ھۆرمەتلىشى، ئېتىبارغا ئېلىشى لازىم. *** ناتونۇش ئادەملەرنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچى ۋە سەمىمى دوستلۇقىنى قەدىرلىمىگەن كىشى ، ئىنسانىيەت تىرىپىرەن قىلىۋاتقان قاباھەتلىك كۈچلەرنىڭ ئۈلپىتى. *** ئۆز دوستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىرغىتىپ تاشلىغان ئادەمنىڭ چېقىپ تاشلايدىغىنى ئىشەنچ قورغىنى، ئۈمىد قەلئەسى. ئۇنىڭ توپان بالاسىدىن ئەمىن چىقىشىغا كىممۇ ئىشىنەلىسۇن. *** ئۆز دۈشمىنىنى يەڭگەن كىشى غالىپ ئەمەس، ئۆز دۈشمىنىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ئالەمشۇمۇل ساۋاق ئالالىغان كىشىلا ھەقىقىي غالىپ. *****************
*** |
|