پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 191|ئىنكاس: 7

شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 1

قىزغىنلىق
124 سەر
تىللا
7 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
120 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 03:31:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى



قەشقەر ئۇيغۇرلىرى  


    قەشقەر ئۇيغۇرلىرى يۇمىلاق باش (براخىكىفال)، ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭلۈك، يۈزى سوقىچاقراق(ئات يۈز)، بۇرنى ئوتتۇراھال كەڭ، لېكىن ئېگىز (قۇش تۇمشۇق بۇرۇن بىلەن تۈز بۇرۇن ئارىسىدا)، چاچلىرى قارا قۇڭۇررەڭ، قوي كۆزلۈك، ساقال - بۇرۇتلىرى قويۇق، ئەگىم قاشلىق، تېرىسى سۈزۈك ۋە سىلىق بولۇپ، ئومۇمەن چىرايلىق كېلىدۇ. ئۇلار چىرايلىق كىيىنىپ سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، تازىلىققا ۋە گىرىمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆلىما ۋە كاسىپ كىشىلەرگە دوست ۋە ئامراق كېلىدۇ، ئىلىم - پەننى قەدىرلەيدۇ، ھەمسۆھبەتنى ياخشى كۆرىدۇ.    قەشقەر ئۇيغۇرلىرى خەير - ساخاۋەتلىك، مېھماندوست، دانا ھەم مۇلايىم سۆزلۈك بولۇپ، خۇشناۋاز، سەنئەتخۇمار كېلىدۇ. تۇرمۇشتا تىرىشچان ھەم ئەمگەكچان بولۇپ، سودا - سېتىق ۋە تىجارەتكا ماھىر، ساياھەت ۋە سەپەرگە ھەۋەس قىلىدۇ. ئەھلى كەسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تىرىشچانلىقى، قول ھۈنەر ماھارىتى جەھەتتە باشقا شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە قارىغاندا ئۈستۈن ۋە زىيادە تۇرىدۇ. شۇڭا قەشقەر قەدىمدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ۋە سودا مەركىزى بولۇپ كەلگەن   

   

خوتەن ئۇيغۇرلىرى
  


    خوتەن ئۇيغۇرلىرى بەستلىك، ئاقپىشماق، ھال تەنلىك بولۇپ، يۇمىلاق باش (بروخىكىفاللىقى گەۋدىلىك)، ئوتتۇرا بوي، بۇرنى ئىنچكە، لېكىن ئېگىز، يۈزى سوقىچاقراق (ئات يۈز)، چالىرىقارا يكاى قارامتۇل دولقۇمسىمان، ساقال - بۇرۇتلىرى قويۇق، قارا كۆز، قاش - كىرپىكلىرى تولۇق، تەبەسسۇم چىراي كېلىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىر سۆزلۈك، بىر قوللۇق، بىر نىيەتلىك ۋە ئىتتىپاق بولۇپ، مۇلايىم ۋە كەمتەر ئىشچان كېلىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئىشىغا ناھايىتى پۇختا، دوستلۇق ئەقىدىسى كۈچلۈك، ئاغزى مەھكەم بولۇپ، سىر ساقلىيالايدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى كاسىپ - ھۈنەرۋەن، تەبىئەت ئىدرىكى پاكىز، زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ، ئۆتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.
   خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاددىي - ساددا ياشايدۇ، ھەشەمەتچىلىكنى ياقتۇرمايدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە تىبابەتچلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، ئۆلىما ۋە ئالىملارنى قەدىرلەيدۇ.   
خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھەرقانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا يەتكۈزۈپ، خېرىدارنى رازى قىلىدۇ. شۇڭا بۇ جاي ئەزەلدىن يىپەك يولى توقۇمىچلىقى ۋە قاشتېشى ئويمىكارلىقى بىلەن مەشھۇر.   

    ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى  


    تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىتنىك جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئاساسلىق قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان ياغمىلارنىڭ ئۇرۇغ - ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ.   بۈگۈنكى ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت تەسۋىرى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت تەسۋىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى باش سۆڭىكى يۇمىلاقراق، چاچ ۋە ساقاللىرى قويۇق ۋە قارا، بۇرنىئىنچىكە، لېكىن ئېگىزرەك (قاڭشالىق)، بۇغداي ئۆڭلۈك، قوي كۆزلۈك، ئوتتۇرا بوي، بەدەن مۇسكۇللىرى چىڭ، يۈزى سوقىچاقراق (ئات يۈز)، كۆز قارچۇقى ئۆتكۈز، ئەگمە قاش،قاپىقىنىڭ قېتى كەڭرەك كېلىدۇ.   ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىشچان ۋە پەم - پاراسەتلىك بولۇپ، ئىلىم - مەرىپەتنى قەدىرلەيدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ، يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ، جاپا - مۇشەققەتتىن زارلانمايدۇ، بەلكى ئۆز ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىش روھى ئۈستۈن.    ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئارا ئۆز ئارا ئىناق ۋە ئىتتىپاق ياشايدۇ، قەيەردە ئولتۇراقلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزئارا ئىزدىشىپ بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئەقىل كۆرسىتىدۇ. يوقسۇللىرىغا خەير - خاھلىق قىلىدۇ.  
    تىجارەت ۋە سودا سېتىققا كامىللىقى، سۆزدە مۇلايىم ۋە چىۋەرلىكى، ئۆز ئىشىغا پۇختىلىقى، كەمتەرلىكى ۋە سىڭىشچانلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى قاتارلىق ئالامەتلەر ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنى خاراكتېرلەيدىغان تۈپ ئالامەتلەردۇر.   ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى   ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى ئاقپىشماق، ئەمما سەل - پەل بۇغداي ئۆڭلۈك كېلىدۇ ھەمدە بېشى يۇمىلاق، يۈزى كەڭ ۋە گۆشلۈك، چاچلىرى قارامتۇل ۋە دولقۇنسىمان، قوي كۆزلۈك ۋە ئارىلاشما كۆزلۈك، لېكىن يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، ساقال - بۇرۇتلىرى ئوتتۇراھال، بۇرنى ئادەتتە كەڭرەك ۋە تۈز، پېشانىسى كەڭ بولىدۇ.    ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى خاراكتېر جەھەتتىن توغرا (تۈز)، ئاددىي - ساددا، يۇۋاش، مۇلايىم، كەمتەر، شۈكرىچان خەلقتۇر. دېھقانلىرى كۆپ، ھۈنەرۋەر كاسىپلىرى ئاز، سودا تىجارەتكە ئانچە قىزىقمايدۇ. ھۈنەر - كەسىپ ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكىنى باشقا شەھەرلەردىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلىدۇ. دېقانلىرى ئاقكۆڭۈل ۋە مېھماندوست بولۇپ، پۇلغا ئانچە ھېرىسمەن ئەمەس. ئۇلار سەنئەتخۇمار بولۇپ، ئەر - ئايال توپلىشىپ مەشرەپ ئويناشقا ئادەتلەنگەن.  
   

ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى


  ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى باغۋەنچىلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. شۇڭا ئاقسۇ مۇھىتى گۈزەل، بۈكباراقسان شەھەر بولۇپ، ئېلىمىز بويىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مانا شۇ ئاقسۇ تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردۇر   تۇرپان ئۇيغۇرلىرى :   تۇرپان قەدىمىي شەھەر بولۇپ، قەدىمكى «ئىدىقۇت» ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى قىياپەت جەھەتتىن سارغۇچ ئۆڭلۈك، باش سۆڭىكى يۇمىلاققا مايىل، ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، بۇرنى ياپىلاقراق ھەم قېلىنراق بۇرۇن تۆشۈكلىرى سەل چوڭراق كۆندۈلەڭ شەكىلدە، يۈزلىرى كەڭ، يۈزىنىڭ داس سۆڭىكى كۆرۈنەرلىك. قارامتۇل، ئەمما كىچىكرەك (چېقىر كۆز)، قاپىقى گۆشلۈك، چاچلىرى تۈز ۋە قارا، ساقال - بۇرۇتلىرى شالاڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.  
  

تۇرپان ئۇيغۇرلىرى



  تۇرپان ئۇيغۇرلىرى راست قوللۇق، راست سۆزلۈك، تۈز كۆڭۈل، ھىيلە - مىكىر ۋە خىيانىتى يوق، ئەقىدە - ئىخلاسلىرى ساپ، سۆزلىرى قوپاللراق بولسىمۇ، كۆكسى - قارنى كەڭ، ئۆزئارا ئاداۋەت ساقلىمايدىغان، ئارتۇقچە تەكەللۈپنى خالىمايدىغان، ئەقىدىسى كۈچلۈك خوشپېئېل خەلقتۇر. تۇرپاننىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، كىلىماتى قۇرغاق، سۈيى كەم بولغاچقا تۇرپان ئۇيغۇرلىرى كارىز سۈيىگە تايىنىپ دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ.  
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان ۋە باتۇر خەلق بولۇپ، قىينچىلىقتىن قورقمايدۇ. ئەمما دېھقانچىلىقتىن باشقا ھۈنەر - كەسىپكە ئانچە كامىل ئەمەس، سودا - تىجارەتكىمۇ ئانچە قىزىقمايدۇ.  

   كورلا ئۇيغۇرلىرى



   كورلا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتنىك تەركىبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى يەرلىك ئىرقى ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇلار سارغۇچ ئۆڭلۈك، بېشى يۇمىلاقراق، بويى ئوتتۇراھال، بەستلىك، يۈزىنىڭ داس سۆڭىكى چوڭراق، بۇرنى تۈز، قېلىنراق، بۇرۇن تۆشۈكلىرى سەل چوڭراق، يۈزلىرى قىسقا، كەڭ، چاچلىرى تۈز ۋە قويۇق، كۆز قارىچۇقى قارا، قاپىقى تار ئەمما قېلىنراق، ساقال - بۇرۇتلىرى ئوتتۇرھال بولۇشتەك ئالاھىدىلىك بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. كورلا شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار قىياپەت جەھەتتىن ئاقسۇ، كۇچار ئۇيغۇرلىرىغا ئاساسەن ئوخشايدۇ.    كورلا ئۇيغۇرلىرى ئاقكۆڭۈل، راست سۆزلۈك، مۇلايىم، كۆكسى - قارنى كەڭ، ھىيلە - مىكىرسىز، ئىززەت - ئېكراملىق بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. لوپنۇر ئەتراپدىكىلەر چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاددىي - ساددا ياشاشقا ئادەتلەنگەن، ھۈنەر - كەسىپ، سودا - تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمىغان.  

قومۇل ئۇيغۇرلىرى   



   قومۇل ئۇيغۇرلىرى   قۇمۇل تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئانا يۇرتلىرىدىن بىرى. قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان، باتۇر، ئەقىل - پاراسەتلىك، ئاقكۆڭۈل، كەمتەر، خۇشپئېل، سىلىق - سىپايە، ئۆم - ئىناق، مېھماندوست، ئويۇن - چاقچاق، ناخشا - ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن بولۇشتەك خاراكتىرىگە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايون «بىرى بۇلىقى، بىرى خۇلقى ياخشى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.   قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى قىياپەت جەھەتتىن ئاق ئەمما سەل - پەل بۇغداي ئۆڭلۈك، ئوتتۇرا بويلۇقتىن تۆۋەنرەك، بۇرنى ئادەتتە كەڭرەك ۋە تۈز، ياڭاق سۆڭىكى كەڭ، چاچلىرى سەل تۈز، قوڭۇر، ئانچە قويۇق ئەمەس، قوي كۆزلۈك ۋە ئارىلاشما كۆزلۈك، لېكىن يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، كۆز ئوقلىرى سەل - پەل چېقىر، پېشانىسى سەل تارراق، ساقال - بۇرۇتى شالاڭ (كوسا)، بېشى سەل سوقىچاقراق (خروكىفال) بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ   ئىلى ئۇيغۇرلىرى   ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ رايون شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىدىن بىرى سانىلىدۇ.  

ئىلى ئۇيغۇرلرى



   ئىلى ئۇيغۇرلرى ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك، باتۇر، روھلۇق، تېتىك، خۇش چاقچاق، كەڭ قورساق، سۆزمەن، يۇمۇرغا باي، پاكىز تەبىئەتلىك، ئېلىم - بېرىمغا ماھىر، مېھماندوست، سالام - سائەتلىك، يۈرۈش - تۇرۇشى رەتلىك ۋە سالاپەتلىك، ناخشا - مۇزىكىغا ھېرىسمەن، مەدەنىيەت سۆيەر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.   
    تارىختا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن باردى - كەلدى مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئىلى ئۇيغۇرلىرى مەدەنىيەت جەھەتتە باشقا رايونلارغا قارىغاندا بۇرۇنراق ئويغانغان. بۇ رايون بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاچقا تۈرلۈك خەلقلەر ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان تىپىك بىر رايونغا ئايلانغان. ئەسلى يەرلىك ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئانتروپولوگىيىلىك تىپى توركوئىدلار ئىرقىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ياۋروئىدلىق بىلەن موڭغۇلوئىدلىقنىڭ ئوخشىمىغان نىسبەتتىكى ئارىلاشمىسىدىن شەكىللەنگەن. جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلى رايونىغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كۆچۈپ بارغان بولۇپ، ئۇلار تەبىئىيكى قەشقەر، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت خاراكتېرىگە ئىگە.  




رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، ئابدۇكېرىم رەھمان، شېرىپ خۇشتار تۈزگەن: << ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى >> دىگەن كىتاپتىن.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
admin + 5 + 2 + 2 + 2ياخشىكەن..!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 2 تۆھپە + 2 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 11:27:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىز ھەققىدىكى ياخشى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن

باھا سۆز

بودەك رەخمەت، داۋاملىق تىرىشىمەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 11:37:50
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 1

قىزغىنلىق
129 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
98 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 14:15:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىۋالدىم . سىزگە رەھمەت

باھا سۆز

بودەك سىزگىمۇ رەخمەت  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 23:43:48

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
390 سەر
تىللا
192 دانە
تۆھپە
253 سەر
شۆھرەت
310 سەر

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 19:59:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنجى تېمىڭىزبەك ياخىش چىقىپتۇ !رەھمەت

باھا سۆز

بودەك بۇنىڭ تۇنجى تېمام ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسىز؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 23:44:17

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 20:23:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە بۇ ئەسەرنى ئۇقۇش ئارقىلىق ھەر قايسى  تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالايدىلىكىنى چۈشۈنىۋالدىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-20 00:10  

باھا سۆز

بودەك زېرىكمەي ئوقۇپ بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ رەخمەت....  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 23:45:47
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 4

قىزغىنلىق
543 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
238 سەر
شۆھرەت
274 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 14:07:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان ياخشى ماتىريال ئىكەن . مەنمۇ بۇ تىمىنى ئۇقۇپ ئاقسۇ رايۇنىدىكىلەرنىڭ
ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق بىلگەندەك بولدۇم .رەخمەت سىزگە نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .

باھا سۆز

بودەك رەخمەت ، داۋاملىق تىرىشىمەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 20:57:34

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 18:09:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە .ياخشى تىمىكەن.

باھا سۆز

بودەك ئەرزىمەيدۇ،سىزگىمۇ رەخمەت  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 20:57:54
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 23:25:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز!رەخمەت سىزگە!!!!
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:41, Processed in 0.134897 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش