- تىزىملاتقان
- 2012-6-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-20
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 416
- نادىر
- 0
- تېما
- 4
- يازما
- 25
 
قىزغىنلىق- 134 سەر
تىللا- 7 دانە
تۆھپە- 49 سەر
شۆھرەت- 67 سەر
| دىپلومى يوق بولسىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەيدىغان ئادەملەرنى دىپلوملۇق بىكارچىلاردىن مىڭ ھەسسە يۇقۇرى بىلىش كېرەك. بىلىش كېرەككى ،مائارىپ - بىر-ئىككى يىل كۆڭۈل بۆلىدىغان ‹‹سېغىن كالا››بولماي،بىر قانچە ئەسىر نىشانلىندىغان ئىژتىمائى بىناكارلىق.
مائارىپ مۇئەككىلىنىڭ كۆزى خىرەلەشكەندە،تىبابەت دەرگاھى پاكلىق ۋە ئالىيجاناپلىق خىسلىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ،ئىنگىلىس توغرا ئېيتىدۇ ‹‹زىمىننى سېتىش ئىنسان بەدىنى سىرتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سېتىشتۇر›،ئىنسان ئۆز ئىپپىتىنىمۇ ساتقاندىن كىيىن ياكى بۇلغىغاندىن كىيىن كۈتۈپ تۇرغان ئىككىنچى قەدەم ئوچۇق بۇلاڭ -تالاڭدىن ئىبارەت.مانا بۇ دەھشەتلىك ھادىسلەر بايلىق بىلەن مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى،مائارىپسىز بايلىقنىڭ پاجەلىك قىسسىسىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ.
ئۇستازنىڭ بېلىمى تۈگەپ شاگرتنىڭ يېڭى بېلىمى باشلانغان چاغدا كەشپىيات تۇغۇلىدۇ. ھەر قانداق كەسىپتە -كەسپنى سۆيۈش مۇۋەپپىقىيەتنىڭ كاپالىتى ھىساپلىندۇ. ئادەمنى قابىليىتى ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى قابىليىتىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلگىنى ئۈچۈن قەدىرلەش كېرەك. مەنىۋى ھاياتتىمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكىدەك كىمنىڭ بېلىمى ئېشىپ بارسا،ئۇتىنىمسىز ئۆسىۋېرىدۇ ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىۋېرىدۇ.
ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى مۇئەلللىملەرنى ئەيىبلەش بىلەن ئاقلايدىغانلار ئەسلىدە ئۆزلىرى ھېچبىر ئىشنى قىلالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى بېرىش كېرەك بولغان جايغا قۇلىقىدىن تارتىپ ئېلىپ بېرىشنى كۈتۈپ ياتىدىغان كىشىلەردۇر . |
|