پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 58|ئىنكاس: 4

تەسىراتنامە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 22:41:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەسىراتنامە

(فېليەتون)

ئالاھىدىن ئابدۇرشىت


-يولداش جۇباجېنىڭ غەرپ سەپىرى جەريانىدا تىكلىگەن ئېسىل كەسپ ئەخلاقى توغرىسىدا


ئەلقىسسە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چارەك ئەسىرلىك مەركەزلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ تۈگەللىمىسى (ئىلاھىم، شۇنداق بولغاي!...)سۈپىتىدە بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقى بويىچە مەركەزلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلاپلا مارافۇنچە تەسىرات يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى  زور دەبدەبە ۋە داغدۇغا بىلەن باشلاندى. مانا ئەمدى مەكتەپ مەسئۇللىرى خەتمۇ-خەت ساناپ ئۆتكۈزۈۋالغان  نەچچە ئون خاتىرىگە تولدۇرۇلغان يازمىلىرىمنى قىسقارتىپ بىرەر تىرىلوگىيەچىلىكلا كېلىدىغان بىر تەسىراتنامە يېزىشقا توغرا كەلدى.
تەسىراتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باپلىرىنى يېزىۋاتقىنىمدا، توساتتىن يورۇن سۇلتاندىن يولداش جۇباجيېنىڭ غەرپ سەپىرى جەريانىدا تىكلىگەن ئېسىل كەسپ ئەخلاقىدىن قاتتىق تەسىرلىنىشىم توغرىسىدا ساماۋىي ۋەھى چۈشتى.
گەرچە تەسىرلىنىش-بىر خىل مۇقەددەس مەنەۋىي كۈچنىڭ تەسىرىدە ئىنسان روھىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى زىلزىلىدە ئەكس ئېتىدىغان نازۇك پىسخىك ھەرىكەت بولسىمۇ، پېقىرنىڭ ئۆز ماھىيىتىمنى يوقىتىش بەدىلىگە بولسىمۇ خالىغان ۋاقىت، خالىغان ئورۇندا باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىن بېكىتىلگەن تەسىراتقا ئىگە بولماي ھەددىم ئەمەس. دېمەكچىمەنكى، بۇ قېتىم ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇشۇمغا توغرا كەلدى.
بۇ قېتىمقى ئوقۇتقۇچىلار كەسپ ئەخلاقى بويىچە مەركەزلىك ئۆگىنىش جەريانىدا رەئىس سەھنىسىدىكىلەرنىڭ نۆۋەت بىلەن ھەجىلەپ بېرىشى ئارقىلىق بىر  يېرىم ئاي ئىچىدە ئۆگىنىلگەن «XX ناھىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە يېزا ئىگىلىك ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى» بىلەن ئوقۇتقۇچىلار كەسىپ ئەخلاقىنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى ئاڭقىرالماي ھەيرەت بىلەن تۇرغىنىمدا، بەختىمگە يارىشا يۇرۇن سۇلتاندىن بۇ شاھانە ۋەھى كەلدى. شۇڭا، دەرھال ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، تونۇشۇمنى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئۆلمەس ئەسەر«غەرپكە ساياھەت» ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قايتا كۆرۈپ چىقىش پۇرسىتىگە مۇشەررەپ بولدۇم. دەرھەقىقەت، يولداش جۇباجيېنىڭ ئوقۇتقۇچىلار كەسپ ئەخلاقىغا ئۈلگە بولارلىق ئىلغار ئىش-ئىزلىرى كۆز ئالدىمدا بىر-بىرلەپ نامايەن بولۇشقا باشلىدى: يولداش جۇباجىي خان ئالىيلىرىنىڭ پەرمانىنى ئەلا بىلىپ، نوم ئېلىپ كېلىش يولىدا ئۇستازنى جان پىدالىق بىلەن قوغداپ، جاپا-مۇشەققەت ۋە خېيىم-خەتەر بىلەن باتۇرانە كۆرەش قىلىپ، قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان سېھرات ۋە جىن-ئالۋاستىلار بىلەن سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېلىشىپ، شۇنچە قىيىن شارائىتتىمۇ ۋۇكۇڭ، شاسىڭلارنى ياخشى تەربىيىلەپ، سۆز-ھەركەتتە ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىناق-ئىجىل ئۆتۈپ، جىن-شاياتۇنلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا، ھېيلە-مېكىرىسىگە ئالدانماي، پاك-دىيانەتلىك، ئىستلدا دۇرۇس بولۇپ، يەپ-ئىچىشكە، ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلمەي، پەرىزاتلارغا ۋە پۇخرالارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىغا قەتئىي كۆز قىرىنى سالماي، تىرىشچانلىق-ئىقتىسادچانلىق بىلەن زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئالەمشۇمۇل تۆھپە ياراتتى. شۇ سەۋەپلىك كوللېكتىپ ھالدا بۈيۈك تاڭ خانىنىڭ زور ئىنئامىغا ئېرىشتى....
ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، بىز شەرەپلىك (يەنە قانداقتۇر ئاجايىپ نام ئاتاقلارغا ھەقسىز مۇشەررەپ بولۇۋاتقان) خەلق ئوقۇتقۇچىلرىچۇ؟!.......
بىز XX ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزنى كەسىپ ئەخلاقى ۋە باشقا جەھەتلەردىن، بولۇپمۇ ئادەم تەربىيلەش جەھەتتە يولداش جۇباجىي بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ھەقىقەتەنمۇ بۇ قېتىمقى يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى كەسىپ ئەخلاقى بويىچە مەزكەرلىك ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرۈلىكى، تەخىرسىزلىكى ۋە دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قالتىس چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.
ھەقىقەتەنمۇ، بىز XX ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپ ئەخلاقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەتكە زور بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى: يېقىنغىراق قارىساق، كاتتا ئەمەلدارلارنىڭ قانۇننى قايرىپ قويۇپ ئاينىپ كېتىشى، ھوقۇق-ئەمەل سودىسى قىلىشى، يۇقىرىنى ئالداپ تۆۋەننى بېسىشنىڭ ئۇلارنىڭ ئەڭ زور خىزمەت نەتىجىسىگە ئايلىنىشى؛ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي ئادەم سودىگەرلىرى،  ئىنسان ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن بولغان بارلىق جىنايەتلەرنىڭ باش مەنبەسى بولغان زەھەر ۋە جىنسىي مۈلۈك ئەتكەسچىلىرى، يارالمىشتىن چاتراققا جايلاشقان ئاياللىق جىنسىي ئەزانى ئاغزىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇۋالغان ئەيدىز كارخانىلىرىنىڭ مۆتىۋەر خوجايىنلىرىنىڭ قانۇن ئجراچىلىرىنىڭ ھىماتچىلىرىغا ئايلىنىشى؛ پۇخرادىن ئەمەلدارلارنىڭ، مەكتەپتىن پاھىشەخانىلارنىڭ، ئادەمدىن نوپۇسنىڭ،.....كۆپىيىپ كېتىشى؛ ئۇندىن باشقا، كىشىلەرنىڭ قېرىش ۋە كېسەللىك دېگەندەك يوقىلاڭ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىشى؛ قاتناش ۋە باشقا ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى؛ ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ ئاشنا ئوينىشى؛ كېچە-كۈندۈز ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ قىز پەرزەنتلىك بولۇپ قېلىشى، بوۋاقلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن كەمتۈك بولۇپ تۇغۇلۇپ قېلىشى-تاشلىۋېتىلىشى؛ تىلەمچىلەرنىڭ ئاۋات كوچىلاردا يېتىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىشى؛ ئاق خالاتلىقلارنىڭ بىمارلار پۇل تۆلىگەن قىممەت باھالىق دورىلارنىڭ ئورنىغا ساختا، ئەرزان باھالىق دورىلارنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپ تاپقان پايدىسىغا بېتيۇننىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ نام-شۆھرەت تېپىشى؛  مال باھاسىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى؛ دېھقانلارنىڭ ھازىرغىچە پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالماي قوغۇننى باراڭغا ئېلىشقا، كېۋەزنى تاشتەككە تېرىشقا، پىشمىغان زىرائەتنى پىلان بويىچە ئورۇشقا مەجبۇر بولۇشى؛ ئەلمىساقتىن بۇيان ھاڭگا ئېشەكنىڭ ۋە خورازنىڭ تۇغماسلىقى، مانا شۇنىڭ بىلەن يەر-چارۋا ئىگىسى بولغان دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئوغرى-يانچۇقچىلار كىرىمىگە يېتىشەلمەسلىكى؛ خىمىيىۋىي تەركىپلىك  يىمەكلىكلەرنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولۇشى؛ بىرقىسىم كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەپلىك ۋەيران بولۇشى؛  ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىش ئورنى ئىزدەپ يۈرۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تامامەن بىز XX ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپ ئەخلاقىمىزنىڭ ناچار بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيلىمىگەنلىكىمىز سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە!
سەل يىراققا قارىساق،توپان بالاسى، دېڭىز تاشقىنى، يەر تەۋرەش قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر، ئەلۋەتتە بىزXX  ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپ ئەخلاقىمىزنىڭ ناچار بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيلىمىگەنلىكىمىز سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋە داۋاملىق يۈز بەرمەكتە، يەنە كېلىپ بۇ خىل ئاپەتلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىش خەۋپى يەنىلا ساقلىنىۋاتىدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىك كېلىمات، مۇھىت مەسلىسى؛ ئەيدىز، تىرۇرلۇق ۋەھىمىسى؛ ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ نىكاھلىىنىشىنىڭ قانۇنلىشىشى ۋە  ئىشسىزلىق-نامراتلىق مەسلىسىمۇ بىز XX ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپ ئەخلاقىمىزنىڭ ناچار بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلىمىگەنلىكىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش يامان غەرىزىنىڭ كۈچىيىشى؛ ئىراق ئۇرۇشى، پەلەستىن-ئوتتۇرا شەرق مەسلىسى؛ ئافغانىستان-تالىبانلار مەسلىسى، ئىران يادرۇ مەسلىسى؛ ش ئا ئە ت نىڭ شەرققە كېڭىيىشنى تېزلىتىپ روسيەنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىشى، روسيە بىلەن گىروزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشى؛ دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىمۇ، شۈھبىسىزكى، بىزXX  ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپ ئەخلاقىمىزنىڭ ناچار بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيلىمىگەنلىكىمىز بىلەن مۇناسۋەتلىك. قىسقىسى، خەلقئارا ۋە رايۇن ئىچىدىكى تۈرلۈك زور سىياسىي، ئىجىتىمائىي، ئىقتىسادىي، تەبىئىي بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزXX  ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىمىز ۋە ئادەم تەربىيلەش ساپايىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك!
خور، خور، خور........
«پاراققىدە» كۈلگەن كۈلكە بىلەن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. يېنىمدىكى خىزمەتدىشىمنىڭ نە رېتىم، نە ئاھاڭغاچۈشمەيدىغان بۇ قوپال خورىكىنى ئاڭلاپ بۇنچىلىك كۈلۈپ كەتكەن خىزمەتداشلىرىم مېنىڭ بۇ ئاجايىپ چۈشۈمدىن خەۋەر تاپسا قانچىلىك كۈلۈپ كېتەركىنە؟! بوپتۇ، نەچچە ئون يىللاپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق تەتىل-دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىغان، تۈرلۈك ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ۋاقىت يەيدىغان ھەركەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن، كۈن بويى چارچاش-ھارغىنلىق، تەنقىد ئىچىدە قېنىپ بىر كۈلەلمەيدىغان بىچارە ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتدىشىمنىڭ خورىكى ياكى مېنىڭ بۇ چۈشۈمدىن بىر كۈلۈۋالسۇن!
لېكىن، شۇ تاپتا سەھنىدىكىلەرنىڭ ئەلپازىنى-ئادەمنى دەم تارتىدىغان سۈرلۈك كۆزلەرنى كۆرسە كىممۇ كۈلۈشكە پېتىنالايدۇ دەيسىز!..........


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-17 22:44  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
umid0998 + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 23:26:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئەپەندىم، نۆۋەت فىلىيەتۇنلارغا كەلدىمۇ؟  بۇمۇ بىر ئۆزگۈچىلىك ئىكەن.... كۈلىۋالايلى.....

مەرھابا...مەرھابا...

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 05:14:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تېما يوللاپسىز دوستۇم. قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ئەجەپ ياخشىكىنا، ‹‹ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ›› دىگەن مۇشۇ ئوخشىمامدۇ؟!! زېھنىڭىز يەنىمۇ ئوچۇق، قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
123 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
79 سەر
شۆھرەت
93 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 01:13:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىنكامنىڭ  بۇ فىليەتون ئاجايىپ يىزىلىپتۇ جۇمۇ!:   قولىڭىزغا دەت كەلمىگەي!   سىزنىڭ بىر كۇپلىت شىئېرىڭىز   ئېسىمزگە كەپ قالدى:
  خانىم -قىز دەپ ئاتىقىم بار،
كۆل بويىدا ياتىقىم بار.
ھىچقايسىسىدىن قورقمايمەن،
باشلىق بىلەن چاتىقىم بار.      

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 14:13:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى شائىرمىكىن دىسەم مۇنداق ھۇنەرلىرىممۇ بار دەڭ! يارايسىز ئالاھىدىن ئاكا، تىنىڭىز سالامەت، قەلىمىڭىز كۇچلۇك بولغاي، مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلىرىڭىزگە بايقاشتىكىلەر بەك تەشنا بىز،
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:11, Processed in 0.130803 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش