- تىزىملاتقان
- 2012-3-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-14
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 5053
- نادىر
- 0
- تېما
- 50
- يازما
- 453
  
- يوقلىما
- 135
قىزغىنلىق- 1354 سەر
تىللا- 123 دانە
تۆھپە- 821 سەر
شۆھرەت- 948 سەر
     
| روزا ھېيتنىڭ خاسىيتى ۋەبالىلارنىڭ ھېيت مەزگىلىدىكى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :- چىن مىھرىدىن كۈلكە يىغىپ تۇرغان تۇردىغان سۆيۈملۈك، ئوماق بالىلار ھەممىڭلارنىڭ (ئالدىمىزدا كىلۋاتقان) روزا ھېيتڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! روزا ھېيت بىز ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەنئەنۋى بايراملىرىمىزدىن بىرى بولۇپ قىرى- ياش، چوڭ – كىچىك، ئۇرۇق تۇققان، دوست- بۇرادەر ھەممىمىزنىڭ بىر بىرىمىز بىلەن كۆرىشىدىغان جەم بولىدىغان ۋاقتىمىز. بىر بۇ ۋاقىتلاردا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم. 1. ئالدى بىلەن سالام- ساھەت ئادىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك. ئاتا بوۋلىرىمىزدىن ئۆگىنەيلى ۋە داۋاملاشتۇرايلى. سەھەردە تۇرۇپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئاتا- ئانىمىز ، چوڭ دادا- چوڭ ئانلىرىمىزنىڭ ئايىمىنى مۇبارەكلەشنى ھەممەيلەن ئۇنتۇپ قالمايلى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئاچا- ئاكا، ئۇرۇق تۇققانلار ھەممىسىنىڭئايىمىنى مۇبارەكلىشىمىز كىرەك، سىرىتلارغا چىققانداخۇلۇم – قوشنىلىرىمىزنىڭمۇ ، دوسلىرىمىز، ساۋاقداشلىرىمىزنىڭمۇ ئايىمىنى مۇبارەكلەشنى ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. مۇبارەكلىگەن ۋاقتىمىزدا :‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا،ئاپا ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ››دەيمىز. بىر يەرگە بارماقچى بولساق چوقۇم چوڭلارنى خەۋەردار قىلىپ قويشىمىز كىرەك. 2. ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بىرىشىمىز ۋە تازلىقنى سۆيىشىمىز كېرەك. ئائىلىگە قايتقاندا ئاتا- ئاناڭلارغا قولۇڭلاردىن كىلىشىچە ياردەملىشىپ بەرسەڭلار ئۇلار سىلەردىن سۆينىدۇ ھەمدە كۆپرەك ھېيتلىق پۇل بەرگۈسى كىلىدۇ. ھېيت ۋاقتىدا بىرىش- كىلىش، مىھمان چاقرىش دىگەندەك ئىشلار كۆپ بولغاچقا باشقىلار كىرىپ چىقىپ ئۆينىڭ ئىچى ئاسان مەينەت بولىدۇ، شۇڭا سىلەرمۇ تەڭ مەينەت قىلماستىن ئۆيدىكلەرگە ياردەملىشىپ تازلىق قىلىپ بىرىڭلار ھىچ بولمىغاندا ھيتلىق يىڭى كىيىمىڭلارنى بولسىمۇ كىر قىلماي ئوينىشىڭلار كىرەك. يەنە مىۋە شۆپىكلىرى، كەمپۈت قەغەزلىرى دىگەندەك نەرسىلەرنى قالايمىقان تاشلاشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئەخلەت تاشلايدىغان ئۇرۇنغا تاشلاش لازىم. 3. ھېيتلىق پۇللارنى ياخشى ئىشلارغا ئىشىلتىشىمىز بۇزۇپ چاچماسلىقىمىز كىرەك. چوڭلار بەرگەن ئايەملىك پۇللارنى قالايمىقان چىچىپ، زىيان قىلىدىغان نەرسىلەرنى خالىغانچە ئىلىپ ، بولۇپمۇ سوغۇق ، لازىلىق نەرسىلەرنى ئىلىپ يىيشكە بولمايدۇ، يەنە پۇللارنى كىسىپ، يىرتىپ ۋە باشقا نەرسىلەرنى ياساپ ئويناشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس، گەرچە ئاتا- ئاناڭلار بەرگەن پۇللار ئۆزەڭلارنىڭ بولسىمۇ ئۇ پۇللارنى يىغىپ ساقلاپ قويساڭلار ئاتا- ئاناڭلار بۇ قىلغىنىڭلاردىن چوقۇم خوش بولىدۇ. ھەمدە مەكتەپكە يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا لازىملىق نەرسىلەرنى ئىلىپ بىرىدۇ. 4.بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك. يەنى يول يۈرگەندە يولنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن مىڭىشىمىز ۋە ياكى ئاتا- ئانا ، ئۇرۇق – تۇققانلىرىمىز بىلەن بىللە ئۇلاردىن ئايرىلماي يول يۈرىشىمىز لازىم. ئويۇن ئوينىغاندا ئەدەپلىك بولىشىمىز، بىر بىرىمىزگە چاقچاق قىلدىم دەپ سۇ چىچىشىپ ئويناشقا ، تاش دىگەندەك قاتتىق نەرسىلەرنى ئىتىشقا، بىر بىرىمىزنى ئىتتىرىپ ئويناشقا، ئىگىز جايلارغا چىقىۋىلىپ ئويۇن كۆرسىتىمەن دەپ كەپسىزلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. روزا ھېيتتا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ھازىرچە مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلارنى خۇشال- خۇرام، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن بۇ ماقالىنى مەن ئىشلىگەن ئۇرۇنغا ئاتاپ يازغان ئىدىم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىلەرگىمۇ سۇندۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كارول1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 18:17
|
|