ئېرىمنىڭ ھوجىرىسىدىكى ئىڭرىغان ئاۋاز
بىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان چاغدا مۇھەببەتلىشىپ خىزمەتكە چىقىپلا ئىللىق ئائىلىمىزنى قۇرۇۋالغان ئىدۇق، ھەر ئىككىمىزنىڭ خىزمەت ئورنىمىز ۋە باشقا شارائىتلىرىمىزمۇ ياخشى، نىيتىمىزنى بىر قىلپ ئورتاق تىرىشىش نەتىجىسىدە ئەھۋالىمىز تېزلا ياخشىلىنىپ راۋۇرۇس ئۆيدىن بىرنى سېتىۋالدۇق، ئىككى يىلدىن بىرى بويۇمدا قالماي سەل ئەنسىرىگەننى ھىساپقا ئالمىغاندا تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتاتتى. ئېرىمنىڭ ئاپىسىنى تويىمىزدا بىرلا قېتىم كۆرگەنچە قايتا كۆرۈپ باقمىدىم، ئېرىمنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ 3ياش چېغىدىلا دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، قىيناپام قايتا ياتلىق بولماي پۈتۈن مىھرى-مۇھەببىتىنى ئۇنىڭغا بېرىپ، يېزىدا پۈتۈن دېقانچىلىق ئىشلىرىنى ئۆزى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ ئېرىمنى تولىمۇ تەسلىكتە ئوقۇتقان ئىكەن، شۇڭلاشقىمۇ بۇ ئانىغا تولىمۇ قايىل ئىدىم. ئۇنى يېنىمىزدا تۇرغۇزۇپ باقىدىغان خىيالىم بار ئىدى، ئىلگىرىكى ئۆيىمىز بىر ئېغىزلىق بەكلا كىچىك بولغاچقا ئەكىلىۋېلىشقا قولايلىق بولمىغان، مانا ئەمدى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ بىرىنچى گېپىم يەنە شۇ بولدى: ئانامنى قاچان ئەكىلىۋالىمىز؟ئېرىم مەندىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئانام كەلگىچە ئارلىقتا ئەندىشىلىرىنى ئېيتىپمۇ ئۆتتى: ئانام يېزا تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغان، بەزى ئىشلىرى كۆزىڭىزگە سىغماي قېلىشى مۇمكىن، ئەيىپكە بۇيرىمايسىز-ھە.نىمىلەرنى دەيدىغانسىز، ئانامنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلىسىزغۇ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ھەممىلا ئىشى كۆزىڭىزگە سىغىدىغان بولۇپ قالىدۇ، كۆزۈمگە سىغمىسا كۆرمىگەنگە سالارمەن...ھەي، بۇ ئالدىراپ دەيدىغان گەپ ئەمەسكەن،ھەممىلا كۆڭۈلسىزلىك قىينانامنىڭ كېلىشى بىلەن باشلاندى......... قىينانامغا بىرىنچى بولۇپ سودا قىلىشىم يارىمىغىلى تۇردى.....ۋاي-ۋۇي، مۇشۇ بىر ئاياغ 300يۈەنمۇ؟ نىمە دەپ يۈرىدىغانسىز، 550يۈەنگىمۇ سومكا سېتىۋالغان بارمۇ؟ قۇرۇپ كەتسۇن داڭدار ماركىسى..... نىمە؟خەقنىڭ توغۇلغان كۈنىگە مۇشۇ گۈلنى 100يۈەنگە ئېلىپ بارامسىز؟ ئەتىلا قۇرۇپ كەتمەمدۇ، مۇشۇ ياشلارنى زادىلا چۈشەنگىلى بولمايدىغۇ زادى..... . -ئەستا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى، چوڭلارنىڭ مىجەزى شۇ، رەنجىپ نەگە باراي... كېيىنچە نەرسە كېرەك سېتىۋالسام يالغۇز چىقىدىغان، ئالغان نەرسىلىرىمنىمۇ دىمەيدىغان بولۇپلا قۇتۇلدۇم، قىيناناممۇ سەزدى بولغاي، ئۇھ تارتىپ قويۇپ گەپ قىلمايلا قويدىغان بولدى. مىنىڭ بىلەن سىمىنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشىمنىڭ يېقىندىن بېرى سالامەتلىكى ياخشى بولالماي قېلىپ مىنىڭدىن بىرەر مەزگىل كېچىلىك سىمىنا ئالمىشىپ ئىشلىشىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالدى، مەنمۇ ياردىمىم بولۇپ قالسۇن دەپ قوشۇلۇپتىمەن،............... ئىلگىرى ھەپتىدە 3كۈن كېچىلىك سىمىنا ئىشلەيدىغان ئادەم ئەمدى ھەر كۈنى كېچىلىك سىمىنا ئىشلەپ سەھەر سائەت 4 بىلەن دىجۇرنى ئالمىشىپ ئۆيگە كىلىمەندە، بىر ئۇخلىغان پېتى سائەت 10لار بىلەن ئويغىنىمەن. بۇرۇن كېچىلىك سىمىنا ئىشلىگەن چاغلىرىمدا ئېرىم ئۆزىگە ناشتىلىق تەييارلىغاچ ماڭىمۇ تەييارلاپ ئۈستۈلگە قويۇپ كېتەتتى، قىينانامنىڭ بۇنى كۆرۈپلا جۇدۇنى تۇتتى:خوتۇن بولغۇچى كۈن چۈشكىچە ئۇخلاپ ياتسۇنۇ، ئەر كىشى قوپۇپ تاماق ئەتسۇن؟ نەنىڭ قائىدىسى بۇ، نۇمۇسۇمنى كەلتۈرمەي چىقە ئاشخانىدىن..... قىينانام چالۋاقىغان پېتى ئاشخانىغا كىرىپ ئېرىمنى قوغلاپ چىقتى-دە مەن كېچىلىك سىمىنا ئىشلىگەن كۈنلىرىم ناشتىلىقنى ئۆزىلا تەييارلايدىغان بولىۋالدى، قىينانامنىڭ ئاغزى ئىتتىك بولغان بىلەن كۆڭلى تۈز، شۇڭا ئېرىم ئىككىمىز ئۇنىڭ قايناشلىرىغا كۈلۈپلا قوياتتۇق، ئەلۋەتتە ئادەتتىكى كۈنلەردە ناشتىىقنى يەنىلا ئۆزەم تەييارلايتىم.... ئەمدى بولغاندا ماڭا كۈندىلا كېچىسى ئىشلەش توغرا كىلىپ قېلىپ ناشتىلىق تەييارلاش قىينانامنىڭلا ئۈستىگە چۈشۈپ قېلىۋىدى، ئۇششاق گەپمۇ كۆپىيىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم. مۇشۇنداق قىلىپ 2 ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈن دەم ئېلىش بولۇپ قاپتۇ، 2-3كۈن بولۇپ قالدى، بېشىم قېيىپ، يېنىم يەر تارتىپلا تۇرىدۇ، كۆڭلۈم پەقەت غىزا تارتمايدۇ، 3كۈندىن بىرى ناشتىلىقمۇ گېلىمدىن ئۆتمەيدۇ. ئەسلىدىنلا مىنى ھورۇنلۇقتا نارازى بولۇپ يۈرگە قىينانامنىڭ جۇدۇنى 40گەز ئۆرلىدى دە قايناپلا قالدى: ئەمدى مەن ئەتكەن تاماقمۇ ئاغزىڭىزغا تېتىمايدىغان بولۇپ قاپتىمۇ.... قىينانامنىڭ ناشتىلىقنى يەۋېلىپلا ئازراق مۈگىدىۋالىدىغان مىجەزى بار. ئېرىم تىلۋىزۇر كۆرۈۋاتاتتى، ئۆيدە بىكار تۇرغۇچە ئاشخانىنى تازىلىۋىتەي دەپ ئاشخانىغا كىردىم، قىينانامنى قاچا يۇيۇش پاراشۇكىنى ئىشلىتىشكە زادىلا كۆندۈرەلمىگەن ئىدۇق، چىنە-قاچىلار كۆزۈمگە مايلىشىپ قالغاندەك كۆرۈندى، ئىشكاپتىن تارتىپ چىقىرىپ قاچا يۇيۇش پاراشۇكى بىلەن يۇيۇشقا باشلىدىم......ئاشخانىنىڭ ئىشكى ئېچىلغاندەك قىلدى، قارىسام قىينانام تۇرۇپتۇ.................. 3كۈندىن بىرى نىمە بولدىكىن دەپتىمەن، ئەسلى مەن ئەتكەن تاماقنى مەينەت كۆرۈپ يىمەيدىكەن-ئەمەسمۇ، ئۇچۇق دىسە بولمامدۇ، مەن تاماق ئەتمىسەملا بولمىدىمۇ....ھۈ...ھۈ.....ھۈ قىينانام ئاۋازىنى قويىۋېتىپ يىغلاشقا باشلىدى، بىچارە ئېرىم بۇ ئىشنى قانداق چۈشىنىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن ماڭا غەزەپ بىلەن بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاپىسىنى يۆلەپ مىھمانخانىغا ئەكىرىپ كەتتى...مەن نىمە قىلارىمنى، نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلمەي پەرتۇقۇمنى چىڭ مىجىقلىغىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم..... ئېرىم قىينانامنى سىرتقا ئەپچىقىپ كەتتى، نەلەرگە بېرىپ كەلدىكىن بىلمىدىم، ئۇلار قايتىپ كەلگۈچە ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئەتىگەندە قارىسام ئېرىم كىيىملىرىنىمۇ يەشمەي سافادىلا ئۇخلاپ قاپتۇ، بۈگۈن ئەجەپ ئىشقا بارماپتىغۇ....بېشىم قېيىپلا تۇرىدۇ، ئاشخانىغا كىرسەم قىينانام قاپاقلىرىدىن قار ياغدۇرۇپ ناشتىلىققا تۇتۇش قىلغىلى تۇرۇپتۇ - ناشتىلىقنى ئۆزۈم تەييارلايمەن، يىسىڭىزيەڭ، يىمىسىڭىز ئەنە قازان، ئۆزىڭىز تەييارلاپ يەرسىز..... -ياق ئانا، خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، مەن.....قىينانام بېشىنى كۆتىرىپ قاراپمۇ قويماي مىنى سوقۇپ ئۆتۈپ تازىلىق ئۆيىگە چىقىپ كەتتى، مىنىڭمۇ خۇيۇم تۇتتى دە،<< نىمانچە قىلىدىكىنە؟>> دىگەنلارنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ناشتىلىق تەييار بوپتۇ، ھەممىمىزنىڭ كەيپىمىز شۇنداق ناچار، قىينانامنىڭ يەنە جۇدۇنى تۇتتى: مەن سىلەرگە زەھەر تەييارلىمىدىم، يىسەڭلەر يەڭلار،يىگىڭلار بولمىسا ئىشىڭلارغا مېڭىۋېرىڭلار.... يولدىشىم ماڭا قاراپ قويدى، چىشىمنى چىشلەپ ھىچنىمە دىمىدىم، تاماقتىن ئەمدىلا بىر قوشۇقنى ئاغزىمغا سالغىنىمنى بىلىمەن، خۇدا ساقلىغىن.....ئۆزەمنى شۇنچە تۇتۇپمۇ تۇتۇپ بولالمىدىم..... دەرھال تازىلىق ئۆيىگە يۈگۈردۈم.... توختىماي قەي قىلاتتىم، يا بىر نەرسە يانمايدۇ.....كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قويۇلاتتى، ئېرىمنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا يېنىمغا كىلىپ ئەھۋال سورىشىغا قانچىلىك ئىنتىزار ئىدىم-ھە. خۇداغا شۈكرى ئېرىم تازىلىق ئۆيىگە كىردى، بېشىم قېيىپ تۇرىۋاتاتتى، ئۇنىڭغا قاراپ قولۇمنى ئۇزاتتىم....... <<چاڭ>>......ئوڭۇممۇ-چۈشۈممۇ بىلمىدىم، كۆز ئالدىمدا يۇلتۇز كۆرىنىۋاتاتتى، ئاللىقانداق بىر يەرلەردىن چىنە-قاچىلارنىڭ سۇنغان ئاۋازى، قىينانامنىڭ يىغىسى، ئېرىمنىڭ ئاپىسىغا چۈشەندۈرۈشلىرى، يەنە....يەنە.....ئاستا-ئاستا ھىچنىمە ئاڭلانمايلا قويدى....... ئالاھىزەل 5مىنوتلاردىن كېيىن ئېسىمگە كەلدىم، ئۆيدە ھىچكىم يوق، ھەر نىمە بولساممۇ ئىشقا بارمىسام بولمايتى، تەمتىرەپ يۈرۈپ كىيىملىرىمنى يۆتكەپ ئاستا ئىشىكتىن چىقتىم.... خىزمەتداشلىرىم تۇرقۇمغا قاراپ چۆچۈپ كىتىشتى-دە، نېرى-برىسىنى سورىمايلا مىنى دوختۇرغا يولغا سالدى. -خوش خەۋەر، سىزنىڭ بويىڭىزدا باركەن، لىكىن بەدىنىڭىز بەك ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، ئۆزىڭىزنى ئوبدان كۈتۈڭ...... نىمە! بويۇمدا بارمىكەن؟ خۇداغا رەھمەت، ئىككىلىمىزنىڭ بالىلىق بولۇش ئىستىكىمىز بار ئىدى، مۇشۇ باھانىدا ئارىمىزدىكى ئۇقۇشماسلىقمۇ ھەل بولۇپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس.... ئىچىمگە تەسۋىرلىگۈسىز بىر خوشاللىق كىرىۋالدى، بەدىنىمگىمۇ جان كىرگەندەك بولۇپ قالدى، دوختۇرخانىدىن چىقىۋاتسام ئاجايىپ ئىش، ئېرىممۇ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا، يولنىڭ قارشىسىدا تۇرۇپتۇ، ئەجەبا ئۇ مىنى ئىزدەپ كەلگەن بولسا-ھە! ھەممىلا يېرىمدىن تۈكۈلىۋاتقان بىر خوشاللىق بىلەن ئۇنى چاقىردىم، ئۇ ھەيكەلدەكلا تۇراتتى، ماڭا تىكىلگەن كۆزلىرىدە ھىچقانداق ئىپادە يوق، يۈگىرەپ دىگۈدەك ئالدىغا كېلىشىمگىلا يېنىغا كىلىپ قالغان كىرا ماشىنىسىغا چۈشۈپ كېتىپ قالدى. پۇتلىرىم يەنە ماغدۇرسىزلىنىشقا باشلىدى، شۇنداقتىمۇ يەنە ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ، ئۇ چوقۇم مىنى كۆرمەي قالدى دەپ ئويلىدىم-دە ئۇنىڭ يانفۇنىغا تېلىفۇن قىلدىم. ئەجەپ ئىش، ئۇ ئادەتتە تېلىفونىنى ئىتىۋالمايتىغۇ. ئۆينىڭ تېلىفونىنىمۇ بىرسى ئالمىدى، چوقۇم ئىدارىگە بېرىشى مۇمكىن، 10مىنوتلاردىن كېيىن ئىدارىسىگە تېلىفۇن بەردىم....<<نىمە؟ ئۇ يوقمۇ؟ قاچانراق قايتىپ كىلەر؟ نىمە؟ ئاپىسىمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس، قاچان؟ بۈگۈن ئەتىگەنمۇ؟ ئۆينىڭ ئالدىدا ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپتىمۇ؟ قايسى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ؟ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىپتۇ؟ ئەتىگەندە قىينانام مەندىن قاتتىق رەنجىگەن پېتى ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتىپ، كۆزىگە ھىچنىمە كۆرۈنمەي ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا ئۆتىدىغان يولغا كىرىپ قاپتىكەن، تورمۇز قىسىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ماشىنا ئۇنى 10مىتىر نېرىغا ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ، كەينىدىنلا تاپ بېسىپ چىققان ئېرىم ئۇنى شۇ يەردىلا ماشىنىغا سېلىپ دوختۇرغا ئاپارغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىپتۇ..... قاچانلاردا يىقىلىپ چۈشتۈم بىلمىدىم، كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇردا ياتىمەن، ئېغىر دەرىجىدە قان ئازلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك دىگەندەك دىئاگىنوزلارنى قويىۋېتىپتۇ، بىر مەھەل يېتىشىم كېرەك ئىكەن.... ئېرىمنىڭ ئاپىسىنىڭ مىيىتىنى يۇرتىغا ئاپىرىپ قويۇشقا كەتكەنلىكىنى خىزمەتداشلىرىدىن ئاڭلىدىم، دوختۇرخاندىن 20كۈنلەردە چىقتىم، ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق تولىمۇ قىينالدىم. ئۇنىڭ قول تېلىفونى شۇ كەمگىچە ئېچىلمىدى، ئىھتىمال باشقا نومۇرنى ئىشلىتىۋاتسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم. مۇشۇ كۈنگىچە تېلىفۇن قىلىپمۇ قويمىدى، ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىنى مەندىن كۆرۈپ قالغانمىدۇ؟... ئاڭلىسام ئۇ قايتىپ كەپتۇ، لىكىن ئۆيگە دەسسەپمۇ قويمىدى، مەنمۇ قىيداپ ئىزدىمەيلا قويدۇم، لىكىن ئىلگىرىكى ئاشۇ كۈنلىرىمىزنى ئويلىسام ئىختىيارسىز يىغا تۇتاتتى. بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئاپتۇبۇس بېكىتىدە تۇرسام ئۇ كىچىكلا بىر قىزنى ئەگەشتۈرۈپ ياندىكى تورتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ، جان ئاچچىقىمدا كەينىدىن ئېتىلىپلا كىردىم ۋە ئۇلار ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇ قىز ئالپازىمدىن سەل چۆچىدى بولغاي سومكىسىنى ئېلىپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، ئېرىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ قىزنىڭ مۈرىسىدىن بېسىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندىن كېيىن خۇددى يېنىدا مەن يوقتەك ئۇ قىزدىن نىمە يىگىڭىز بار؟ دەپ سورىماسمۇ! ئاۋازىمنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن لىۋىمنى شۇنچىلىك چىشلىدىمكى تىرىسسىدە قان چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن، قانداق ئېتىلىپ كىرگەن بولسام يەنە شۇنداق ئېتىلىپ چىقىپ كەتتىم. ياشلىرىم توختىماي قۇيۇلاتتى، تېخى قۇساقتا ئەمدىلا ئىككى ئايلىقتىن ئاشقان بالامغا خىيالەن سۆزلەيتىم: قوزام، سەن دادىسىز مۇھىتتا تۇغۇلساڭ بولمايدۇ، شۇڭا ھازىرچە ئاجراشمايمەن، ئۇ ئۆزى تەلەپ قىلسا باشقا گەپ. سەن توغۇلغاندىن كېيىن سىنى ئۆزەم يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلىمەن، ئۇنىڭ ساڭا دادا بولۇش سالاھىيىتى يوق... شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككىمىز ئۆز يولىمىزدا مېڭىۋەردۇق، ئۇ نەرسىلىرىنى ئالغىلى ئادەتتە مەن يوق چاغلاردا ئۆيگە كىلەتتى، بىر كۈنى كۈتمىگەندە مىنىڭ بارىمدا كېلىپ قالدى، خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۇنى كۆرۈپلا يەنە كۆڭلۈم ئاينىپ تازىلىق ئۆيىگە يۈگۈردۈم..... بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۇ ئىشىككە يۆلىنىپ قاراپ تۇرۇپتۇ، قوسىقىممۇ بىلىنەرلىك چىقىپ قالغان ئىدى.... -بويىڭىزدا بارلىقىنى بىلمەپتىمەن، كەچۈرۈڭ.....قاراپمۇ قويمىدىم، گەپ-سۆز قىلماي ھوجرامغا كىرىپ كەتتىم...... شۇندىن كېيىن ئۇ ھەر كۈنى قايتىپ كېلىدىغان، كىلىپلا ياندىكى ھوجرىغا كىرىۋالىدىغان بولدى، مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىلچە مۇھەببەت قالمىغان بولۇپ بالامنىڭ توغۇلىشىنىلا ساقلاۋاتاتتىم. ئاخشاملىرى ئۇنىڭ ھوجرىسىدىن ئېڭرىغان، ئىنجىقلىغان غەلىتە ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قالاتتىم، نىمىلا قىلساڭ قىلمامسەن، ئەمدى بىزنىڭ بىرگە ئۆتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس............. كېيىنچە ئۇنىڭ ھوجرىسىدىن كېچىلەپ خەت ئۇرغان ئاۋاز ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى، ئەمدى توردا مۇھەببەتلىشىدىغان بوپتۇ-دە دەپ ئويلايتىم، ئېڭرىغان ئاۋازلارمۇ ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق ئەلۋەتتە
بىر كۈنى كېچىسى تويۇقسىز قورسىقىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، تېخى ۋاقتىم ئەمەستىغۇ، قانداق قىلارمەن؟ تېنىم ئاجىز بولغاچقا بۇ بالىغا بىرەر ئىش بولۇپ قالارمۇ؟..... ئاغزىمغا تاش.......بۇ ھالىم بىلەن 3-قەۋەتتىن چۈشەلىگۈدەك ماغدۇرۇم يوق، ۋايجان، ئامال يوق.....بوينى قاتتىقلىقنى قويۇپ ئۇنى چاقىردىم.....ھازىر بالا ئەڭ مۇھىم..... ئۇ خۇددى مۇشۇنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك-راست دەۋاتىمەن، خۇددى مۇشۇ كۈننى كۈتۈپ كىيىملىرىنىمۇ يەشمەي ئۇخلاۋاتقىلى خېلى بولغاندەك تۇراتتى-كېلىپلا مىنى دەس كۆتىرىپ پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ ماشىنىغا سالدى..... باش سۈيى يېرىلىپتۇ، دەرھال قۇتقۇزايلى....ئېرىم مىنى دوختۇرلار ئىتتىرىپ كەلگەن كېسەل ھارۋىسىغا سالدى، شۇنچە ۋاقىتىىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم، مۇھەببەت بىلەن ئەمەس، پەقەت مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ كۈلدۈم، ئۇنىڭ چىرايىغىمۇ كۈلكە يۈگۈردى، لىكىن ....لىكىن....ئۇ خۇددى كىنولاردىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئوخشاش گۆپلا قىلىپ يىقىلىپ چۈشتى.....دوختۇرلار مىنى ھارۋىدا ئېتىتىرىپ ئېلىپ كىتىۋاتاتتى، يەردە ياتقان ئۇنىڭ كۆزى مەندە، مىنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭدا..... قەدىرلىك قوزام، سەن ئامان-ئىسەن تۇغۇلدۇڭ، لىكىن داداڭ سىنىڭ چىرايىڭنىمۇ كۆرەلمىدى............. جىگەر راكى ئىكەن، سىز ئۇنىڭ ئايالىمۇ؟ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ بۇ كېسەل كىشىنى بەك ئازاپلايدۇ، بېمارلار ھەتتا ئاغرىق دەستىدىن كېچە-كېچىلەپ ئېڭراپ ئۇخلىماي چىقىدۇ................. نىمە؟!!مەن نىمە قىلدىم؟ مەن ئۇنى نىمە دەپ چۈشەندىم؟! بىز زادى قانداق ئائىلە؟ داداڭنىڭ ساڭا كومپىيۇتېرىدا قالدۇرغان 689بەتلىك (ئاخىرىنى تېخى يېزىپ تۈگەتمەپتىكەن) خېتىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن:<<بالام، سەن بۇ خەتلەرنى كۆرگۈدەك، چۈشەنگۈدەك بولغاندا مەن بۇ ئالامدە بولماسلىقىم ئېنىق، ئاپاڭ تولىمۇ ئىسىل ئايال، مىنىڭ ئورنۇمدا ئۇنىڭڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن، مەن ئاپاڭغا يۈز كىلەلمەيمەن، ئادەم ئۆمرىدە ئۆتكۈزگەن بەزى خاتالىقلىرىغا بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىكەن........... ياق!!! كۆز ياشلىرىم يامغۇردەك قۇيىلىۋاتاتتى، ئېرىمنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ نالە قىلاتتىم، لىكىن 4 تامدىن قايىتقان ئەكىس سادالارلا ماڭا جاۋاپ بېرەتتى................ بۇنى بىر خەن خىزمەتدىشىم ئۇزاقى يىلى ئېيتىپ بەرگەن، ئۇمۇ بىرسىدىن ئاڭلىغان ئىمىش، مەنبەسى نامەلۇم، ئۇ ئاساسى ۋەقەلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، بۇنى ھىكايە شەكلىدى يېزىشقا تازا سەۋىيەم يەتمىدى
|