قاسساپمۇ سەن، كاززاپمۇ؟
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
خېرىدارىڭ ئىدىم سادىق، ساڭا بۇ ھال ئايان، قاسساپ، كاناراڭدىن ئالاتتىم گۆش كېلىپ دائىم ھامان، قاسساپ، ھۆنەردە تاپتى دەپ ئويلاپ سېنى مەن نام-نىشان، قاسساپ، قىلاتتىم تەرىپىڭنى ئۆزگىلەرگە ھەر زامان، قاسساپ، دىلىمدا يوق ئىدى زادى ساڭا شۈبھى-گۇمان قاسساپ.
بىلەتتىم «كەلسىلە مېھمان!» دېگەن سۆزنى گۆھەر-تىللا، تىلىڭنى بال، دىلىڭنى نۇر، تارازاڭنى يەنە لىللا، سېلىپ گۆشنى تارازاڭغا دېگەن چاغىڭدا«بىسمىللا»، سېنى دەيتتىم«دىيانەتلىك كىشىدۇر بۇ»، قەسەمبىللا، بولاتتىم «خوش!» بىلەن خۇشھال يولۇمغا مەن راۋان، قاسساپ.
بىلىپ قوي، سېنىمۇ ئاخىر كېچىكسەممۇ بىلىپ قويدۇم، بۈگۈن بەرگەن «گۆشۈڭ»نى مەن قوزۇققا چىڭ ئىلىپ قويدۇم، تۆلەپ پەش گۆشكە نەخ پۇل، ئۇستىخاندىن گۆش شىلىپ قويدۇم، قويۇپ مېھمانغا ئۆزرە، داستىخاننى كەم قىلىپ قويدۇم، كۆزۈمگە توپا چاچتىڭمۇ، بېرىپسەن ئۇستىخان، قاسساپ؟
ئاۋامدىن ئاڭلىدىم لىللا ئەمەسكەن جىڭ-تارازاڭمۇ، قىلىپ تۆت سەرنى بىر پاتمان تۇراركەن دىڭ تارازاڭمۇ، شىلاركەن گۆش خېرىداردىن چۆيۈندىن چىڭ تارازاڭمۇ، قاراپ قويغان ھامان شۇئان قىلاركەن «غىڭ» تارازاڭمۇ، ئۆزۈمنى ئويلىسام ئەمدى ئىكەنمەن خوپ نادان، قاسساپ!
بازاردا قوي نىچۈن ئەرزان، سېنىڭ ئالدىڭدا گۆش قىممەت؟ ئېلىپ سەن «قىل»دا «پىل» دەك پايدىنى قىلساڭمۇ گەر مېھنەت، سېتىپ قوي، گۆش يېيەلمەي دەيدىكەن دېھقان ساڭا لەنەت، بۈگۈن «لەنەت!» دېدىم مەنمۇ دىلىمدا قوزغۇلۇپ نەپرەت، تاپارسەنمۇ روناق، ئالساڭ ھارام پايدا-ھايان، قاسساپ؟
يەنە«پاقلان گۆشى بۇ» دەپ سېتىپسەن ئۆشكىنىڭ گۆشىنى، كاناراڭغا ئېسىپ پارچە قىلىپ قۇيرۇق، بويۇن، تۆشىنى، ئېلىپ بەزى كالا گۆشىنى، يېرىپتۇرمەن تېخى دۆشىنى، ھېلە-مىكرىڭ قىلىپ ناكا پېقىرنىڭ ئەقلىنى-ھۇشىنى، نومۇس-ئارىڭ قېنى، يوقمۇ دىلىڭدا نۇر-ئىمان، قاسساپ؟
سېنى قاسساپ دېسەم، ئەسلى تادان كاززاپ ئىكەنسەنغۇ، تىلى باشقا، دىلى باشقا زەھەر–زەرداپ ئىكەنسەنغۇ، ۋۇجۇدۇڭدا ھالال قان يوق، گويا مازغاپ ئىكەنسەنغۇ، ھارامدىن بېيىغان نەپسى بالا-ئاژناپ ئىكەنسەنغۇ، كۆزۈڭنى ئاچ، يولۇڭدا بار ئەجەللىك ئوي-داۋان، قاسساپ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 12:49
|