بىر ئاشپەزگە
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئاشخاناڭ ئالدىدا تۇرسا كىشىلەر ئۆچىرەت بىلەن، بىرسى لەغمەن، بىرسى مانتا بۇيرۇشۇپ نۆۋەت بىلەن، كەپتىمەن مەنمۇ ئۇدۇل ئەگىپ، ئۆتەلمەي چەت بىلەن، ئون قەدەم يىراقتا تازىم ئەيلىسەڭ ھۆرمەت بىلەن، ئۆيدىمۇ تاماق قىلالماي ئالدىراش خىزمەت بىلەن.
بىلىمەن، شۇندىن بېرى سەنمۇ ماڭا كۆپ جورۇدۇڭ، كۈندە ئۈچ ۋاخ «كەلسىلە!» دەپ ئاشخاناڭغا توۋلۇدۇڭ، قورۇماڭنى مەن ئۈچۈن «پاژ-پۇژ» قىلىپلا قورۇدۇڭ، بۇيرۇسام ئاشتىن يېرىمنى، پۈتۈنىگە زورلۇدۇڭ، ئوقىتىڭ تاپقاچ راۋاج مەندەك نادان چۆپقەت بىلەن.
كۈتۈشۈڭدىن تۇنجى رەت بولغاچقا مەمنۇن-رازىمەن، تاشلىماپتىم نەدە بولسام سېنى قىش ۋە يازىمەن، بۇيرۇتۇپ گۆش قورۇما، يېسەممۇ شوخلا-لازىمەن، رەنجىدىمغۇ بۇ قېتىم سەندىن قەۋەتلا-تازىمەن، بىر كۈنى كۆرگەچ سېنى بىر بەتقىلىق سۈرەت بىلەن:
كۈتىۋالدىڭ يەنە خۇشخۇي ماڭا ئىللىقلا بېقىپ، «چايغا ئامراق ئۆزلىرى» دەپ كارنىيىڭنى بىر قېقىپ، «ھەقاچان ئاشتىن يېرىمنى يەيلا» دەپ گەپتە چېقىپ، دەستىلەپ تەخسەڭنى تىزدىڭ يۇندىسى تۇرسا ئېقىپ، ئولتۇراتتىم ھەرىكىتىڭگە زەڭ سېلىپ سۆھبەت بىلەن.
ئىشتىنىڭنى تىزغا سىيرىپ تېقىمىڭنى قاشلىدىڭ، تۆت قەدەم ماڭماي يەنە بۇرنۇڭنى يەرگە تاشلىدىڭ، قوللىرىڭنى چايقىماي ئاش سۈزگىلى شاپاشلىدىڭ، مەنغۇ كونا چۆپقىتىڭ، ياتلارنى قانداق باشلىدىڭ؟!... ئېلىشىپ كۆڭلۈم شۇئان، قايىتتىم غەزەپ-نەپرەت بىلەن.
نەچچە ۋاختىن سېنى پاكىز ھەم مۇلايىم دەپتىمەن، ئاشخانىدىن ئوندىن ئاتلاپ ئاشخاناڭغا كەپتىمەن، تەخسىگە سالساڭ نىجاسەتنى تاماق دەپ يەپتىمەن، ئويلىسام، ئەقلىمنى بۇلغاپسەن، بۇنى بىلمەپتىمەن، ئەمدى قول ئۈزدۈم سېنىڭدەك پاسكىنا مەينەت بىلەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 10:07
|