پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 114|ئىنكاس: 9

غالجىر ئىتلارنى داۋالاش ئېلانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 01:28:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غالجىر ئىتلارنى داۋالاش ئېلانى
(فېليەتون)
ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت

بۆلۈمىمىز  بىرەر داۋالاش ئاپپاراتىغا قاراشلىق بۆلۈم ئەمەس. يەنى، xx دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دېگەندەك بىرەر بۆلۈم ئەمەس ياكى ھايۋاناتلار دوختۇرخانىسىنىڭ بىرەر بۆلۈمىمۇ ئەمەس، پەقەت ئادەتتىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي بۆلۈمى. بىزنىڭ  بۇ داۋالاش ئېلانىنى بېرىشىمىزدىكى مۇددىئايىمىز «قېرىلارنى داۋالاپ ياشارتىمىز، ئۆلۈكنى داۋالاپ ساقايتىمىز» دېگەندەك بىمەنە سەپسەتىلەر بىلەن ئاۋامنى ئالداپ چۆنتەك توملاش بولماستىن، مەكتەپلەردىكى غالجىر ئىتلاردىن غالجىرلىق كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغان، بارا-بارا تۆت پۇتلۇق غالجىر ئىتنىڭ نەق ئۆزىگە ئايلىنىپ قالغان بىر قىسىم غالجىر ئادىمىي ئىتلارنى ئەڭ ئاددىي رېتسىپ بىلەن ھېچقانداق داۋالاش راسخوتى چىقىم قىلماي تېزدىن داۋالاپ ساقايتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىناق بولغان ئادەم تەربىيىلەش مۇھىتىنى بەرپا قىلىشىغا خالىسانە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.
ئەلۋەتتە،«مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى قانداقسىگە غالجىر ئىتلارنىڭ غالجىرلىق كېسىلىنى داۋالايدىغان ئورۇن بولۇپ قالىدۇ؟» دەپ سورىشىڭىز تۇرغان گەپ. سىزنىڭچە، مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى  غالجىر ئىتلارنىڭ غالجىرلىق كېسىلى تۈگۈل كەپسىز بالىلارنىڭ كەپسىزلىك كېسىلىنىمۇ داۋالاپ بولالمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ بىراق، بەزى ئىشلار ھەرگىز سىز ئويلىغاندەك ئاددى بولمايدۇ.
تۆت پۇتلۇق غالجىر ئىت بولسىغۇ كاشكى، مانا ھېلىقى «كاپ-كاپ» ماركىلىق ئىككى پۇتلۇق غالجىر ئادىمىي ئىتنى قانداق قىلىپ «خوش-خوش» ماركىلىق تۆت پۇتلۇق ئىتقا ئايلاندۇرغانلىقىمىزنى بىلسىڭىز ئاندىن بىزگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايسىز.
نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، مەكتىپىمىزدە قاۋاپ توختىمايدىغان بىر غالجىر ئىت مېجەزلىك ئوقۇتقۇچى، توغرىسى بىر ئىككى پۇتلۇق غالجىر  ئادىمىي ئىت بولىدىغان. بۇ غالجىر ئىت مەكتەپ رەھبەرلىرىنى كۆرگەنلا يەردە تالاپ، ئۇچرىغانلا ئادەمگە شالىنى چېچىپ قاۋاپ تۇرىدىغان. دائىم ۋايساپ، ھال دادلاپ ئۆزىنىڭ قۇلدەك رىيازىتىنى، باشقىلارنىڭ شاھتەك ھالاۋىتىنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ، مەكتەپ مەسئۇللىرىنى چىشلەپ-تالاپ تىتماكاتاڭ قىلىۋېتىدىغان. ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق چوڭ-كىچىك ئىشلاردىن ئېۋەن تېپىپ، قاۋاپ-قاۋاپ ھالىدىن كېتىدىغان. ياشتا، ھۆرمەتتە چوڭ، ئۇستاز يوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ مەنپەئەتنى دەپ «پوش» دېمەيدىغان. بۆلۈمىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئەزالىرىنى بولسا «ئاقچى دوغا، كۆكچى يۇنداپۇرۇش» دەپ، مەكتەپ مەسئۇللىرىغا سالام قىلغانلارنىمۇ پاچاقتىن تالاپ سازايى دېگۈزىدىغان. ئۇ، بىرەر يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىغا يىلدا بىر قېتىم تەقسىم بولىدىغان مۇنەۋۋەرلىك سانىنى تالىشىپ ياۋۇزلارچە قاۋاپ، تالاپ مەكتەپنى بېشىغا كىيىپ، ئاخىرى جىنسىغا ماس بولمىغان «مۇنەۋۋەرگۈل» ماركىسىغا تالاي قېتىم ئىگە بولغان. ئۇنۋانغا كەلگەندە تېخىمۇ غالجىرلىشىپ، سەپنىڭ قۇيرۇقىدا تۇرۇپ، يالاقداشلىرى بىلەن سوكۇلداپ يۈرۈپ، يەنە مەكتەپ مەسئۇللىرىغا ھەيۋە قىلىپ، جان يەردىن ئېلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئالىي ئۇنۋاننىمۇ ئېلىپ بولغان.
بۇ غالجىر ئىت بىرنەچچە نۆۋەتلىك مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى ئەنە شۇ غالجىرلىقى بىلەن ھەيۋە قىلىپ تالاپ قورقۇتۇپ كەلگەن.
ئۇ، بۇ رەزىل غالجىرلىق كېسىلىنى مەكتەپكە يامرىتىپ، تېخمۇ چوڭ ھەيۋە كۆرسەتمەكچى بولۇۋىدى، يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەقلى چېچىدىن ئانچە  بەك قىسقا كەلمىدى بولغاي، توپلىغان تەجرىبە-ساۋاقلىرى بويىچە ئۇنى ئىلمىي بۆلۈمىمىزگە ئەزالىققا يۆتكەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈندۈلۈك يوقلىمىسىنى قىلىش، قوليازما ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلىش، ئايلىق سىناپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش دېگەندەك ۋەزىپىلەرگە قويۇۋىدى، ئاخىرى ئىشەنگۈسىز بىر مۆجىزە يۈز بەردى: بۇ ئادىمىي ئىتنىڭ ئىككى پۇتى ئاستا-ئاستا تۆت پۇتقا ئايلىنىپ، غالجىر ئىككى پۇتلۇق ئىتتىن بىر تۆت پۇتلۇق مۆمىن لالما ئىتقا ئايلاندى. ئاغزى قاۋاشتىن، تالاشتىن بىردىنلا توختىدى. قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇ ھازىر مەكتەپ رەھبەرلىرىگە قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ كۇچۇكلىنىدىغان بولدى. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا سۆڭەك تاشلاپ بەرسۇن-بەرمىسۇن، قۇيرۇقىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرىدىغان،  ئۇلارغا ئالىيىپ قارىمايدىغان، ھەتتا  يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى پۇختا ئىگەللەپ، خىزمەت كۆرسىتىپ،  ئۇلارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇنداق-مۇنداق سۆزلەيدىغانلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى قۇلۇقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆز تىلى بىلەن غىڭشىپ، قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ ۋاقتىدا يەتكۈزىدىغان بولدى. مۇكاپات، سىناپ تەكشۈرۈش نومۇرى ۋە ئىلمىي بۆلۈم دېگەندەك ئەۋزەل ئىش ئورنىدا نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ ئىشلەش ھەققىدىكى تۈگىمەس داۋالىرىمۇ جىمىپلا كەتتى، قاۋاشنىڭ ئورنىغا قۇيرۇق شىپاڭشىتىش، تالاشنىڭ ئورنىغا يالاش ئالماشتى!
قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ ئىت تۇرۇپ-تۇرۇپ ئادەمدەك زۇۋانغا كېلىپ قالىدىغان ۋە بۇ چاغدا:
«سۆڭەك بولسا ئىت بولسام مەيلى،
ئۆز بېغىمغا چىت بولسام مەيلى.
شوراپ تۇرسام خەخنىڭ قېنىنى،
چاتراقتىكى پىت بولسام مەيلى.»
دەپ غىڭشىپ ناخشا توۋلايدىغان بولۇپ قالدى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ غالجىرلىق كېسىلى ساقىيىپ«خوش-خوش» ماركىلىق لالما ئىتقا ئايلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ باش ئاغرىقى ساقايدى. خىزمەتداشلارمۇ غالجىر ئىت چىشلىۋېلىش سەۋەبلىك پات-پات داۋالىنىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدى.
شۇڭا، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مەكتىپىڭلاردىكى غالجىر ئادىمىي ئىتلارنى بۆلۈمىمىزگە يوللاپ بېرىشىڭلارنى ياكى بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇلارنى بىز يۇقۇرىدا تەمىنلىگەن رېتسىپ بويىچە داۋالاپ ساقايتىشقا تىرىشىپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
xx  ناھىيىلىك xx ئوتتۇرا مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى.
2011-يىلى، 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، يېڭىسار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-17 01:35  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
umid0998 + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 03:32:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا دوستۇم، مەكتەپلەردىكى ھوقۇق، ئەمەل تەمەسىدە يۈرگەن ئىككى يۈزلىمە كىشىلەرنىڭ ئىككى خىل خاراكتىرىنى ناھايىتى ئوبدان ئېچىپ بېرىپسىز. شېئىرلىرىڭىزمۇ ئىسىل، نەسرى ئەسەرلىرىڭىزمۇ ئىسىل. قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي دوستۇم، رەخمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 06:18:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ مۇشۇنداق تېلى ئۆتكۈر ئەسەرلىرىڭىزنى دائىم ئۇقۇپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىغان  بۇلۇپ قالدىم !شۇنداق ياخشى يېزىپسىز كۆپ رەھمەت سىزگە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 12:20:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭمۇ شېئىرلىرىڭغا ئوخشاشلا ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. ساڭا ئۇتۇق تىلەيمەن
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
908 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 22:15:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئەپەندىم: بايقاشتىكى تورداشلار سىزنىڭ ئەسىەرلىرىڭىزگە تەلمۈرمەكتە ،بايقاشتىكى تورداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇتقۇچىلار بولغاچقا شىئېرلىرىڭىزدا يۇرۇتۇلغان تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ،چەكسىز ھاياجانغا چۆمدى.سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدىن ئادىمىيلىك خىسلەت،ئىنسانى غورۇر،ھايات قىممىتىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتى... مەن بارلىق تورداشلار نامىدىن سىزگە سەمىمى رەخمەت ئېيتىمەن. ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق ۋە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.....شىئرلىرىڭىز مەڭگۈ نۇرلانسۇن، قەلىمىڭىز تەپەككۇر ئاسمىنىدا مەڭگۈ پەرۋاز قىلسۇن......

سىز شائىر  شۇنداقلا بىر ئوقۇتش تەتقىقاتچىسى.مۇشۇ سالاھىتىڭىز بىلەن ئوقۇتۇشنى، ئقۇتقۇچىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈپ،تەتقىقات ئامبىرىڭىزدىكى ئوقۇتۇشقا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللىرىڭىزنىمۇ مۇنبەردە نامايەن قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن....(يۇقارقىلار كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىلەكلىرى ۋە ئارزۇسىدۇر). بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-17 22:16  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 22:28:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپتىكى «غالجىر  ئىت»لارنى «خوش -خوش »ماركىلىق ئىتلارغا ئايلاندۇرغان ئىلىمي بۆلۈم رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنى ...تازا ئۆتكۈر مەسخىرە ،ئاچچىق تىللار ئارقىلىق «يۇڭ توقماق»بىلەن ساپسىز !
ئىجادىي ئەسەرلىرىڭىزدىكى تىل ئۇسلوبىڭىز ماڭا بەك ياقتى،ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي !
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 22:28:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپتىكى «غالجىر  ئىت»لارنى «خوش -خوش »ماركىلىق ئىتلارغا ئايلاندۇرغان ئىلىمي بۆلۈم رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنى ...تازا ئۆتكۈر مەسخىرە ،ئاچچىق تىللار ئارقىلىق «يۇڭ توقماق»بىلەن ساپسىز !
ئىجادىي ئەسەرلىرىڭىزدىكى تىل ئۇسلوبىڭىز ماڭا بەك ياقتى،ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي !
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
123 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
79 سەر
شۆھرەت
93 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 01:24:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ مۇشۇنداق تېلى ئۆتكۈر ئەسەرلىرىڭىزنى دائىم ئۇقۇپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان  بۇلۇپ قالدىم !شۇنداق ياخشى يېزىپسىز كۆپ رەھمەت سىزگە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 14:42:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saba007 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-17 22:15
ئالاھىدىن ئەپەندىم: بايقاشتىكى تورداشلار سىزنىڭ ئەسىە ...

مەنمۇ شۇنداق قاراشتا،
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
390 سەر
تىللا
192 دانە
تۆھپە
253 سەر
شۆھرەت
310 سەر

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 19:48:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ !كۆپ رەھمەت سىزگە!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 10:30, Processed in 0.158614 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش