- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| ئاتا- ئاناڭنى ياخشى باقساڭ، بالىلىرىڭدىن ياخشىلىق كۆرەرسەن. *** ئاتاڭنىڭ نەسىھىتىنى بالاڭغا يەتكۈز. *** ئاتاڭنىڭ دۈشمىنى ساڭا دۈشمەن. *** ئاتنىڭ تېزگىنىنى بوش تۇتساڭ ، ئويناقلار، خوتۇننىڭ تىزگىنىنى بوش تۇتساڭ نايناقلار. *** ئاتقا ئىشىنىپ ئاتلانما، خوتۇنغا ئىشىنىپ شادلانما. *** ئاتاڭ-ئاسمانئ ئاناڭ-يەر. *** ئاتا-ئانىسى بارلار ياشارغان دەرەخ، ئاتا-ئانىسى يوقلار سارغايغان دەرەخ. *** ئاتا-ئاناڭدىن ئايرىلساڭ، دەردى-كارىڭغا يىتەر. *** ئاتا-ئانا بارىدا كارى يوق، قەدرىنى بىلگەندە ئاتا-ئانا يوق. *** ئاتا مېھرى- چىراغ، ئانا مېھرى -بۇلاق. *** ئاتا-ئاناڭنى باقمىساڭ ،بالاڭ سېنى باقماس. *** ئاتا نەسىھىتى ئالتۇندىن ئېغىر، ئۇنى ئاڭلىمىغاننىڭ سۆڭگىچى يېغىر. *** ئاتىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا يەر تىترەر، ئانىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا ئۆي تىترەر. *** ئاتىلىق ئوغۇل-غوجىلىق قۇل. *** ئاتىسى ئۆلگەن تېغىدىن ئايرىلىپتۇ، ئانىسى ئۆلگەن بېغىدىن. *** ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، چەلپىكىنى ئىتلار تالاشتى. *** ئاتامنىڭ تاپقىنى ئانامنىڭ بارىكاللىسىغا يەتمەپتۇ. *** ئاتام مېنىڭ ئاكامچە بار، ئاكام مېنىڭ يوتامچە بار. *** ئاتامنىڭ ئىزىنى باساي دىسەڭ، ئۆزۈڭگە ئىزچى تەييارلا. *** ئاتاڭنىڭ نەسىھىتىدە تېغىڭ كۆكلەر، ئاناڭنىڭ نەسىھىتىدە بېغىڭ كۆكلەر. *** ئاتاڭنى ساتقۇچە يوتاڭنى سات. *** ئاتاڭ ئاتقان ياتاڭدا پاختا ئات، يۇمشىمىسا تاشلىۋەتمەي يانا ئات. *** ئاتا كۆرگەن ئوق ياسار، ئانا كۆرگەن تون پىچار. *** ئاتا كەسپى بالىغا مىراس.
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3 باھا خاتىرىسى
|