پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 3

سەھرا سونېتلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 20:02:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەھرا سونېتلىرى

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
1
تۇپرىقىڭ ھىدى بار نەپەسلىرىمدە،
سۆيگۈمدە ئېچىلار ھەرتال گىياھىڭ.
جىلۋەڭ بار چوغلۇقۇم، نەركەسلىرىمدە،
كۈيۈمدە پارلايدۇ ئانا سىماھىڭ.
نەپىسىم بار تۇپرىقىڭ، ھاۋالىرىڭدا،
قەلبىمدۇر بىپايان گۈزەل قۇچىقىڭ.
قېنىمنىڭ ئۆركىشى دالالىرىڭدا،
جىسمىمدا ئاقىدۇ دەريا، بۇلىقىڭ.
بوشلۇقسەن ساماۋىي خىياللىرىمدا،
نۇرلاردەك ئەبەدىي چاقنىدىم سەندە.
سەن قۇياش ئىستەك ھەم ۋىساللىرىمدا،
ئېھ، سەھرا، مەن سەندە، سەن ھەم بار مەندە.
مەن سېنى قەلبىمگە قىلىمەن تەققاس،
سۆيۈملۈك ۋەتەن سەن پەقەت ماڭا خاس!
2
ئۇپۇققا سىزىلار گۈزەل بىر سۈرەت
سەھرانىڭ سەھىرى سائەت سەككىزدە.
مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن قەۋەت،
بوشلۇقتا-قۇياشتىن تۇرۇپ ئېگىزدە.
ئۇندا بار ئوغۇز روھ تەپچىرىگەن تەن،
پاك-ساددا سۆيگۈنىڭ قىبلىگاھى ھەم.
ئۇندا بار ۋەتتەننىڭ يۈرىكى، ۋەتەن،
ھاياتلىق ئىستىكى ئاڭا بولغان جەم.
ئۇندا بار قەلبىمدىن ئۇچقان بوز تورغاي،
كۈي كۈيلەر سەھەرنىڭ قۇچاقلىرىدا.
ئاڭلىنار بىر كۈيلا-«سەھرا» دەپ تىنماي،
دالالار، ئورمانلار، بۇلاقلىرىدا.
قەلبىمگە سىزىمەن ئەشۇ سۈرەتنى،
بالقىتىپ بىغۇبار، چىن مۇھەببەتنى!
3
ئەللەي كۈيى دولقۇنلايدۇ بۇلاقتىن،
ئەللەيلەيدۇ گويا قۇشلار ناۋاسى.
يۈرىكىمدە شۇ بىر كۈي بار ئۇزاقتىن،
ئانا سەھرا ئەللەيلەرنىڭ دۇنياسى.
ئەللەي ئېتىپ كېلەر ئىپار شاماللار،
تەۋرىنىمەن مۇھەببەتلىك قۇچاقتا.
ئەللەيلەيدۇ مېنى سەبىي خىياللار،
ئەللەي كۈيى ياڭرار ساددا قوشاقتا.
ئەللەي كۈيى قىز-يىگىتنىڭ كۈلكىسى،
ئەللەي ماڭا قەلبتىكى سادالار.
ئەللەيلەردە چاقنار روھىم جىلۋىسى،
ئەللەيلەيدۇ مېنى كۈيچى دالالار.
ئانا سەھرا، قۇچىقىڭدا بوۋاقمەن،
ئانا مېھرى-ۋىسالىڭغا مۇشتاقمەن!
4
قەلبىمدىكى سۆيۈملۈك شېئىرىم،
يادلاپ قالدى بوز تورغاي سېنى.
دالالارغا چېتىلدى رىشتىم،
ئېلىپ قالدى بوز تورغاي مېنى.
سەن قەلبىمدىن تۆكۈلگەن قاچان،
دالالارنىڭ ئېتەكلىرىگە؟
بوز تورغايچۈن يېيىلدى ئاسمان،
قونۇپ قەلبىم گىرۋەكلىرىگە.
شىۋىرلايمەن مەن ساڭا ئۇزاق،
سەن قەلبىمنىڭ ياڭراق ساداسى.
كۈيلەر سېنى بوز تورغاي ھەرۋاق،
سەن سەھرانىڭ كۈيى-ناۋاسى.
قۇشلارغا ھەم يادلىتاي سېنى،
بوز تورغايدەك ياڭرىتاي سېنى!

1998-يىلى،1-ئاينىڭ 15-كۈنى، يېڭىسار.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1998-يىلى، 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 20:13  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 4 + 5 + 4بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 4 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 4  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 22:15:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئالاھىدىن ئاكا مۇنبەر ئۈچۈن ياخشى بولغان ئىجادىي شىئېرىڭىزنى يوللاپ پۈتۈن زىيەرەتچىلەرنىڭ ياخشى ئالقىشىغا ئىرشىپ كىلىۋەتىسىز . سىزنىڭ يازغان شىئېرلىرىڭىزنىڭ  مەزمۇنىنىڭ ياخشىلىقى، ھەر بىر قاپىيەلىرىنىڭ ماسلىقى ، مەزمۇنىنىڭ رەڭدارلىقى ھەر قانداق مۇنبەر ئەھلىنىڭ ھەۋىسىنى تۇلۇق قوزغايدۇ. شۇ ياغان قۇلىڭىزغا دەت بەرمىگەي . ئۈمۈرىڭىز ئۈزۈن بولغاي. رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
639 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
386 سەر
شۆھرەت
402 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 22:19:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ھەۋەسلىنىمەن ئاشۇ ئىلھاملىرىڭىزغا ،شېئىرى تىلىڭىزمۇ شۇنداق ئۆتكۈر ،قاتتىق سۆڭەكلەرنىمۇ كىسىپ ئۆتكىدەكلا. بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە مۇۋاپىقيەت تىلەيمەن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 00:20:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق شىئېرلارمۇ بار دە ،بۇرادەر.....
قوللىرىڭ تالمىسۇن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:27, Processed in 0.127570 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش