پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 95|ئىنكاس: 5

تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالمىغان بالا 110 غا تېلېفون قىلغان[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 1

يوقلىما
2
قىزغىنلىق
15 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
10 سەر
شۆھرەت
12 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 19:28:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالمىغان بالا 110 غا تېلېفون قىلغان




8-ئاينىڭ 5-كۈنى 10 ياشلىق توڭ توڭ ئىسىملىك بىر كىچىك ئۆسمۈر 110 غا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ تەتىللىك تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
بۇ كىچىك بالا ھەقىقەتەن ئەقىللىق بولۇپ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ساقچىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشنى بىلگەن، لېكىن ساقچىلار بۇ كىچىك دوستنىڭ زادى قانداق ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمەي جىددىي ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان، ئۇلار بارغاندىن كېيىن بۇ كىچىك دوستنىڭ «ماڭا ياردەم قىلىپ تەتىللىك تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بېرەمسىلەر» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغىنىدىن تۇرۇپلا قالغان. بۇ ئىشقا ساقچىلار قانداقمۇ ياردەم قىلالىسۇن دەيسىز؟ ساقچىلار ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن تاپشۇرۇقنى ئۆزىنىڭ ئىشلىشى كېرەكلىكى شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ياخشى بىلىم ئىگىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. توڭ توڭ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ساقچىلارغا قاراپ سىلەر قېيىنچىلىق بولسا بىزنى ئىزدەڭلار دېگەن ئىدىڭلارغۇ؟ مۇشۇنداق كىچىك ئىشقىمۇ ياردەم قىلالمامسىلەر؟ دېگەن، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ساقچىلار يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان.
بۇ ئىش ھەقىقەتەن تۇلىمۇ قىزىقارلىق بىر ئىش بولغان، توڭ توڭ قىيىنچىلىق بولسا ساقچىنى ئىزدىگەنلىكى ھەقىقەتەنمۇ توغرا، تەپەككۇر قىلىشىمۇ توغرا بولغان، لېكىن قىيىنچىلىق بولسىلا ساقچىنى ئىزدەش توغرا ئەمەستە، ساقچىلارمۇ ھەممىگە قادىر ئەمەستە، لېكىن بۇ 10 ياشلىق كىچىك بالىنىڭ بۇ قىلىقىغا نېمىمۇ دېگىلى بولسۇن؟ لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىساق توڭ توڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالماي ساقچىغا تېلېفون قىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايىتىمۇ چوڭقۇر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساپا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى دېيىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئەمەلىيەتتە زادى قانچىلىك يېنىكلىتىلدى؟ تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنى ئارام ئېلىشقا قۇيۇپ بەردۇق دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلار ئارام ئېلىش تۈگۈل بېسىم ئاستىدا تەتىللىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
بۇ ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن ئىبارەت، توڭ توڭنىڭ 110 غا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىغانلىقى بىر كۈلكىلىك ئىش بولسىمۇ لېكىن بۇ ئىشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ھازىرقى مائارىپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىپ كەلگەن روھىي بېسىمى ناھايىتىمۇ ئېغىر بولغان.
مەنبە: http://www.nur.cn/news/2012/08/78865.shtml

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
556 دانە
تۆھپە
460 سەر
شۆھرەت
369 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 21:19:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ، مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەيلى ئەمدى. مۇشۇ تەتىل تاپشۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى راستلا ئۇرۇنسىز جۇمۇ!!!
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 22:19:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
639 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
386 سەر
شۆھرەت
402 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 22:24:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتىل تاپشۇرۇقنىڭ كوپلىگىدىن ئاتا-ئانىلارغىمۇ ئارامچىلىق يوق ،مەنمۇ كۈندى ئىككى سائەت ۋاقتىمنى بالىلىرىمنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە سەرىپ قىلىمەن .ئادەمگىمۇ بىر خىل روھى بېسىم

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 00:42:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكى ئۈگىنىش بېسىمى ھەقىقەتەن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 06:26:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولمىسا تاياق يېيىشى مۇمكىن !بەزى مەكتەپلەردە تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولمىسا  ھەقسىز كېتاپنى بەرمەي بالا ئىشلەپ بولغاندا بېرىدىغان ئەھۋال بار
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:49, Processed in 0.132794 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش