مۇھەببەتنىڭ زوراۋانلىقى ئابدۇقادىر جالالىدىن (1) سېغىنغۇم يوق ھېچكىمنى ،لېكىن سېغىنماي تۇرالمايمەن بىركىمنى تاش يۈرەك بىر ئەبلەخ بولغۇم كېلىدۇ يۇمشاتتى كېلىپ بىرسى ئاۋازىمنى .
ئاق ئەتىرگۈلگە قارلىغاچ ئىزھارقىپتۇ سۆيگۈسىنى دەپتۇ ئاق ئەتىرگۈل : قىزىلغا ئايلاندۇرساڭ ئاقلىقىمنى سۆيەتتىم رازى بولۇپ شۇندا سىنى . قارلىغاچ ئۇچۇپ كېلىپ ئەتىرگۈلگە يېقىپتۇ ۋۇجۇدىنى تىكىنىگە قانلىق بىر شىرىنلىكتە قىزىلقانلار كۆچۈپتۇ ئەتىرگۈلنىڭ يۈرۈكىگە ئەتىرگۈل ھاي بېرەلمەي ئۆز-ئۆزىگە قارىسا قارلىغاچنىڭ كۆزلىرىگە كېتىپتۇ غۇۋا ئۆلۈم چۈشلىرىگە .
مەيىن بىر تىترەكتە قالغان شۇ گۈل ئۇقتۇرالماي قىپقىزىل يالغۇزلۇقىنى توزۇپ كەتتى سەھەرنىڭ جىمجىتلىقىدا .
نىچۈن مۇھەببەت شەرتى بولۇپ كەتتى بۇنچىلىك ياۋۇز ؟ بولۇپ قالساڭ بىرسىگە ئاشىق يوقۇتۇپ قويىسەن مەغرۇرلۇقۇڭنى ؟
ئۆلتۈرەر سېنى مۇھەببەتسىزلىك ئالار قوينىغا غېرىب چەكسىزلىك ئۆلتۈرەر ئوخشاشلا سېنى مۇھەببەت ئۆلتۈرەر سېنى ئەخلاق ،قائىدە بىدارلىق ،ئۈمۈد ھەم تەشۋىش ئەنسىزلىك .
شېئىرنى يازغۇم بار كىمگىدۇر ئاتاپ تاپالمايمەن لايىق بىرسىنى . تۆكۈلگۈم كېلىدۇ قارا يامغۇردەك ھېچنىمە قوينىغا ئالالماس مىنى .
يازغان شېئىرىمنى يىرتىۋەتكۈم بار بەڭۋاش شاماللارغا چېچىۋەتكۈم بار سىرلىرىمنى ئايدىڭدا ئېيتىۋەتكۈم بار ئايدىڭنى بۇلاقتا يۇيىۋەتكۈم بار .
نىمە دەيمەن ئەرلىكنىڭ قىيا تاشلىرى كۆرمىسە جاناننىڭ تاپانلىرىنى ؟! نىمە دەيمەن ناكەسلەر كېلىپ سىلىسا بىپەرۋا مەشۇقنىڭ ئالقانلىرىنى ؟!
ھېچكىمنى زادىلا سۆيۈپ قالغۇم يوق ، راستلىقىم بۇخەنجەر بولدى بۇجانغا ئىنسانمەن ۋۇجۇدۇم سۆيگۈگە تالىق مۇپتىلا بولغۇم يوق ، لېكىن ئىنسانغا .
(2) ياقسۇن دەپ ئېيتتىم ساڭا ياققانلارنى ، راست گېپىم ئۇيۇپ قالدى دۈۋەتلەردە . جور بولدۇم خورلىرىڭغا بولۇپ خورچى كۈيلىرىم تىنىپ كەتتى يۈرەكلەردە .
بارمىدىم قۇش سايرىغان توقايلارغا ئەگەشتىم سەن باشلىغان تەرەپلەرگە . قايتۇردى كەينىمىزگە تۇيۇق يوللار ئىشەندىم پۇشايمانسىز سەۋەبلەرگە .
مەست كېلىپ دۇمبالايسەن خۇيۇڭ تۇتسا ئاقلايسەن ئۆزۈڭنى ھەم يىشىلگەندە . ئالدايسەن ۋە بەزىدە چالۋاقايسەن بۆزخالتاڭ بىگىزلەردە تىشىلگەندە .
باراقسان چىنار تۇرسام ،ئازغان دېدىڭ باھاردا تۇرۇپ ئۆزۈڭ گۈلسىرايسەن ھەرنىمە بول دېدىڭسەن ، بولالمىدىم سۇسېپىپ تۇرۇپ مەندىن چوغ سورايسەن .
بايقىسام ، ئاچا يوللۇق دوقمۇشلاردا جاناننىڭ كۆڭلى ساڭا كىرەك ئەمەس . ئۇسسۇلغا سېلىپ مېنى قوقاسلاردا كۈلىسەن چاۋاكلاردا ، بۆلەك ئەمەس .
ئىشىنەي دېسەم خالىس مۇھەببەتكە مۇھەببەت ئايلاندۇردى ناتىۋانغا . ئالدىسا بۇھاياتنىڭ قىسمەتلىرى ئۆلۈملا تېتىيدىكەن بۇ جاھانغا ... «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئىلىندى. سەرگەردان سايە ئادىل تۇنىياز
قۇياش ئوخشار ياتىقىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شامغىلا. كىم ياسىغان ئۇزۇن ئۇپۇق بۇ ؟ كىم قالدۇرغان سەرگەردان سايە؟ ئەينەكتىنمۇ نازۇك قەلبىمگە ، چۈشكىنىدە كىمنىڭ شولىسى بولۇپ كەتتى پارە مىڭ پارە... ئېلىپ كەلدىم شەھەرگە سەھرانىڭ قۇم ئېرىقلىرىدىن خامانچىلار تومۇز ئىسسىقتا خامان تەپكەچ ئېيتقان قوشاقنى. روجەكتىكى سەت قەغەزلەردەك مۇشۇ ئاددىي قوشاقلار بىلەن قويماق بولدۇم ھاياتنى بېزەپ، لېكىن يەنىلا ئېشەك مىنىپ يۈرگەن چاغلاردەك تاپالمىدىم شاتلىق ئەمىنلىك قاپتۇ ماڭا غېرىپلىق بىلەن بالىلارچە مەيۈس تەمكىنلىك. پاكلىق گويا گۈزەل چۈشۈمدۇر بۆشۈكۈمدە قالغان ئۇنتۇلۇپ بېسىپ كىرىپ روھىمغا كۆز ياش بۇلاپ كەتتى نۇرغۇن نەرسەمنى شۇ ئازغىنە بىچارە كۈلكە بارى يوقى بىساتىم پەقەت تىلەي دۇنيا مىڭ رەت مىليون رەت تارتىۋالما ئۇنىمۇ يەنە. تىلىمەيمەن سەندىن تەبەسسۇم تىلىمەيمەن سەندىن ئۈمىد ھەم ئېھ تىلەيمەن، تىلەيمەن پەقەت مەن چوڭ بولغان بۆشۈكۈمنىلا. بىر دەقىقە ياتاي بۆشۈكتە ئانام بولۇپ بەرسەڭچۇ دۇنيا ! شولا تارتىپ دېرىزىلەرگە كەچكى قۇياش پاتتى شەھەرگە كىم ياسىغان ئۇزۇن ئۇپۇق بۇ ؟ كىمدىن چۈشكەن ئۈمىدۋار سايە گۇگۇم قۇياشى يۈرۈكۈمگە پاتماقتا ئاستا ... ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق مۇختەر بۇغرا
بىزنى تۇغدى بۇ زىمىن، يۇتار يەنە ھاپ قىلىپ. كىيىنكىلەر چالىدۇ، تىرىمىزنى داپ قىلىپ.
ئۆتۈشىمىز جاھاندىن، ھىجىلىشىپ، پىتىشماي. ئۇ يۇرتلۇق ھەم بۇ يۇرتلۇق، بىر-بىرنى قىتىشماي .
«ئۇيغۇر دىگەن ئۇيۇشقاق» دىيىشىپ لاپ ئۇرىمىز . ماجىرا تېرىپ ئۆز-ئارا، ئويۇن كۆرۈپ تۇرىمىز .
نە كويلارغا سالمىغان، بىزدىكى بۇ كەمچىلىك . بۇ ئازابنىڭ ئالدىدا، دوزاخ ئوتى قانچىلىك .
ئىگىز ئۆسكەن دەرەخمۇ، خالىي بولماس پۇتاقتىن . تۇغۇلسىكەن مىللىتىم، پەقەت بىرلا قوساقتىن . خەپ سېنى قاسىم سىدىق
چىقىراپ ئۇخلاتمىدىڭ جەڭجالچى چاشقان، خەپ سىنى ناشتىلىق نان ئۇستىدە قۇردۇڭ بەدەشقان، خەپ سىنى مەن ئوزۇم تاپقان ئىدىم، سەندىن ئاشقان، خەپ سىنى دان ئوغۇرلاپ ھەر كۇنى مىشكاپ ياماتقان، خەپ سىنى ھالىنى ھىچ چاغلىماي شىلتىڭ ئاتقان، خەپ سىنى
قاغۇ - قۇزغۇنلارنى مەن قورۇغاندا قايدىدىڭ، مۇڭ بولۇپ، ھەم بۇغداينى سوروغاندا قايدىدىڭ، كۇن بويى لاي - لاي ئېيتىپ جورۇغاندا قايدىدىڭ، توپا يەپ، ئىنجىق بىلەن سورۇغاندا قايدىدىڭ، قىپ - قىزىل چەشنى كورۇپ نەپسى تارتقان خەپ سىنى
تۇت پۇتۇڭ ئىز سالمىغان قالمىدى ئامبار - ئورەك، ماي قاپاقتىن گور تىلەپ سۇ ماينى قىلدىڭ بى كىرەك، ئانچىكى قىلسام سۇكۇت بېشىمدا ئوكۇزدۇڭ كورەك، ئېيتقىنا قايدىن ساڭا بوپ قالدى پەيدا بۇ خورەك، ھاي، دىسەم، قاشقان پىتى كوز ئالايتقان خەپ سىنى
چىقمايىڭ ھەددىڭ ئەمەس، بىر كۇن كامادىن چىقىسەن، بۇ كامادىن چىقمىساڭ، نەپسى بالادىن چىقىسەن، ئىشلىمەستىن چىشلىگەن ئەھلى تامادىن چىقىسەن، شۇ تامايىڭغا بىقىپ ئوبدان خۇمادىن چىقىسەن، ھەر بولۇڭدا كۇتۇدۇ ئاسلانۇ، قاپقان، خەپ سىنى |