- تىزىملاتقان
- 2012-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-14
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 3306
- نادىر
- 7
- تېما
- 158
- يازما
- 264
  
- يوقلىما
- 38
قىزغىنلىق- 761 سەر
تىللا- 346 دانە
تۆھپە- 479 سەر
شۆھرەت- 660 سەر
  
| موللا مۇسا سايرامى
مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە ئەدىبى موللا مۇسا بىننى ئەيسا سايرامى مىلادىيە 1826-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئاناقىر يېزىسىدا دۇنياغا كېلىدۇ .ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى ۋاقىتنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن دىنى زاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئوغلىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ناھايىتىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى يەتتە يېشىدىلا ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلىۋاتقان سايرام مەدرېسىدە ئوقۇتۇپ باشلانغۇچ ساۋاتىنى چىقىرىدۇ . 1847-يىلى ئۇنى ئەينى زاماندا جەنۇبى شىنجاڭدا داڭلىق بولغان كۇچادىكى ساقساق مەدرېسىگە ئوقۇشقا بېرىدۇ . بۇ مەدرېسىنىڭ مۇددەرىسى شۇ زاماندىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دېگەن كىشى ئىدى . موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇستازىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ، قۇرئان ، ھەدىس ، تارىخ ، ئەدەبىيات ،(تەقۋىم كالىندارشۇناسلىق ) ، ئاستىرونومىيە ئىلىملىرى ھەمدە ئەرەب ، پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ ، « بالا مولا « ، « موللا مۇسا « دېگەن ناملار بىلەن تونۇلۇشقا باشلايدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ ئۇستازى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ ۋە تەنپەرۋەرلىك ، خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ تەسىرىدە ئىدىيە جەھەتتىمۇ يېتىلىشكە باشلايدۇ . ئۇ 1854 –يىلى مەدرېسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، ئانا مەكتىپى سايرام مەدرېسىدە مۇددەرىسلىك قىلىدۇ . 1864 –يىلى كۇچا قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن ، موللا مۇسا سايرامى تالىپلىرىنى باشلاپ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق سەركەردىسى ماخمۇددىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ئومۇمى ئىشلار باشلىقى بولىدۇ . بۇ جەرياندا خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ، بىلىم دائىرىسىنڭ كەڭ ، چوڭقۇرلۇقى ، كەمتەر ، كىچىك پېئىللىقى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ۋە خەلق ئارىسىدا زور ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ .1867-يىلى ياقۇپبەگ ئۈچتۇرپاننى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇ ياقۇپبەگنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزا بابابېك ھىسارىنىڭ كاتىپى بولىدۇ . 1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا قېلىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە 40 يىلغا يېقىن ۋاقتىنى يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلايدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ بىر مۇنچە تارىخىي ۋە ئەدبىي ئەسەرلەرنى يازىدۇ . بۇلاردىن مەشھۇرراق بولغانلىرى « تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا « ، « دەر بايان ئەسھابۇل كەھف « ، «تارىخي ئەمىنىيە « ، « دىۋان مەسنەۋى « ، « تارىخىي ھەمىدى « ،« سالامنامە « قاتارلىقلاردۇر . موللا مۇسا سايرامىنىڭ كېيىنكى ئۆمرى ناھايىتى ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ . بۇ ئېغىر تۇرمۇش ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ . 1917-يىلى 81 ياشقا كىرگەن موللا مۇسا سايرامى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ يۇرتى سايرامغا قايتىدۇ . شۇ يىلى 4-ئايدا ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى ، تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ ۋە ئانا يۇرتى ئاناقىر يېزىسىغا دەپنە قىلىنىدۇ .
شېرىپ خۇشتارنىڭ –شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر ناملىق كىتابى .
|
|