بىر خىزمەتدىشىمغا
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
خىزمەتدىشىم، ساڭا خىزمەت مەندىن بولسۇن، ئىشلىرىڭغا غەلىبە-نۇسرەت مەندىن بولسۇن، ئۆسۈشۈڭگە ئىلھام-مەدەت مەندىن بولسۇن، شەرەپ ساڭا، ئەجىر-مېھنەت مەندىن بولسۇن، سەندىن ئەمەس، يەنە ھۆرمەت مەندىن بولسۇن.
«دوغا» مەن دەپ ئوتتۇرىدا يۈرىۋالغىن، ئاسان ئىشنى سەن ئۆزۈڭگە بۆلىۋالغىن، سالغان مەبلەغ-دەسمايەڭنى تۆلىۋالغىن، نومۇسسىزلىق-داپ يۈزلۈككە كۆنىۋالغىن، ئىككىلەنمە ھەرگىز، غەيرەت مەندىن بولسۇن.
خىزمەت بىزنى نومۇر بىلەن چېتىپ قويدى، رىسقىمىزنى داشقازانغا قېتىپ قويدى، ساڭا ئاش نەخ، غالچىلىرىڭ ئېتىپ قويدى، بىزنىڭ ئاشنى ياۋا توڭگۇز تېتىپ قويدى، ساڭا كەلگەن ھەممە دۆلەت مەندىن بولسۇن.
تىزىپ كەلدىڭ مېنى رەتنىڭ قۇيرۇقىغا، (ئېرىشمەستە تامغا تۈگۈل، سۇرۇقىغا)، قالارمەنمۇ دېمەي ۋىجدان سورىقىغا، ئەمەل قىلىپ خوجايىننىڭ بۇيرۇقىغا، يەنە ساڭا يۈزمىڭ رەھمەت مەندىن بولسۇن . «تارقاقلىشىش» ئايال بىلەن كەتتى دەپتىم، «پارا» دېگەن ھەق يولىنى ئەتتى دەپتىم، سەندىن ماڭا شۇنداق خوۋلۇق يەتتى دەپتىم، ئۇيۇلارغۇ سەندىكى يۈز-بەتتى دەپتىم، خاتىرجەم بول، ئەمدى ئوچىرەت مەندىن بولسۇن!
ئۇنۋان ئۈچۈن ماڭغان يولۇڭ ئېسىمدە بار، يولۇڭ ئۈچۈن تاپقان پۇلۇڭ ئېسىمدە بار، ماڭا گۆرنى قازغان قولۇڭ ئېسىمدە بار، پۇلدىن پۈتكەن«مەھكەم» ھۇلۇڭ ئېسىمدە بار، ئۇنۋان ئالساڭ يەنە نۆۋەت مەندىن بولسۇن.
نومۇر دېگەن ئۆز قولۇڭدا، قېتىۋەرگىن، «بەش»كە «بەش»نى قېتىپ «يۈز» دەپ كېتىۋەرگىن، مەندىن نومۇر تارتىپ خەخكە سېتىۋەرگىن، مۇدىرغا دەپ ئېغىزىمنى ئېتىۋەرگىن، نومۇرۇڭغا ئۆسۈم-بەرىكەت مەندىن بولسۇن.
ئوراڭ دۆڭرەك بولسا، ماڭا كولاپ تۇرغىن، قىلتىقىڭنىڭ چوڭراقىنى ئويلاپ تۇرغىن، مېنىڭ ئورنۇم كىمگە لازىم، توۋلاپ تۇرغىن، غوجىكاڭغا ھارماي ئۇچۇر يوللاپ تۇرغىن، دۈشمەن سەندىن، ساڭا ئۈلپەت مەندىن بولسۇن.
«مۇنەۋۋەر» دەپ سايلىنىۋەر، يىل ئۆتمىسۇن، مەنپەئەتتە سەندىن خەخكە قىل ئۆتمىسۇن، «سىناش»لاردا ھېچكىم سەندىن خىل ئۆتمىسۇن، چىدالمايسەن، كۆڭلۈڭ نازۇك-زىل، ئۆتمىسۇن، سەھنە سېنىڭ، ئەمما ھەرىكەت مەندىن بولسۇن.
راستىن ئېيتسام چىدالمايمەن پەريادىڭغا، ساۋاتسىزسەن، گەپ كەتمەيدۇ ساۋادىڭغا، بوپتۇ يەنە يېتىۋالغىن مۇرادىڭغا، «مۇنەۋۋەر»لىك مىراس قالغاي ئەۋلادىڭغا، «تىلخەت» دېسەڭ، مانا «تىلخەت» مەندىن بولسۇن.
سەندىن ئاشماي مۇكاپات يوق كۈتكەنلەرگە، «يۈد» دېگەندە ھەتتا تاغنى يۈدكەنلەرگە، تۆھپىسىنى داستان قىلىپ پۈتكەنلەرگە، كۈن يوق سەندىن ئالغا ئۆتۈپ كەتكەنلەرگە، يانچۇقۇڭغا ياغقان ئامەت مەندىن بولسۇن.
ئويلاپ سەندەك خىزمەتدىشىم-قاياشىمنى، خۇدا بەرگەي دەپ قانائەت-بەرداشىمنى، كۆرسەتمەستىن ساڭا تامچە كۆز ياشىمنى، ئاتاپ قويدۇم %30 مائاشىمنى، ئايالىڭغا زىبۇ-زىننەت مەندىن بولسۇن.
ئېيتقىن يەنە مەندىن بولسۇن كېمىڭ بولسا، ماڭا بولسۇن خاتىرجەمسىز دېمىڭ بولسا، چاپاي سېنىڭ چاپالمىغان چېمىڭ بولسا، تۇل ئاناڭغا ئەر تاپايمەن غېمىڭ بولسا، مەيلى پەرز، مەيلى سۈننەت مەندىن بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-16 17:23
|