مېنىڭ شېئىرىيەت مىزانىم سۆيگىنىم شېئىر ،بۇ كەسپى ئىشتىياقتىن كەچمىدىم. كۆيگۈنۈم ئارۇز ۋەزىن شۇ ئوت پىراقتىن كەچمىدىم. باغۇ بوستانلارنى كەزدىم<<پائىلاتۇن>>غا مىنىپ، <<بەھرە>>لەردىن بەھرىلەنگەندە تۇراقتىن كەچمىدىم. بولسا رەختىڭ تون كىيەمسەن ياكى كەمزۇل ئىختىيار. نۇسخا تاللاش بىر شەكىل،مەزمۇن پۇراقتىن كەچمىدىم. <<يېڭىلىق>> دەپ چاپتى خەقلەر <<كونا>> ياقماي كۆڭلىگە، ئىزدىدى ئۆرنەك بۆلەك قىتئە -يىراقتىن، كەچمىدىم. ئېيتتى: بەش يۈز يىلدىن ئاشتى بىر كېلىپتا بۇ نەزىم، كۆچمىسەك بولمايدۇ قىڭغىر ئولتۇراقتىن كەچمىدىم. مۇش كۆتۈردى تەلۋە داۋراڭ ،تارتتتى تىغ ئىنكارچىلىق، چىقمىدى ئىنكارغا لايىق ئوق ياراغدىن ،كەچمىدىم. <<يا ئېچىشسۇن،يا قىچىشسۇن،بولمىسا ئۇ شىئىر ئەمەس!>> دەپ نەۋائى پەرلىگەن بۇ شام چىراغدىن كەچمىدىم. ئىككى ئاپەت بەك يامان ئىككى ئاپەت بەك يامان-زالىم بىرى<<ئالىم>> بىرى، زالىمى ئەرىكنى بوغار،ۋاھ،<<ئالىمى>> روھنىڭ كىرى. ئىككىسى گەر ھەمتاۋاق،يوق يۇرتتا شاتلىقتىن ئەسەر، كۈلكە يىتكەي،باغنى چۈمكەر<<ئىت -مۈشۈك>>نىڭ خىر-خىرى. ئالىمىىدىن پەتىۋا بار،زالىمىدىن مۇش تېپىك، كۆر،بۇ ھالدا كۆپ جاھاننىڭ يامغۇرىدىن گۈلدۈرى. زۇلمى زالىم خۇددى خۇسرەۋ بار بىساتى ھەيۋە ،دوق، ساختا ئالىم گەپچى -نەپچى -نەقلا مەستان كەمپىرى. بىرىنىڭ كۈچ قەھرى -پاي چەك،نە ئامالىڭ ئالمىساڭ، بىرىنىڭ مىكرى جازانە ئەھلىنىڭ تەشۋىق دىرى. ئاۋۇ<<چۈشتە چىقتى ئاي!>>دەر،ماۋۇ يۇلتۇزنى چاتار، كەشىپ، كارامەت دەر يورۇقتا،ئاينى كۆرگەنلىك سىرى، گەر تىلەك شۇ:دىل ئازادە بەختىيار،ئەركىن ياشاش، تاڭغا ياق مەڭزىڭنى ھەق بولسۇن مۇرادىڭ دىلبىرى. يۇل چىمەندىن خار تىكەننى ،بەلكى قول پەنجەڭ قانار، ئەمما ھالى ۋاي تىكەنلىك بولسا گۈلشەن تەقدىرى، روزى ،سەن سۆزلە مۇدام بۇ ئىككى ئاپەتتىن قوشاق، پەيلى زالىم،ساختا ئالىمدىن خەلق يۈرسۇن نېرى! مەنبەسى:روزى سايىتنىڭ يېڭى نەشىر قىلىنغان <<ئانا تىلىم زەر تىلىم>> ناملىق تاللانغان شېئىرلار توپلىمى. |