پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 48|ئىنكاس: 0

ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 15:49:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، تىل تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، تەتقىقاتچى، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى كېسەل بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2010 – يىلى 13 – يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:30 ئۆتكەندە بەختكە قارشى 90 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.
ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئۇيغۇر، 1920 – يىلى 5 – ئايدا، شىنجاڭ تۇرپاندا تۇغۇلغان، 1939 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇنشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئازادلىقتىن ئىلگىرى ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە مۇئەللىم، «ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىنسىتىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە شىنجاڭ تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1949 – يىلى شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەقىقەتكە ئۆتۈش قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.
ئازادلىقتىن كېيىن، ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى 1950 – يىلى مەركىزىي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئىشخانا مۇئاۋىن مۇدىرى، 1953 – يىلىدىن 1978 – يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1978- يىلىدىن 1980 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1980 – يىلىدىن 1984 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل – تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەم ئالىي تەتقىقاتچىسى بولغان. 1998 – يىلى 5 – ئايدا شەرەپلىك ھالدا پېنسىيىگە چىققان.
«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ، خاتا ھالدا ئوڭچى قىلىپ قويۇلغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كېيىن، ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئۈزۈل - كېسىل ئاقلىنىپ نام – شەرىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 4 -، 5 – قارارلىق ھەيئىتى، 6 – ۋە 7 – قارارلىق دائىمىي ھەيئىتى بولغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيۋەنگە قارىتا تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر فولېكلور تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ تىل ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەردە بولغان. 1990 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ قارار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.
ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئۆمۈر بويى مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئازادلىقتىن ئىلگىرىلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالىي مائارىپىنىڭ ئاساسىنى تىكلەش ۋە ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشقان. ئەينى يىللاردا «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» دىن ئىبارەت تۆت پارچە كىتاب ۋە بىر قانچە پارچە ماقالىلەرنى نەشىر قىلدۇرغان. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى 1950 – يىلىدىن 1960 – يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نىڭ ئۇيغۇرچە قىسمىنى رەتلەپ نەشر قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان. «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى» نىڭ 1 -، 2 – ۋە 3 – توملىرى، «يېڭى دېموكراتىيە ھەققىدە»، «جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى»، «يەنئەن ئەدەبىيات – سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق»، ليۇ شاۋچىنىڭ «كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى»، جۇ ئىنلەينىڭ «زىيالىيلار خىزمىتى ھەققىدىكى دوكىلات» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق مەركەزنىڭ سىياسىتى ۋە ئاۋازىنىڭ شىنجاڭغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلىشىگە تۆھپە قوشقان. يەنە كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، لۇشۈن، گو مورو، دىڭ لىڭ ۋە جۇلىبو قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى 1980 – يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، تىل تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، 1983 – يىلى تەتقىقاتچىلىق ئىلمىي ئۇنىۋانىغا ئېرىشىپ، ئاساسلىقى قەدىمكىي تۈركىي تىللار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئۆگىنىشتە تىرىشچان، خىزمەتتە ئەستايىدىل، توختىماي ئىلگىرىلەش روھىدا چىڭ تۇرۇپ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۈچ تومىنى تەرجىمە ۋە نەشر قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. « <تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭ ترانسكرىپسىيە بەلگىلىرىگە ئائىت پرىنسىپلار»، «شىنجاڭدىكى قەدىمىي مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىلى» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. 2007 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى «ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى» ناملىق توپلامنى نەشر قىلىپ تارقاتتى.
ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى پارتىيىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا باستى. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ لۇشەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى باشتىن – ئاخىر ھىمايە قىلاتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايتتى. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشتا مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ئىدى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايتتى. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى خىزمەتتە ئاكتىپ، ئەستايىدىل بولۇپ، كۆپ ھاللاردا كېسەل ئازابىغا پسەنت قىلماي، خىزمەتنى داۋاملاشتۇراتتى. ئۇزۇن مەزگىللىك قەدىمقىي ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى داۋامىدا، گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ پۇختا ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن بىر تۈركۈم ياش تەتقىقات خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئاكادېمىيىمىزنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، سىياسىي ئىشلارغا ئاكتىپ قاتناشتى، ياخشى تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى
ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، ئابرۇيلۇق، قابىل ئالىم ئىدى. ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىنى قەدىمقىي ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ۋە بىر تۈركۈم ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلىدى.


ئاتاقلىق تىياتىر ۋە كىنو  سەنئەتكارى _ مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ھاجى
1997  -يىلى 8 -ئاينىڭ 28 -كۈنى سەھەردە تىياتىر سەھنىلىرى كىنو ئېكرانلىردا ماھىرىلىق بىلەن يارقىن ئوبراز يارىتىپ ،خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە  سازاۋەر بولغان بىر تالانتلىق سەنئەتكارنىڭ يۈرىكى ئۇشتۇمتۇت سوقۇشتىن توختىدى ، ئۇنىڭ ۋاپاتى  تىياتىر ۋە كىنو سەھنىلەردە ئورنىنى تولدۇرۇپ بولمايدىغان ناھايىتى چوڭ بىر بوشلۇق قالدۇرۇلدى . ، ئۇ ئاتاقلىق تىياتىر ۋە  كىنو  سەنئەتكارى مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ھاجى ئىدى. مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ھاجى يۇقىرى قان بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭىگە قان قويۇلۇش سەۋەبىدىن 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتۈپ ، ئائىلىسى ،پەرزەنتلىرنى ، ئۆزى بىر ئۆمۈر ئەقىدە باغلىغان ، يۈرەك قىنىنى سەرىپ قىلغان  كىنو -  تىياتىر ئىشلىردىن تولىمۇ بىمەھەل ئايرىلدى .
    مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان 1930 -يىلى 12 - ئايدا قەشقەر شەھىردە بىر تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى يەركەندە ئوقۇپ تاماملىدى. شۇ يىللاردا قەشقەر ، يەركەن دىيارىدا مەدەنىي ئاقارتىش ، سەنئەت ئىشلىردا تازا گۈللەنگەن بولۇپ بۇ چاغلاردا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىردا « غىرىپ - سەنەم » ، « تاھىر - زۆھرە » ، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»  « كۈرەش قىزى » ، « ئەجەل ھۇدۇقۇشىدا » ، « شاڭخەي كېچىسى » ، « ئارشىن - مال ئالان » ،« چىن  مودەن» ، « ئانارگۈل » ، « جاھالەتنىڭ جاپاسى »، « غۇنچەم » ، « گۈلنىسا » ، « يېتىم بالا » قاتارلىق كۆپلىگەن دراما ، ئوپېرالار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەھنىلەشتۈرۈپ  ئوينىلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بىيتىپ ، ئۇزىنىڭ غايەت زور تەسىرى نامايەن قىلغان ئىدى، مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان كىشلەر ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ مۇشۇنداق ئېسىل  نومۇرلارنى  كۆرۈپ ، ئۆزىمۇ  سەزمىگەن ھالدا  سەنئەتكە ئىشتياق باغلاپ قالىدى . ئۇ دادىسىنىڭ  ئۆز كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىش  توغرسىدا قىلغان نەسىھەتلىرىگىمۇ ئېرەن قىلماي ،كەلگۈسىدە بىر يېتىلگەن سەنئەتكار بولۇشىنى ئۆزىنىڭ تىرىشىش نىشانى قىلدى . ئۇ ئۇقۇشنى تاماملاپ ، 1950 - يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ 1953 - يىلىغىچە يەركەن ۋىلايەتلىك سەنئەت  ئۆمىكىدە ئارتىس ۋە ئۆمەك باشلىقى 1953 - يىلدىن 1956 - يىلىغىچە قەشقەر جەنۇبى شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس بولۇپ ،سەھنە ھاياتىنى ئوڭۇشلۇق قەدەم بىلەن باستى.
    ئۇ 1950 - يىلدىن 1953 يىلىغىچە يەركەن ۋىلايەتلىك سەنئەت  ئۆمىكىدە ئىشلىگەن مەزگىلىدە تارىخىي  دراما « قانلىق داغ » دا زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكار  باش پېرسوناژ ئەيسا ،دراما تورگ زۇنۇن قادىرنىڭ  ئەسىرى « گۈلنىسا » دا باش  پېرسوناژ پولات ، « ئارشىن - مال ئالان » دا سۇلايمان، « باي ۋە مالاي» دا غۇپۇر رولىنى  1953 - يىلدىن 1956 - يىلىغىچە قەشقەردە « ئاكا - ئۇكا » ئۇكا ، سوۋېت درامىسى « يېڭى يەر شاھى سۆزەنە» دە دېھقانباي  رولىنى ،1956 يىلىدىن ۋاپات بولغانغا قەدەر شىنجاڭ ئۇپېر  ئۆمىكىدە « ئاۋغۇست بورانلىرى » درامىسىدا  جاۋ لىيەنجاڭ ، « غۇنچەم »  درامىسىدا  ئۇمەر شاڭيۇ ، « غىرىپ - سەنەم »دا جالالىدىن مۇللام ، شاۋاز ۋەزىر رۇلىنى  « مەسلىھەت چېيى » دا ئىبراھىم  ئۇستام، « رابىيە - سەئىدىن» دە باقۇپ باينىڭ رولىنى ، « چىن  مودەن» دە قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ ۋاڭنىڭ رولىنى ، « مۇقام ئۇستازى » دا قېدىرخان، سوۋېت درامىسى « نۇرخان» دا مۇتەئەسسىپ سەكار رولىنى ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ، يەنە شىنجاڭ  خەلق رادىئو ئىستانىسى ئۇيۇشتۇرغان بىر نەچچە رادئىو  درامىسىدا ئېدىسوننىڭ ئاۋازىنى  بەرگەن بولۇپمۇ ئۇنىڭ  « غۇنچەم »  درامىسىدىكى  ئۇمەر شاڭيۇ ئوبرازى ھېسسىياتلىق  ئىپادىلەش  ئىقتىدارى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان. ئۇنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ  ئايغى ئۈزۈلمىگەن .
   مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان  دراما ، ئوپېردالاردا رول ئېلىشىقا ماھىر بولۇپلا قالماي ،كىنو ئېكرانىدىمۇ كۆپلىگەن ئىجابىي سەلبىي   پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان ، شىنجاڭ تىياتىرچىلىقى كىنو سەنئىتىگە  ئالاھىدە تۆھپە قۇشقان تالانتىلىق سەنئەتكار ، شىنجاڭ كىنو مۇنبىرگە ئەڭ بۇرۇن چىققان پېشقەدەم ئارتىسلارنىڭ بىرى ، ئۇ 1959 - يىلى شىنجاڭ كىنۇ سىتودىيىسى ( ھازىرىقى تەڭرىتاغ كىنۇ سىتودىيىسى ) رەسمىي ھېكايە فىلىم  ئىشلەشكە كىرشىكەندىن كېيىن شاڭخەي كىنۇ سىتودىيىسى  بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئالىي كوپىرتسىيە قۇرۇش مەزمۇنى قىلغان  ھېكايە فىلىم « بوستانلىقتا  تەنتەنە » باي دېھقان توختى رولىنى  ئىلىپ ئېكىرانىغا قەدەم باسقاندىن كىيىن 1962 - يىلى  « ئانارخان» فىلىمدە بىر سەكىرەپ سەلبىي  پېرسۇناژ زومىگەر پومېچىك ئوسمان قازى ئوبرازىنى كۆپ يىللىق سەھنە  ھاياتىدىكى تەجرىبىلىرى  ۋە تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ  ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياراتتى ، ئوسمان  قازى ئازادلىقتىن ئىلگىرى جەنۇبىي  شىنجاڭدا كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنۋېلىپ ،زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىپ ،نارسىدە قىزلارنى ئاياغ - ئاستى قىلىپ خەلقنى زار -زار قاقشاتقان ئەشەددىي زومگەرلەرنىڭ تىپىك ئوبرازى
شۇنداقلا  كوممۇنىستىك  پارتىيە كەلگەندىن  كېيىن دىنىي  تەقۋادارلىق تونىغا ئورۇنۋېلىپ ، باشقىلارنى قۇربان  قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى قوغداپ قىلشقا ئۇرۇنغان، ئىلغارلىق  چۈمپەردىسىنى تارتىۋىلىپ ، يەر ئىسلاھاتىغا ، يەر ئىسلاھاتى كادىرلىرىغا ،پارتىيگە قارشى  سۆز - ھەرىكەتلەرگە قۇتراتقۇلۇق قىلىغان ۋە پەردە ئارقىسىدا قۇماندانلىق  قىلغان سېپى ئۆزىدىن ئەكسىيەتچى قانخور ئىدى ،  مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ئوسمان قازىنىڭ  قۇۋ ،زالىم،  ۋەھشىلىكىنى ،ئىككى يۈزلىملىك  خاراكتىرى روشەن يورۇتۇپ بىرش ئۈچۈن ئۆزى ئۆتمۇشتە كۆرىگەن ۋە يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە  كۈرەش تاتىلغان ، باستۇرۇلغان زۇمگەرلىك ئەھۋالىنى، « غۇنچەم »  درامىسىدا ئۇزى ياراتقان  زالىم پومېشچىك ئۇمەر شاڭيۇ  خاراكتىرىدىكى ئالاھدىلىكىنى  جۇغلاپ ۋە يەكۇنلەپ، ئۇنى بيېتىپ  سەلبىي پېرسوناژ ئوبرازىنى كىشىلەر قايىل قىلارلىق دەرىجىدە سۈرەتلەپ بىرىپ ،تاماشىبنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى ۋەچوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.
   ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن يەنە 1982 - يىلى  « غىرىپ - سەنەم »دا جالالىدىن مۇللام، 1983 - يىلى بېيجىڭ  كىنۇ سىتودىيىسى ئىشلىگەن« قۇم-شېغىل رۇھى » فىلىمدە ئىشخانا مۇدىرى، ئۈچ قىسىملىق  تېلېۋزىيە تىياتىرى « كۆلەڭگە» دە چەت ئەلدىن شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشقا كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر  يۈسۈپ ئەپەندى ئوبرازىنى ياراتتى .
   مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان 1993 - يىلى يازدا تارىخىي ھېكايە فىلىم « ئاماننىساخان» ۋە شۇ ناملىق بەش قىسىملىق  تېلېۋزىيە تىياتىرى يەركەن سەئىدىيە  خانلىقنىڭ  ئوردا ۋەزىر ،مۇقامشۇناس  شائىر قېدىرخان يەركەندنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك  ياراتتى. شۇ مەزگىلىدە ئۇنىڭ سالامەتلىكى دېگەندەك  ياخشى بولماي ،كېسەل ئازابى ئۇنى پات -پات قىيناپ تۇردى،لېكىن ئۇ قىلچىمۇ ۋايسىماي  ئاجىرغىچە بەرداشلىق بىرىپ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك  تاماملىنىشىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشتى.
   مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ئىچكى دۇنياسى مۇرەككەپ سەھنە ۋە ئېكران ئوبرازىنى  ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىش بىلەن ئۇز تالانتىنى ئەلگە تونوتقان داڭلىق سەنئەتكار ئىدى. ئۇ ھايات چىغىدا ش ئۇ ئا ر كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، درامىچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك 2 - دەرىجىلىك ئارتىس ، ئۇ رول ئالغان تىياتىر ، كىنولارنىڭ ئىچىدە « غۇنچەم » درامىسىدا  ئۇمەر شاڭيۇ ،  « ئانارخان» ئوسمان قازى ئوبرازلىرى  زور نامايەندە سۈپىتىدە  تاماشىبىنلارنىڭ  قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.


خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئارتىس _ ئايشەم كېرىم
1998 - يىلى 9 -ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۇزىنىڭ يېرىم ئەسىر ھاياتىنى ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ، درامىچىلىقى ۋە ناخشا ئۇسسۇل ، مۇقام تەتقىقاتى ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلاپ ، سەھنە ۋە ئېكراندا ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ مىليۇنلىغان تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلماس ئىز قالدۇرغان 50 - يىللارنىڭ بېشدا سەھنە ھاياتىنى ، 1959 - يىلى  تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ( ئەينى يىللادا  شىنجاڭ كىنو سىتودىيىسى دەپ ئاتالغان ) بىلەن شاڭخەي خەييەن كىنو سىتودىيىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن، ئۇيغۇر تۇرمۇش تېما ،ئالىي  كوپىراتسىيىلىشش دەۋردىكى ۋەقەلەر سيۇژىت قىلىنغان تۇنجى ھېكايە فىلىم «بوستانلىقتا  تەنتەنە » دە ئايال باش قەھرىمان  ئايىمخان مۇدىر ئوبرازىنى ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىش بىلەن تونجى ئېكران ھاياتىنى باشلىغان ئاتاقلىق كىنو ۋە تىياتىر سەنئەتكارى ،مۇقامچى ، مەملىكەتلىك 1 - دەرىجىلىك ئارتىس ئايشەم كېرىمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتن توختىدى . 50 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدا تۇنجى قېىتىم چاقنىغان ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ئۈچۈن  تۇنجى  ئاساس سالغان چولپاننىڭ ۋاپاتى شىنجاڭ كىنوچىلىقى، تىياتىر چىلىق ئۈچۈن زور  يۇقىتىش بولدى .
   ئايشەم كېرىم 1931 - يىل 10 - ئايدا « نەشپۈت يۇرتى » كورلىنىڭ توۋۇرچى  يېزىسى ئەللىك كەتمەن  كەنىتىدە سەنئەتخۇمار  كەمبەغەل ئائىلىسىدە  دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ناھىيىدىن يىراق بۇ جايدا ئۇنىڭ دادىسى ئۇزىنىڭ سازەندىلىكتىكى ئۆزگىچە ماھارىتى ئارقىلىق خەلققە مەنىۋى ئۇزۇق بەخىش ئېتىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ دادىسى داپ ،غېجەك چېلىشقا ،ئانىسى دۇتار چېلىش، ناخشا ئېيتىشقا  ماھىر بولغاچقا ، بۇنداق ئائىلە مۇھىتى گۆدەك  ئايشەم كېرىمنىڭ قەلبىدە سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق، ئىنتىلىشى  كىچىكىدىنلا بىخلاندۇرغانىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ 5 - 6 ياشلارغا كىرمەيلا دادىسى ياساپ بەرگەن داپ ۋە غېجەكنى تەمتىرىمەي  چالالايدىغان بولدى .ئانىسى دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتسا ، ئۇ يۇمران قۇللىرى بىلەن قاس چىقىرىپ زۇق شۇخ بىلەن ئۇسسۇل ئۇينايتتى . ناھىيىدىن  يىراق ئەللىك كەتمەن  كەنىتىدە ئاخشىمى ئېتىز -ئېرىق  ئىشلىردىن ھاردۇق يېتىپ قايتىپ كەلگەن دېھقانلار ئۈچۈن كەچلىك مەشرەپ -ئەلنەغمە سورۇنلىرى  ھاردۇق  چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ،سەنئەتخۇمارلار  ئۈچۈن ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان سەھنە ئىدى . ئۆز مەھەللىسى ۋە قوشنا مەھەللىلەردىكى  توي -تۆكۈن  مەشرەپ سورۇنلىرى دادىسىنىڭ باشلىشى بىلەن كېچىك ئايشەم كۆزى ئىچىلدى . ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى  تېخىمۇ كۈچەيتتى . ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ، نەپىس ئۇسسۇل ھەرىكىتى ،يېقىن - يىراقتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا باشلىدى. كېچىك ئايشەم ئۆز كەنتىدە باشلانغۇچ مەكتەپكە  كىرگەندىن كېيىن ،مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرگە قاتنىشىپ،ناخشا ئېيتىپ،ئۇسسۇل ئۇيناپ ، ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايەن قىلىپ كەلگۈسى  پارلاق ئىستىقبالىدىن بېشارەت بەردى . باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىدا  ئۇ سەھىنىدە ئېيتقان« يېتىم قىز » ناخشىسى ئۇنىڭدىن ئۆزگىچە تالانتنى نامايەن  قىلدى. ،قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۇنىڭ روھىغا ئىلىھام بەردى ،بىراق يوقسۇللۇق،كونا ئۆرۇپ - ئادەت  تۈپەيلىدىن ئۇ ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي ،ئۇزۇنغا قالماي تۇرمۇشلۇق بولۇپ ، ئائىلە خىزمىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى، بەختىگە  يارىشا ، ئۇنىڭ يولدىشى ئابدۇكېرىم ئەبەيدۇللا ئوقۇمۇشلۇق  زىيالى ،بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇق ئۆتكەن ، سەنئەتنى چۈشىنىدىغان كىشى ئىدى.
   ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ يولدىشىنىڭ خىزمىتىنى يۆتكىلىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدى ۋە شۇ يىلىلار يولدىشىنىڭ قىزغىن مەدەت بېرىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالغا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈكۈپ ،سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك بيۇرو كادىرلار  مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. بيۇرو كادىرلار  مەكتىپىدە تەشكىلەنگەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتىنى  ياش ئايشەم كېرىمنىڭ سەھنە ھاياتنى باشلاش ،تالانتىنى نامايەن قىلىشنىڭ  مۇقەددىمىسىنى ئاچتى . ئۇ كادىرلار  مەكتىپى سەھىنلىردىمۇ تاماشىبنىلارنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. ئۇنىڭ نەپىس ،جازىبىلىك ئۇسسۇللىرى .جاراڭلىق ئاۋازدا ئېيتقان  ناخشىلىرى بيۇرو كادىرلار  مەكتىپىدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ،رەھبەرلەرنىڭ يۇقىرى باھاسغا ئېرىشتى ،ئۇ سەھنىلەردە پارتىينى ،ئازاد يېڭى زاماننى كۈيلەيدىغان،يەر ئىسلاھاتىنى تەشۋىق  قىلدىغان مەزمۇنلاردىكى ناخشا -ئۇسسۇللارنى ئۇرۇنلىدى ،ئۆمەك تەركىبدە ئۆز يۇرتى  كورلىغا بېرىپ ئېجارە ھەققىنى كېمەيتىش ۋە يەر ئىسلاھاتى  ھەرىكىتىگە قاتناشتى . ئۇ كورلىدىن بيۇرو كادىرلار  مەكتىپىگە  يېنىپ كەلگەندىن كېيىن 1952 - يىلى كادىرلار مەكتىپى سەنئەت ئۆمىكىدىكى بارىلىق  خادىملار بىرقلا سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ناخشا -ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى . ئايشەم كېرىم شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆمەكتە ناخشىچى ۋە ئۇسسۇلچى،بولۇپ سەنئەت ھاياتىنى رەسمىي باشلىدى. ئارتىسلىق ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇ ئۆزىنىڭ  جاراڭلىق ،يېقىملىق،تەبىئىي  ئاۋازى بىلەن « پارتىيگە مەد ھىيە »، « گۈل قىسقان مېنىڭ يايرىم » ، « قادىر مەۋلان » ،« ئالتۇن بىلەن رەنا » ، «دا ھىي ماۋزېدۇڭ »، «تاڭ ئاتقاندا» ،« ئۇلۇغ پارتىيەم»، « ئانا ئارزۇسى »،«ئالتۇنجان »،« ئاشنالىرى زەگەرمىكىن»، « ئاللا يارەي» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ناخشىلاردىن باشقا ،يەنە خەنزۇچە، ئۆزبېكچە ،قازاقچە ،تاجىكچە ناخشلارنىمۇ  ۋايىغايەتكۈزۈپ  ئېيتىپ، ھەرمىللەت تاماشىبنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا  ،دىققىتىگە  سازاۋەر بۇلدى، ئۇ يەنە شۇ مەزگىلدە تۈنجى قېتىم «توي ئۈستىگە توي » ناملىق درامىدا تۇنساخان موماينىڭ رولىنى  مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئويناپ چىقىپ، ئۇزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان سەنئەت تالانتىنى نامايەن قىلدۇ . ،بو دراما مەملىكەتلىك تىياتىر كۆرىكىگە قاتناشتۇرلۇپ مۇكاپاتلاندى .
   1955 - سابىق شىنجاڭ ئۆلكىسى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى  رەسمىي قۇرۇلدى شىنجاڭدا كىنو سىتودىيسى  قۇرۇش توغرىسىدىكى ئوي - پىكىر لەر شۇ يىلىنىڭ ئاخىردا  غۇلغۇلا قىلنىشقا باشلىدى. 1956 -يىلى شىنجاڭ كىنو سىتودىيسى قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى رەسمىي باشلىنىپ كەتتى .  شىنجاڭدا بۇ يېڭى شەيئى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت خادىملىرى ئاپىرىدە قىلش كېرەك ئىدى. بۇ ئىشقا
ئاپتونۇم رايۇنىلۇق مەدەنىيەت نازارىتى كونكىرىت مەسئۇل بولدى، 1956 - يىلى ئۈرۈمچى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە كىنو ئارتىسلىرىنى يېتشتۇرۇپ، تەربىيلەش سىنىپى ئېچىلىپ ،بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار بۇ سىنىپقا ئۇقۇشقا كىردى ،ئايشەم كېرەممۇ  بۇ قىممەتلىك پۇرسەتكە ئېرىشىپ ، ئۇزىنىڭ كەسپى ماھارىتىنى  ئۆستۇرۇشكە،كەلگۈسى ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن يول  ئېچىشقا  پۇختا ئاساس سالدى .سەنئەت ئىشلىرنىڭ  ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ،ئۇ كۆپلىگەن دراما ،ئوپېرلاردا باش رول ۋە ئاساسلىق رول ئېلىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قازاندى.
ئايشەم كېرىم 50 - يىللاردىن تارتىپ 1980 - يىلغىچە ئىلگىر- كېيىن بۇلوپ «غۇنچەم» درامىسىدا غۇنچەم، كېيىنكى مەزگىلدە شۇ ناملىق درامىدا زومىگەر  پومېشچىك ئۇمەر شاڭيۇنىڭ ھازازۇل خوتۇنى شەرۋانىغان  ،«غىرىپ - سەنەم » ئوپېراسىدا دەسلەپكى ۋاقىتلىردا سەنەم ، كېيىنكى مەزگىلدە غېرىپنىڭ ئانىسى مېھرىبانۇ، «ئارشىن- مال ئالان» ئوپېرسىدا باش پېرسوناژ گۈلچېھرە،
«يالقۇنتاغ  غەزىپى» ئوپېراسىدا دەسلەپكى باش قەھىرىمان،قۇزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى ئەمەتنىڭ سۈيگونى ئايىمگول،« قىزىل بايراق لەپىلدىمىكتە» درامىسىدا خەلچىغان، «كۈرەش يولى» ئوپېراسىدا ئانا ،خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۇرۇپ  ئوينىغان ئوپېرا «قىزىل چىراق» دا موماي قاتارلىق كۆپلىگەن پېرسوناژلارنىڭ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇنداپ كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى.
  ئايشەم كېرىم 1958 - يىلى يولدىشىنىڭ خىزمىتىنىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىشى بىلەن  بېيجىڭغا  يۆتكىلىپ بېرىپ مەركىزى مىللەتلەر ناخشا -ئۇسسۇل ئىشلەپ، ئاتاقلىق ناخشىچى ۋاڭ كۈندىن ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنى ئۆگەندى.
   1959 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيسى رەسمىي قۇرلۇپ ،  تۈنجى بولۇپ ،شاڭخەي كىنو سىتودىيسى بىلەب بىرلىشىپ ،« بوستانلىقتا تەنتەنە» ناملىق  ھېكايە فىلىمنى ئىشلەش تەييارلىقىنى باشلۋەتتى . بۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىق مەرىكىسىگە ئاتىغان سوۋغا ئىدى . بۇ فىلىمنىڭ ئارتىسلىرنى ،بۇلۇپمۇ باش رۇلدىكى ئارتىسلارنى تاللاش تولىمۇ ئىنچكە،جاپالىق خىزمەت ئىدى. فىلىمنىڭ رېژسسورى ۋە خىزمەتچىلىرى  ئاپتونوم رايۇنىمىزدا نۇرغۇن ئارتىسلارنى تاللاپ باقتى. ئەڭ ئاخىردا باشقىلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن،شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ،تىياتىرچىلىقى  ئالاھىدە كۆزگە كۆرۇنگەن.شۇ ۋاقىتتا بېيجىڭدا ئىشلاۋاتقان ئايشەم كېرىم بۇ كىنۇنىڭ ئايال  باش قەھىرىمان ئايىمخان مۇدىرنىڭ رولىنى ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات  دەپ بېكىتىلدى ۋە مۇشۇ فىلىم ئىشلەش ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىندى ،بۇ ئايشەم كېرىمنىڭ تۇنجى ئېكران قەدىمى بولۇپ ،ئۇنىڭ كېيىنكى ئېكران ھاياتى ئۈچۈن داغدام يول ئىچىپ بەردى .
   ئايشەم كېرىم « بوستانلىقتا تەنتەنە»نىڭ سېنارىيسىنى قۇلغا ئالغاندىن كېيىن بۇ سېنارىيىنى تەكرا -تەكرا ئۇقۇپ ،ئايىمخان ئۇبرازىنى چۇڭقۇر تەھلىل قىلدى . ئۇ تۇرپانغا تۇرمۇش ئۆگىنىش بارغان پۇرسەتتىن پايدىلىنپ، ئايىمخانىڭ ئەسىلي پروتوتىينى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى . ئايىمخانىڭ مىجەز -خۇلۇقىنى ، ئىچكى ھېسسىياتىنى يارقىن يارىتىپ بېرىش يولدا ھارماي- تالماي ئىزدەندى ۋەئاخىرى  جاسارەتلىك،باتۇر ، قەيسەر ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ تىپىك ۋەكلى ئايىمخاننىڭ شانلىق ئوبرازىنى ئېكراند نامايەن قىلىپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ  يۈكسەك دەرىجىدە  ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى . ئۇنىڭ نامى مەملىكەت ئىچى سىرتىغا تونۇلدى . ئۇ قەيەرگە بارسا خەلق ئۇنى يېقىملىق ھالدا « ئايىمخان » دەپ  چاقىردىغان ،ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئېكران ئوبرازى يارىتىش  ماھارىتىگە ئاپىرىن  ئېيتىدىغان بولدى . بۇ فىلىم تۇرمۇش  پۇرىقىنىڭ قويۇقلىقى ،بەدىئىيلىكىنىك يۇقىرىلىقى ،ۋەقەلىكلىرىنىڭ چىنلىقى ،ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى ۋايىغا يەتكەنلىكىنى بىلەن ئەينى يىللاردا  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جاي -جايلىرنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ ،ھازىرغىچە  كېشلەرنىڭ ئىغېزدىن چۇشمەي كەلمەكتە.
ئايشەم كېرىم شۇنىڭدندىن كېيىن يەنە «يىراقتىكى  ئۇچقۇنلار»فىلىمدە( 1962 - يىلى ) ئۇينالغان  « تاھىر -زۆھرە » ئوپېرسىدا كېنىزەك ،1964 - يىلىدىكى « قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن»ناملىق ھېكايە  فىلىمدە كوپىراتسىيە  مۇدىرى قاسىمنىڭ ئايالى ،«نەسىردىن ئەپەندىم» فىلىمدە ياغاچچىنىڭ ئايالى ، خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرگەن ئوپېرا  «قىزىل چىراق» دا لى يۈخېنىڭ ئانىسى لى مۇماي ، «رەنانىڭ توي» فىلىمدە رەنانىڭ ئانىسى ئامىنە كېرىم،«ئۈچ ياش » ناملىق تېلېۋزىيە تىياتىردا  ئامىنە ، « تاش ئۇستىدە ئېچىلغان گۈل» دە ئاق كۈڭۈل يېزا ئايالى ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ كىشلەر قەلبىدەئۇنتۇلغۇسىز  تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ ،ئىسىم-جىسمىغا مۇناسىپ خەلق قەلبىدىكى ئارتىس بولۇپ قالدى .
   ئايشەم كېرىم تارىخىتا مىسلى كۆرۈلمىگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » دا تۈرلۈك بەتناملارغا قىلىپ ، « شيۇجىڭجۇيىچىلارنىڭ تەشۋىقاتچىسى» ، » تارىخى ئەكسىلئىنقلابچىنىڭ  ئايالى» ، «قارا يىپ »دەپ بىگۇناە قارىلىنپ ئاز بولمغان رىيازەتلەرنى چەككەن. دىلى قاتتىق ئازار يېدى   .     سە ھنە ھاياتىدىن  بىر مەزگىل تۇختاپ قالدى . لېكىن ئۇ ئىرادىسىدىن  يانماي ، قىلچە  ئۈمىدسىزلەنمەي ،داۋاملىق ھالدا سەنئەتكە ئائىت ئەسەرلەرنى ئۇگىنىپ ،سە ھنە ھاياتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي  يەنە داۋاملىق ھالدا دراما ئۇيناشقا  قاتنىشىپ ،سە ھنە ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى .
   ئايشەم كېرىم 1980 - يىلى خىزمەت ئېھتىياجى  بىلەن مۇقام تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا يۆتكىلىپ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قېزەش ، رەتلەش ، تەتقىق قىلىش ۋە ئېتىش پائالىيەتلىرگە قاتناشتى ، 12 مۇقامنىڭ ئىچىدىكى سەككىز  مۇقامنى تۇلۇق ئۇگىنىپ ئىگىلىۋالدى ، «مۇشاۋىرەك »، چەبىيات » ، « راك » ، قاتارلىق سەككىز مۇقامنى لېنتىغا ئېلىش ، ئۇرۇنداش ۋە سەھنىلەشتۈرۈشنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەپ ،جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى . ئۇ مۇقام  تەتقىقاتى ئۈچۈن زور تۆھپە قۇشۇپلار قالماي ، يەنە  مۇقام ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۇش ، تەربىيىلەش جەھەتتىمۇ يۈرەك قېنىنى ئايىماي سەرىپ قىلدى . ئايشەم كېرىم دراما،كىنو ئوپېرالاردا رول ئالالايدىغان ،ناخشا- ئۇسسۇل بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ئۇنىۋېرسال ئالاھىدىلىككە كۆپ ئىقدارلىق ماھىر ئارتىس بولۇپ ، ھايات  ۋاقىتىدا ئىلگىرى -كېيىن  بولۇپ ئۈرۈمچى خەلق قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىلى ، ئاپتونوم سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ  شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى ،
شىنجاڭ كىنو چىلىقى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغانىدى. ئۇ ھايات ۋاىتىدا  پارتىيىنى ،ۋەتەننى ، خەلقنى ،مىللىتىنى ،سەنئەتنى قىزغىن  سۆيەتتى ، كېچىك پېئىل ،كەمتەر ،ئاق كۆڭۈل،سەمىمىي ،چىقىشقاق ،ئۈمىدۋار ئىدى.
ئۇ ئۇزى ياراتقان كۆپلىگەن ئېكران،سەھنە ئوبرازلىرى بىلەن خەلق ئارىسدا ئەبەدىي ياشىغۇسى !


تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىنو ئۇپېراتورى _ خالىقجان  ياقۇپ
   ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرىك ئوغلانى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىنو ئۇپېراتورى  خالىقجان  ياقۇپ 1999 - يىلى 19 - ئاپرېل  كېچە سائەت 12 دە  يۈرەك كېسىلى ئۇشۇمتۇت قۇزغىلىپ 68 يىشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ ۋاپاتى شۇنداق تۇيۇقسىز بولدىكى ، ئۇنىڭ رەپىقىسى ، پەرزەنتلىرى ، ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ،كەسىپداشلىرى ، ئەل - ئاغىنىلىرى بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتتى ،يۇرەكلىرى  ھەسرەتتىن پارا -پارا بولدى .
   ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي  مەسلىھەت كېڭىشى 4 - ، 5 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،6 - ، 7 - نۆۋەتلىك  كومىتېتىنىڭ دائىمىي  ئەزاسى ،  7 - نۆۋەتلىك كومىتېت مائارىپ ، پەن - مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ كىنو چىلا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي  ئەزاسى ، مەملىكەتلىك  ئالىي دەرىجىلىك كىنو  ئوپېراتورى بولۇپ ،ئۇنىڭ تەرجىمىھالى « جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قامۇسى » غا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
   خالىقجان ياقۇپ 1931 يىلى 21 - نويابىر  ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ 1938 - يىلىدىن 1945 يىلغىچە ئۈرۈمچى 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان،ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1951 - يىلى 11- ئايغىچە ئائىلىسدە بولغان ئۇ تۇغۇلغان  مەزگىلدە  كىنو شىنجاڭغا كىرگىنىگە خېلى يىللار بولغان بولۇپ ،سابىق سوۋېت  ئىتتىپاقىدا ئىشلىگەن بىر قېسىم نادىر فىلىملەر ئۈرۈمچىدە قۇيۇلۇپ گۈللىنۋاتقان شىنجاڭ  ناخشا - ئۇسسۇل ،تىياتىرچىلىقى بىلەن يۇغۇرلۇپ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ مەنىۋى  تۇرمۇشىدىكى بىر ئوزۇققا ئايلانغان ئىدى. ئۈرۈمچى كىنوخانىلىردا يېڭىدىن - يېڭى قويۇلۇپ تۇرغان، كۈچلۈك ئىنساني مۇھەببەت  ھەم ئىس - تۈتەك قاپلىغان،توپ  ئورقلىرى گۈلدۈرلەپ  تۇرغان جەڭگاھ  گەۋدىلەنگەن فىلىملەر ۋە خىيالى چۆچەك فىلىملىرى ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىدە ئاجايىپ بىر خىل  تۇيغۇ ،قىزىقىش پەيدا قىلدى . 1951 - يىل 11 - ئايدا خالىقجان كۆپ يىللادىن  بۇيان ئۆز كۆڭلىدە بىخىلىنىپ  كېلۋاتقان ئارزۇ - ئارمانلىرنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدى بېيجىڭغا بېرىپ كىنو مەكتىپىدە ئۇقۇماقچى بولدى . لېكىن كىنو كەسپىدە مەخسۇس ئۇقۇيدىغان مەكتەپ بولمغاچقا 12 - ئايدا بېيجڭ كىنو ستۇدىيسىگە ئورۇنلىشىپ ئوپېرتور شاگىرت بولۇپ ئىشلەشكە باشلدى .ئۇ يەر ئىلىمزنىڭ  بىر تۈكۈم  ئاتاقلىق كىنو ئارتىسلار بىلەن تۇنۇشۇپ ،ئۇزىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئۇلىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە ،جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى . بۇ جەريانىدا  بالىلار ھېكايە فىلىمى « كېچىك ئاق توشقان » ، ھېكايە فىلىم « خۇاشەننىڭ ئېلىنىشى » قاتارلىق فىلىملەرنى  سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرىدا ،ئۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ، رۇمىنيە،ۋېنگىرىيە ، چېخسىلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ بېيجڭدا ئورۇندىغان كونسېر نومۇرلىرى نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرىدا ئىشلىدى .بۇجەرياندا ئۇ كىنو ساھەسىدىكى پېشقەدەم  ئوپېراتورلادىن نې جىڭ  ،گاۋ خۇڭتاڭ، ۋاڭ چىمى ،قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتۇپ،كەمتەرلىك بىلەن كىنو ئوپېراتورلۇق بىلىملىرىنى سىستېمىلىق  ھالدا  تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،كىنو  ئوپېراتورلۇق خىزمىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنش ئۈچۈن ياخشى كەسپى ئاساس  سالدى . 1953 - يىلى بېيجڭ كىنو ستۇدىيىسى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن « بېيجڭ كىنو ستۇدىيىسى » ۋە « مەركىزى يېڭى خەۋەر ، ھۆججەتلىك فىلىم ستۇدىيىسى» دەپ ئىككىگە ستۇدىيىگە ئايرىلدى . خالىقجان  « مەركىزى يېڭى خەۋەر ، ھۆججەتلىك فىلىم ستۇدىيىسى» گە تەقسىم قىلىنىپ  1953 - يىلى 10 - ئايد بۇ ستۇدىيىنىڭ شىنجاڭ تۇتۇشلۇق ئوپېراتورلار پونكىتىغا يۆتكەلدى . 1955 - يىلى « مەركىزى يېڭى خەۋەر ، ھۆججەتلىك فىلىم ستۇدىيىسى» ئۇيۇشتۇرغان كەسپىي  ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي  ئوپېراتورلۇق كىنىشكىسىنى  قولغا ئېلىپ مۇستەقىل فىلىم سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى. ئۇ خەۋەر فىلىملىرنى سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا نەزەر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى ،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ  گۈزەل تاغ - دەريالىرنى ،خەلقىمىزنىڭ رەڭدار ،باياشات تۇرمۇش  كارتىنىلىرىنى ،دۆلىتىمىزنىڭ ،بولۇپمۇ شىنجاڭ يېرا ئىگىلىك ، سودا -سانائەت ،قاتناش ،مەدەنىيەت - مائارىپ ، سەھىيە ، پەن - تېخنىكا ،سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ،شۇنداقلا سوتسىيالىزم قۇرۇش كۈرەشلىردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ،مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋاقتى  -  ۋاقتىدا كىنو  ئېكرانلىردا ھەر مىللەت  خەلقىگە تونۇشۇرۇش داۋامىدا  پەيدىنپەي يېڭى خەۋەر فىلىملەرنى سۈرەتكە ئېلىشنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى  كۆرۇپ قالدى .
   1958 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تەييارلىق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ( ئەينى يىللاردا شىنجاڭ كىنو  ستۇدىيىسى دەپ ئاتىلاتتى )رەسمىي قۇرۇلدى. ئانا يۇرتىنىڭ كىنوچىلقى  ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىستىكىدە نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلارنى دىلىغا پۈككەن خالىقجان ياقۇپ شۇ يىلىلا  تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە ئالمىشىپ كېلىپ ، ئوپېراتورلۇق ھاتاتىنى يەنە داۋاملاشتۇردى.
    1962 - يىلى ئۈچ يىللىق تەبىئىي  ئاپەت  ۋە خەلق ئىگىلىكىنى تەڭشەش  يۈزىسىدىن  تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىنىڭ ھېكايە  فىلىم ئىشلەش ۋەزىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . خالىقجان قايتىدىن  بېيجىڭغا  _ مەركىزىي يېڭى خەۋەر،  ھۆججەتلىك فىلىم ستۇدىيىسىگە يۆتكەپ كېتىلدى ۋە شۇ يىلى بۇ ستۇدىيىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇخبىرلىق  پونكىتىغا تەقسىم قىلىندى. 1976 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيسى قايتىدىن ھېكايە فىلىم ۋە يېڭى خەۋەر ،   ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغان بولغاندا ،خالىقجان يەنە بىر قېتىم تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ تاكى ۋاپات بولغانغا  قەدەر بۇ ستۇدىيىدە ئىشلەپ ،شىنجاڭ كىنو ئىشلىرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەتتى ،خالىقجان ياقۇپ كىنو ساھەسىدە ئاساسەن ئاز بولمىغان يېڭى خەۋەر ، ھۆججەتلىك فىلىم ، ئىلىمي تەربىيىۋى فىلىم ، ھېكايە فىلىملەرنى ئىشلىدى . جىزمەت ئورنىدا ئۇدا بىر قانچە قېتىم ئالمىشىش بولغان بولسىمۇ قىلچە  ۋايسىمىدى .
   سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ  قىممىتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارتىشتا . بۇنى چوڭقۇر چۈشىنىپ  يەتكەن خالىقجان ھەر قېتىملىق ئوپېرتورلۇق ئىجادىيىتىدە ئەستايىدىل بولۇپ ،قېتىر قىنىپ  ئىز دىنىپ ، ھەر بىر فىلىمنى سۈرتكە ئالغاندا ئىنچىكىلەپ لاھىيە تۈزدى. ئۇ تۇرمۇشنى ، بەلگىلەنگەن سيۇژىت مەنزىزىسىنى ، پېرسوناژنى ،رىتىم ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ، بەدىئىي فىلىم ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئۇنىۋېرسال ئۇسۇلدا سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ  ،ئۇسلۇب جەھەتتە بىرلىككە  كەلتۈرۈشنى ئورۇندىدى،ئۇ ئىلگىر - كېيىن بولۇپ « 1955 يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكىلەش »، « شانلىق 10 يىل  _ دۆلەت بايرىمىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش » ، « مېۋىلەر كانى شىنجاڭ »، « كوممۇنا گۈللىرى»، « فېئۇداللىق ھۆكۈم سۈرگەن يېزا »، « چېگرا رايونغا  ياردەم بېرىشقا كەلگەن ياشلارنى قارشى ئېلىش »، « بەنچەن ئېردەنى شىنجاڭدا »، « ئۈرۈمچىگە تۈنجى پويېز كەلدى »، « يەكەن دەرياسىدىكى ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى »، « ئىلى يېزىلىردا » ، «ئۈرۈمچى كورلا تاشيولىنىڭ ياسىلىشى»، « ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلۋاتقان شىنجاڭ » ، «قاغىلىقتا نېفىت چىقتى»  قاتارلىق 60 چاس خەۋەر فىلىم ،70 چاسقا يېقىن ھۆججەتلىك فىلىم ، 10چاستىن ئارتۇق ماتېرىيال فىلىم ،ئىلمىي  تەربىيىۋى فىلىمنى سۈرەتكە ئالدى.
   خالىقجان سۈرەتكە ئالغان ،ۋەتەننىڭ تاغ - دەريالىرى ،كۆركەم مەنزىرىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بەزى فىلىملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى  ئۆزگىچە ، كۆرۈنۈشلىرى شېئىرىي  تۇيغۇغا باي بولۇپ ، ئۇنىڭغا خالىقجانىڭ ۋەتەننىڭ ھەربىر گىياھ ،تاغ -دەريالىرىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سىڭدۈرۈلگەن.
   تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى 1979 - يىلى ھېكايە فىلىم ئىشلەشنى رەسمىي  ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن  كېيىن ،پېشقەدەم ئوپېرتۇر خالىقجان ئىلگرى - كېيىن  بولۇپ « يايلاقتىكى مىلتىق ئاۋازى »، « بەخت ناخشىسى »، « رەنانىڭ تويى» ، «يىراق يېزىغا مۇھەببەت »، « تىنچسىز  قۇمباغ »قاتارلىق ھېكايە فىلىملەرنى مۇستەقىل سۈرەتكە ئالدى، كۆمېدىيىلىك ھېكايە فىلىم « بويتاقلار ئائىلىسى »نىڭ ئوپېرتور مەسلىھەتچىلىكىنى ئۇتىدى. ئۇ سۈرەتكە ئالغان فىلىملەر  ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . بولۇپمۇ  « رەنانىڭ تويى»،« بەخت ناخشىسى » قاتارلىق ئىككى فىلىم  مەملىكەت ئىچى ۋە  سىرتىدا قويۇلۇپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى ، بۇ فىلىملەرنىڭ ئىجتىمائىي  ئۈنۈمىمۈ، ئىقتىسادى ئۈنۈمىمۈ كۆرۈنەرلىك بولدى.
   ئۇزۇن يىللىق ئوپېرتورلۇق خىزمىتى داۋامىدا خالىقجان سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز  مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، فىلىملەرنى سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا فىلىمنىڭ كۆرۈنۈش
تەلىپىگە ئاساسەن قۇرۇلما ۋە نۇرنى بىر ياقىلىق قىلىش جەھەتتە ،چىنلىق بىلەن يالغاننى بىرلەشتۈرۈش  جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ ،كۆرۈنۈش ئىچى ۋە سىرتىدىكى  مەنزىرىنى چىراغدىكى نۇر ، رەڭدار نۇرلارنى ، كۆلەڭگىنىڭ موناسىۋىتىنى ئەتراپلىق بىر ياقلىق قىلىپلا قالماي  ،يەنە نۇر دېغى، يورۇقلۇقنى تەڭشەپ يورۇقلۇق  بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش
سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسى  مۇۋاپىق ،يۈرەكلىك ھالدا ئۆزگەرتىپ  فىلىمنىڭ بەدىئىيلىكنى ،ئېكىران ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھىپە قوشتى . ئۇ 40 نەچچە يىللىق ئوپېرتورلۇق  ھاياتىدا ياش ئوپېرتورلارنى تەربىيىلەشكە  ،يېتەكلەشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى . ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل ئوپېرتورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش جەرياندا توپلىغان قىممەتلىك  تەجىربىلىرىنى قىلچىمۇ ئايىماي ئۇلارغا ئۆگەتتى ،ئۇنىڭ شاگىرتىنىڭ كۆپ قىسىمى ھازىر مۇستەقىل فىلىم سۈرەتكە ئالالايدىغان بولدى .
   خالىقجان ياقۇپ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ، دائىمىي ئەزاسى تۇرغان مەزگىللەردە كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ مىللىي كىنوچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ،ئۇنى مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا يۈزلەندۈرۈش ، پارتىيىنىڭ مىللىي كىنوچىلىققا ئېتىبار بېرىش  سىياسىتىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ، تەكلىپلىرنى بېرىپ ، ئەزالىق  ھۇقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزگەن ئىدى.
   خالىقجانىڭ ۋاپاتى  شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق  ئىشلىرى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش ، ئۇنىڭ تۆھپىسى  ئۇ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان كىنو فىلملەر بىلەن مەڭگۈ تارىخ بېتىدە ۋە خەلق قەلبىدە ساقلىنىدۇ.  

كىنو تەرجىمە سېپىدىكى تۇنجى ئەۋلاد تۆھپىكار  _  ئەخمەتجان مامۇت
ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ كىنو فىلىم تەرجىمە ئىشلىرىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان ، ئېكران كەينىدىكى تۆھپىكارلار ئىچىدە شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئەۋلاد  تەرجىمە فىلىم ئاۋاز ئارتىسلىردىن  بىرى بولغان يولداش ئەخمەتچان مامۇت ئۆز تۆ ھپىسى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
   ئۇ 1954 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە كىنو ساھەسىدە، جۈملىدىن 1958 - يىلىدىن باشلاپ  ھازىرغىچە 36 يىل تەرجىمە فىلىملىرىگە ئاۋاز بېرىش سېپىدە ھارماي - تالماي جەڭ قىلىپ كەلدى .
   ئەخمەتچان مامۇت 1936 - يىلى قەشقەرنىڭ ئوپالدا  تۇغۇلغان 1948 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرىپ ، 1951 - يىلى 1- ئايدا  مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ « جەنۇبىي تىيانشان گېزىتى » ( ھازىرىقى « قەشقەر گېزىتى ») ئىدارىسىگە نابورجىك بولۇپ كىرگەن . 1954 - يىلى گۇما  ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا  ئالتە ئاي خىزمەت قىلىپ ، كېيىن گۇما ناھىيىلىك كىنوخانىدا مېخانىك بولغان . 1956 -يىلى ئۈرۈمچىگە كىنو مېخانىكلىرىنى تەربىيىلەش كۇرىسىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا كېلىپ ، شۇ مەزگىلدە ئېچىلغان كىنو ئاكتيورلىرىنى يېتىشتۈرۈش  كۇرىسىدا ئوقۇغان .1957 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاكتيورلار كۇرسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دراما  ئۆمىكىگە  تەقسىملىنىپ ، شۇ يىللاردا ئوينالغان « غىرىپ -سەنەم » درامىسىدا ئابدۇللا شاتىرى  رولىنى ئويناپ چىققاندىن سىرت ، يەنە «غۇنچەم »، « گۈلنىسا»، « ئارشىن - مال ئالان » درامىلىرى ۋە شېكىسپىرنىڭ « گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق» دېگەن درامىسىدا رول ئالغان . 1958 - يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ كىنو ستۇدىيىسى  (ھازىرقى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ) گە يۆتكىلىپ ،شاڭخەي  تەرجىمە  كىنۇ ستۇدىيىسىگە  ئۈچ يىللىق ئوقۇشقا بارغان .
   ئەخمەتچان مامۇتنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كىنولارغا ئاۋاز بېرىش  ھاياتى مانا مۇشۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشلانغان بولۇپ شاڭخەيدە ئوقۇغان مەزگىلدە ، ئەڭ بۇرۇب ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلنىغان « دېڭىز ئەرۋا ھى »، « پارتىيە قىزى »، « خىيسەن تېغىدىكى زەربىدارلىق ئۇرۇشى »، « ليۇباۋدىكى ھېكايە »، « نەيلىك ناخشا » ، « تۈرمىدىكى غەزەپ ئوتى»، « يېرىم كېچىدىكى سوغۇق » ، « جىمجىت ئورمانلىق »،  « تۆمۇر يول پارتىزانلىرى » ، « ئۇچقۇچىلار مۇسابىقىسى »قاتارلىق ئون فىلىمىگە ئاۋاز بېرىشكە  قاتنىشىپ ، بۇ فىلىملەردە باش رول ۋە ئاساسىي روللارغا ئارۋاز بەرگەن . غەيرەت  - شىجائىتى تازا ئۇرغۇپ تورغان  ،يەنىمۇ كۆپلىگەن فىلىملەرگە ئاۋاز بېرىش ئالدىدا تۇرغاندا ، شۇ ۋاقىتتا مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ  بېرىلىۋاتقان ،بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ  كەلگەن سىياسىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن ، كەسىپداشلىرى  بىلەن بىللە شىنجاڭغا سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن قايتۇرۇپ كېلىنگەن.ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن. 1958- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ باشتىن - ئاخىرى  تەڭرىتاغ كىنو ستۇديىسىنىڭ تەرجىمە فىلىم بۆلۈمىدە  ئىشلەپ ، 1996 - يىلى 1 -دەرىجىلىك ئارتىس ئۇنۋانى بىلەن دەم ئېلىشقا چىقتى .
   ئۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان « قەھرىمانىڭ جاسارىتى » فىلىمىدە ئازادلىق ئارمىيە رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زىڭتەي، « مەڭگۈ ئۈزۈلمەس رادىئو دۇلقۇنى» فىلىمىدە  پارتىيىمىزنىڭ يەرئاستى رادىستى لى شيا، « خۇيزۇ خەلق قوشۇنى » دا باش قە ھرىمان مابىنزەي،  « قىزىل ئاياللار قوشۇنى » دا خوڭ چاڭچىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئاۋازىنى بىرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى . 1965 -يىلى زاڭزۇلار تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن ھېكايە فىلىم « نوڭنۇلار » دا ئۇنىڭغا ئەكسىيەتچى لاما تۇدىڭ گېگەننىڭ ئاۋازىنى  بېرىش تەقسىم قىلىندى . بۇ ئۇ شۇ چاغقىچە تۇنجى قېتىم يولۇققان، چۈشىنىش تەس بولغان بىر پېرسوناژ ئاۋازى ئىدى . « بۇددا دىنى را ھىبلىرنىڭ خاراكتېرنى قانداق ئېچىپ بىرىش، ھېسىسىياتىنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك ؟ ئۇنىڭ ئالدىغا باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بولۇپ قويۇلدى . بۇ چاغدا ئۇ دەر ھاللا داڭلىق كومېدىيە ئارتىس ئەمەت ئۆمەرنىڭ ئېسىگە ئېلىپ ، بۇ پېشقەدەم ئۇستازدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ باردى .  ئەمەت ئۆمەر ئۇنىڭغا خارەكتېر يارىتىش جەھەتتىكى  تەجرىبىلىرنى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ بەرگەندىن سىرت ، جەمئىيەتتىكى دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەرىكىتنى كۆزىتىشنى تەۋسىيە قىلدى ، ئەخمەتچان مامۇت بۇ پېشقەدەم ئارتىسنىڭ كۆرسەتكىنى بۇيىچە جەمئىيەتنى ئارىلاپ ،ئاخىر بۇ فىلىمدىكى ئەكسىيەتچى لامانىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەردى .
   ئاپەتلىك ئون يىلدا  ئۇمۇ زىيانكەشلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ رىيازەت چەكتى.
   1976 - يىلىدىن كېيىن  ئۇ ئاۋاز بېرش زالىغا قايتىدىن كىرىپ ، « ئىگىلىك يارىتىش»، « دوختۇ بېتيۇن» ، « قارا ئۈچ بۈرجەك » قاتارلىق نۇرغۇن فىلىملەرگە ئاۋاز بەردى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ «سەرگەردان »فىلىمىدىكى راگونات ،يۇگۇسلاۋىيە فىلىمى  « كۆۋرۈك » تىكى پارتىزانلار باشلىقى يولۋاسقا بەرگەن ئاۋازى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇلدى
    ئەخمەتچان مامۇت 1981 - يىلدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا  ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان فىلىمىلەرنىڭ رېژىسسورى بولۇپ ئۆزى بىۋاسىتە « تويلىشىش سۈرىتى » ، « تۇمانلىق شەھەر »،  «پەۋقۇلئادە سالاھىيەتلىك ساقچى ئەمەلدار »، « شىجياجۇاڭنى ئازاد قىلىش »، « مەخپىي بۆلۈم ھەرىكەتتە»، « يېشىل ياقۇتلۇق تۇمار» ، « ھىجران يېشى» ، « فاڭ شىيۈي» ، «تەييار تاپنىڭ يېڭى تەرجىمىھالى»، « جىنايەتنىڭ باش - ئاخىرى »، « (فرانسىيىنىڭ) ، « ئالتۇن قازغۇچىلار پىرى» ، «خىسلەتلىك ئۆرمە چاچ »، « تىنچسىز قۇمباغ » ، « شياۋلىن  ئۆسمۈرلەر گۇمپىسى » ، « ئالوڭنىڭ قانلىق ئېلىشىشى» قاتارلىق 60 قا يېقىن فىلىمنىڭ ئاۋاز رېژىسسورلۇقىنى ئۆتىدى ۋە مۇھىم روللارغا ئاۋاز بەردى
   ئۇنىڭدىن باشقا  ئۇ يەنە ئېكرانغا يۈزلىنىپ ، «ئىككى ئەۋلاد»،  يىراقتىكى ئۇچقۇنلار »، « يول باشلغۇچى»، « غىرىپ - سەنەم »، « تىنچسىز قۇمباغ »، ئېمىي كىنو ستۇىيىسى ئىشلىگە تۆت قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « جەسەت ساندۇقنىڭ سىرى» قاتارلىق كىنو  تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالدى
   ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان  «تەييار تاپنىڭ يېڭى تەرجىمىھالى» فىلىمى 1985 - يىلى سېنتەبىردە ئاپتونوم رايون بويىچە ئېچىلغان « ئاز سانىلق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكىتىپ ، ئىلغار شەخىسلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەرجىمە فىلىملەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى »دا مۇنەۋۋەر تەرجىمە  فىلىمى مۇكاپاتىغا ، ئۆزى ئىلغار شەخىس مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى .
   شىنجاڭ كىنو فىلىم تەرجىمە  سېپىدىكى تۇنجى ئەۋلاد تۆھپىكار ھېسابلانغان ئەخمەتچان مامۇت 1958 - يىلىدىن 1996 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر 500 دىن ئارتۇق فىلىمگە ئاۋاز بېرىپ ، شىنجاڭ كىنو تەرجىمىچىلىكى  ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى ، ئۇ  ھازىر  گەرچە سالامەتلىكى  دېگەندەك  ياخشى بولمىسىمۇ ، يەنىلا كىنو تەرجىمە  خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە .
   ئۇ ھازىر جۇڭگو كىنوچىلار  جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،   جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ  ھەيئەت ئەزاسى 1- دەرىجىلىك تەرجىمە فىلىم رېژىسسورى

ساقلىۋالغان ئىدىم
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:56, Processed in 0.151768 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش