- تىزىملاتقان
- 2012-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2894
- نادىر
- 0
- تېما
- 67
- يازما
- 172
  
- يوقلىما
- 110
قىزغىنلىق- 749 سەر
تىللا- 46 دانە
تۆھپە- 441 سەر
شۆھرەت- 737 سەر
  
| ئانا-ئايال جىنىسنىڭ پەرزەنت تىلىدىكى مۇبارەك نامى بولۇپ، ئەر تىلىدىكى سۆيۈملۈك نامى خوتۇندۇر. قىز، سىڭىل، كېلىن، قېينانا، ئانا ۋە خوتۇن ئايال جىنىسنىڭ ھەرقايسى ھالەتلىرىدە، ھەر خىل ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى شەرتلىك ئاتىلىشى. *** ئاتا ئالەمدىن ئۆتكەندە ئائىلىدە ئاتىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنىمۇ ئۈستىگە قوشۇپ ئالغان ۋە مۇنەۋۋەر پەرزەنت تەربىيەلىگەن ئانا- ئومۇم ھۆرمىتىگە لايىق ھەقىقى قەھرىمان ئانىدۇر. *** ئانىنىڭ ئانا تىلنى خارلىشى، ئانىلىق بۇرچىنى خارلىشى، خوتۇننىڭ خوتۇنلۇق گۈلشىنىنى تىكەنزارغا ئايلاندۇرىشى پەيدا قىلىدىغان ھالاكەتتىن بەتتەر يەنە نىمە بولۇشى مۈمكىن؟! ھەرقانداق ئائىلە ، ئۆز نەسلىنىڭ كەلگۈسى پەزىلىتى، ئىپپەت- نومۇسىنى، ئۇنىڭدىن شۆھرەتلىك كىشىلەر چىقىشىنى خالىسا؛ ھەرقانداق مىللەت، ئۆز ئەۋلادىنىڭ كەلگۈسى كاپالىتى، مەدەنىيىتى، تۆھپىكارلىقىنى ئارزۇ قىلسا، ئاياللار تەربىيەسىنى ئۇنىڭ كىچىككىنە ئويناق ۋە ئوماق قىز ۋاقتىدىن باشلاپ بىرىنجى ئورۇنغا قويۇشى ۋە بۇ جەھەتتە ئايرىم قۇرۇلما، تەربىيە ۋە مەبلەغ ئاجرىتىشى لازىم. گۈللەنگەندەك كۆرۈنسىمۇ، پەقەت كىيىنىش-تارىنىش ۋە ئويۇن-كۈلكىنى ھايات مىلودىيەسى قىلىۋالغان مىلتونلىغان قىزلارنى قوينىدا تۇتۇپ تۇرغان مىللەت، مامىكاپتەك ئايىغى گۈلسىز، مىۋىسىز قىسمەتكە يۈزلەنگەن مىللەتتۇر. خەلقنىڭ ‹‹ قازىنىڭنىڭ قاينىشىغا باق، بالاڭنىڭ ئوينىشىغا ›› دىگەن تەمسىل- ماقالى، ئەۋلادنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئەھۋالى كەلگۈسىنىڭ بارومېتىرى ئىكەنلىگىنى ئەسلىتىدۇ. *** ئانا- ئايال جىنىسنى قەدىرلەش ئويغانغان، مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان مىللەتنىڭ دائىمىي مېلودىيەسى. *** ئاتا- نوقۇل يىگىتلىكتىن ئائىلىلىك بولۇپ پەرزەنت دىدارى كۆرۈش بولماستىن، ئۇ يۈكسەك ئاڭ ۋە مەجبۇرۇيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەنىدىكى ئىبارە. دەرۋەقە، پەرزەنت تېپىش، پەرزەنتكە ئاتا بولۇش قىيىن ئەمەس، ئەمما پەرزەنتكە ئاتىلىق قىلماق قىيىن. *** ئاتا، ئالدى بىلەن ئائىلە تەركىبىدىكى ئاساسلىق ئەزانىڭ بىرى بولغان ‹‹ ئەر ›› دىن ئىبارەت. خوتۇنسىز ئائىلە ۋە ئەرسىز ئائىلە تولۇق بولمىغان ئائىلە. ئەمما، بۇ ئىككى جىنىسنىڭ قايسىبىرى بولمىغان ئائىلىنىڭ يوقتىن پەيدا بولىشىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئەر-ئايال بىر ئائىلە ئۈچۈن مەنپىي-مۇسبەت ئۇل، بوم ۋە زىل ئىككى تارا بولۇپ، ئۇنىڭسڭز ناۋا ساداسى چىقمايدۇ. *** ياخشى ئاتا بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئەر بولۇش شەرت. ياخشى ئەر بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئەركەك-ياخشى ئىنسان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، ھەممە ئەركەكلەر ئۇلار ئارزۇ قىلغاندەك ياخشى ئەر ۋە ياخشى ئاتا بولۇشى ناتايىن. *** ئاتا- ئائىلە، خوتۇن، پەرزەنتنىڭ غەمگۇزارى. ئۇنىڭ تومۇرىدا قان، خىيال - زېھنىدە پەرزەنت تەلپۈنىدۇ. ئاتىلىق مېھرى ئاتىغا خاس تەلەپ، پىكىر- تۇيغۇ، چىدام بىلەن يۇغۇرۇلغان شەپقەت ۋە مۇھەببەت بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئانىلىق مېھرىنىلا تەڭلەشتۈرۈش مۈمكىن. ئاتىلىق مېھرى سۈكۈتچان، جىم-بىزۇۋان، زېھىندار شۇنداق مېھىر-مۇھەببەتكى، ئۇ كۆز يېشى ئېقىپ يېنىپ تۇرىدىغان شامغا ئەمەس، بەلكى مەشئەلگە ئوخشاپ كېتىدۇ. *** ئاتا- مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى. ئاڭلىق ۋە ۋىجدانلىق ئەركەكمىللەتكە، جەمئىيەتكە، تەرەققىياتقا كەينىنى قىلىۋالغان ئەر بولماستىن ، ئۇ ئائىلە ھۈجەيرىسىدە جەمئىيەت بەختىنى، پەرزەنت گەۋدىسىدە مىللەت كېلەچىكىنى ئۆستۈرگۈچى باغۋەندۇر.ئۇ ئەمگىگى، ئىجادىيىتى، جەڭلەردىكى جاسارىتى، ئەقىل ھېسسىياتى، تەدبىر-چارە ۋە يۈرۈش- تۇرۇشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپ ئىنسانپەرۋەرلىگىنى بەجا كەلتۈرىدۇ. *** كۈيئوغۇلغا ئۇنىڭ ئىجدىمائىي ئورنى ۋە ئىقتىسادىي كىرىمى بوىچە، كېلىنگە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىجدىمائىي تەسىرى بويىچە قاراش، ئادەتتىكى ئەھۋالدا كېلىننىڭ ئۆز ئوغلى بىلەن تولىمۇ يېقىن بولۇپ كېتىشىگە قىيماسلىق، كېلىنىنى ئۆز قىزىدىن تۈپتىن باشقىچە بىر خىل پوزىتسىيەدە كۆزىتىش، ئىشقا سېلىش، باھالاش، كەچۈرمەسلىك، گەك ساقلاش ئانىلاردا بىر قەدەر كەڭ ساقلانغان ، ئەنئەنە ھالىتىنى ئالغان ناتوغرا ئاڭ ۋە روھىيەتتۇر. *** ئانا ئۇلۇغ مۇرەببىي. ئۇ ھەتتا ئەرنىمۇ، ئائىلىنىمۇ تۈزەشكە قابىل ئىكەن، پەرزەنتلەرنىمۇ مەدەنىيەتلىك قىلىپ تەربىيىلەيدۇ. ئەكسى ھالدا ئۇ ئەرنى يەر قىلىدۇ، پەرزەنتنى خار قىلىدۇ، ئائىلىنى مەرھەمەتسىز، بەرىكەتسىز ۋە ئىززەتسىز كۈلبىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنداق ئانىلار ناھايىتى قېرىپ كەتكەندىمۇ داۋاملىق نەپرەت ۋە كۈلپەت پەيدا قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. *** ئالەمدە ئانىدىنمۇ مۇقەددەس، پاك ۋە تاقەتلىك؛ ئانىدىنمۇ يۈكسەك، ئاق دىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم.ئۇ ھايات زەنجىرىنىڭ ھالقىسى. شەپقەت ئىلاھلىرى ئىستىقامەت ۋە ئىلتىجا، ھەمدۇسانا ۋە مۇناجات تەلەپ قىلىدۇ. ئانا- بالا ئارزۇسىغا ئاشىق بولغان، ئۆز قارنىدا پەرزەنت تۆرەلمىسىنى قان ۋە ھايات جەۋھىرى بىلەن تەييارلىغان، ھاياتلىق سەلتەنىتى بولغان بالىنى ئۆز ھاياتىدىن ئەتىۋار بىلىپ بىشىدا كۆتۈرۈپ ئۆستۈرگەن ، پۈتۈن ئەقىل ئەندىشىسىنى پەرزەنت ئۈچۈن سەرىپ قىلغان، ئۆزىنىڭ نادان ئوغلىنى ياكى تەنتەك قىزىنى تەڭدىشى يوق ئىشتىياق بىلەن ھەمىشە سۆيگەن، ئۇنىڭ تۈپەيلى ۋاپاسىز مەھبۇبىنىڭ ئازاپ ۋە ئېغىرچىلىقىنى كەچۈرۈپ، ھايات چاڭگىسى بولغان ئائىلىنى جانلاندۇرغان ئەجىرلىك ۋە مىننەتسىز ئىلاھ. *** ئانا ! سەن كۆكسى كەڭ، ئۈمۈدى پاك، قەلبى ئىللىق، تاقىتى تولۇق، ئۇلۇغ شەپقەت ئىلاھى. سەنسىز ئالەم چاقى ئۇچۇپ كەتكەن ھارچا، ئەقلى كۆتۈرۈلگەن دانا، ھاۋا قاپچىسىدىن ئايرىلغان بېلىق، قانائەتسىز بۈركۈتتەك قىيا-چىيالىق قىيامەتكە بەند بولغان بولاتتى. مەن ئايال جىنسىنى ئىززەتلەيمەن. شەپقەت ئىلاھىنى خاتىرىلە. ئۇنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمە.ئۇنى ئۇلۇغ قىلغان نەرسە قان ئەمەس ، ئوتلۇق مۇھەببەت! |
|