- تىزىملاتقان
- 2011-10-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 10232
- نادىر
- 0
- تېما
- 132
- يازما
- 976
 
- يوقلىما
- 285
قىزغىنلىق- 2696 سەر
تىللا- 1161 دانە
تۆھپە- 1295 سەر
شۆھرەت- 1408 سەر
     
| تۇزنى ئادەتتە كىشىلەر تاماقنىڭ تەمىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك رولىمۇ بار.
1. ئاياغ ئىچىگە ئازراق تۇز چېچىپ قويسا، پۇتتىكى تەرنى قۇرىتىدۇ ھەم سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ.
2. سوغۇق سۇغا تۇز سېلىپ ئۆيگە قويۇپ قويسا، ئۆيدىكى سىرنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.
3. كىيىم يۇيغاندا ئازراق تۇز قوشۇۋەتسە، كىيىمنى پاكىز ھەم يېڭى قىلىدۇ.
4. ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازىلىرىنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ بەرسە، ئۇنى پۇختا ھەم كۆركەم قىلىدۇ.
5. يۇندا چۈشۈرگۈچكە تۇزلۇق سۇ قۇيۇپ قويسا، ئۇنىڭدىكى مەينەتلەرنى تازىلاپ، پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
6. مېتال قاچا-قۇچىلارنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ تۇرسا ،دات باسمايدۇ.
7. بېلىق باققان سۇغا ئازراق تۇز قۇيۇپ قويسا، بېلىقلار تېخىمۇ جانلىق ھەم ساغلام بولىدۇ.
8. چاقچۇق ۋە ئەينەك بۇيۇملارنى تۇز سۈيىدە قاينىتىۋەتسە، ئاسان چېقىلىپ كەتمەيدۇ. |
|