بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلاردىن كۈتىدىغىنى.
1.مېنىڭ قولۇم بەك كىچىك، مېنىڭ ھەممە جەھەتتە مۇكەممەل بولۇشۇمنى تەلەپ قىلماڭ. مېنىڭ پۇتۇم بەك قىسقا، مېنىڭ يېتىشىپ مېڭىشىم ئۈچۈن ئاستىراق مېڭىڭ. 2.مېنىڭ كۆزۈم سىزنىڭكىدەك تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى كۆرمىگەن. بەزى ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ ئاستا-ئاستا كۆزىتىپ بىلىشىمگە يول قويۇڭ. ماڭا ئارتۇقچە چەك قويۇۋالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. 3.ئۆي ئىشلىرى ھامان تۈگىمەيدۇ. بىراق مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم ئىنتايىن قىسقا. ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا جاھاندىكى ئاجايىپ ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بېرىڭ. مېنى پەقەت كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرمەڭ. 4.مەن ئىنتايىن نازۇك، مېنىڭ ئىنكاسىمغا سەزگۈررەك بولۇڭ. ئەتىدىن-كەچكىچە ئەيىبلەپلا يۈرمەڭ. مېنىڭ ئۆزىڭىز بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىڭ. 5.مەن تەڭرى سىزگە ئاتا قىلغان ئالاھىدە سوۋغات. مېنى ئاسراڭ، قۇچاقلىغان ۋاقتىڭىزدا ئىش ھەرىكەتلىرىمگە قارىتا داۋاملىق تەربىيە قىلىپ تۇرۇڭ. نېمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشۈم كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. باشقىلارغا ئەدەپ-قائىدە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىڭ. 6.مەن سىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلھام بېرىشىڭىزغا موھتاج، مېنى دائىم سۈرلۈك قىياپەتتە تەنقىد قىلىپ تەھدىت سالماڭ. مېنىڭ ئۆزۈمنى ئەمەس، قىلغان ئىشىمنى تەنقىدلەشنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. 7.ماڭا ئازراق ئەركىنلىك بېرىڭ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئۆزۈمنىڭ قارار چىقىرىشغا يول قويۇڭ. ئاز-تولا خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمگە ياكى مەغلۇپ بولۇشۇمغا، سادىر قىلغان خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ. تۇرمۇش يولۇمنى ھامان بىر كۈنى ئۆزۈم خالىغانچە بېكىتىمەن. 8.بىر ئىشنى داۋاملىق قايتا قىلىشقا بۇيرۇماڭ. ئىش قىلىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىمەن، مېنى ئاكا-ھەدىلىرىم بىلەن سېلىشتۇرماڭ. 9.سىز بىلەن بىللە دەم ئېلىشقا بېرىشىمدىن قورقماڭ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئارقىلىق خوشاللىققا ئېرىشكەنگە ئوخشاش، بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىدىن خوشاللىق ئىستەشكە موھتاج.
مەنبەسى: تەرمىلەر
|