- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 16792
- نادىر
- 12
- تېما
- 382
- يازما
- 1534
 
- يوقلىما
- 228
قىزغىنلىق- 4382 سەر
تىللا- 1182 دانە
تۆھپە- 2413 سەر
شۆھرەت- 2839 سەر
          
| مۇكاپاتلىق تېپىشماق(2)

 تېنچ ئوكياننىڭ غەربى قىرغىقى، يەنى جۇڭگۇنىڭ شەرقى دېڭىز بۇيىدىكى گۈزەل بىر ئورمانلىقتا بىر قۇشلار پادىشاھلىقى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك، ئوزۇق-تۈلۈگى ناھايىتى مول بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سانىمۇ كۆپ، تەن ساغلاملىقىمۇ ياخشى ئىكەن. ئۇلار شۇنداق خوشال ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئەتىگەندە، قۇشلار توپىنىڭ ئاتامانى تۇيۇقسىز ئۆز تەۋەلىكىدىكى بارلىق قۇشلارنى دېڭىز بويىغا يىغىپ، مۇنداق پەرمان جاكالاپتۇ: _ پۇخرالىرىم، بىز بۇ زىمىندا كۈنلىرىمىز خۇشال، ئوزۇق-تۈلۈكىمىز مول، ناھايىتى بەختىيار ياشاۋاتىمىز، قەۋمىمىز نەچچە مىليوندىن ئاشتى، ياشلىرىمىز ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە تولدى. بۇنداق يەپ، يېتىپ، ئويناپ يۈرسەكمۇ بولماس، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۇ يىل ئۇچۇرۇم بولغان ياشلىرىمىزنى بىر مۇسابىقىگە تەشكىللىمەكچى. مۇسابىقە شەرتى: مۇشۇ زىمىنىمىزدىن ئۇچۇپ، تېنچ ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، قارشى قىرغاقتىكى ئامىرىكا قىتئەسىگە ساق-سالامەت ئۇچۇپ بېرىش، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققانلار كاتتا شان-شەرەپ ۋە ماددى بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلانغاندىن سىرت، ئۇرۇق-جەمەتىگە 100 مو ئورمانلىق سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلىدۇ. مەن بۇ ئۇزۇن مۇساپىگە كېتەرلىك تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ، بۇ يەرگە تەييارلاپ قويدۇم، ماھىرلىرىمىز ئۆلىرى خالىغىنىنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇچسا بۇلىدۇ دەپتۇ-دە، _ تەييارلاپ قويغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىپتۇ.
A. ئايرىم-ئايرىم قاچىلانغان نەچچە يۈز خالتا قۇرۇت، B. ئايرىم-ئايرىم قاچىلانغان نەچچە يۈز خالتا بېلىجان، C. نەچچە يۈز تال قۇرۇق شاخ.
بۇ يىل ئۇچۇرۇم بولغان نەچچە مىڭ قۇش چۇرۇقلىشىپ، بۇ تەييارلىقلار ئارىسىدىن بىردىن نەرسىنى تاللاپ ئېلىپ، يىراق سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئارىدىن ساق بىر ئاي ئۆتكەندە بىر قۇش تېنچ ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ئامېرىكا قىتئەسىگە ساق-سالامەت قونۇپتۇ. سۇئال: بۇ قۇش ھېلىقى بىر ئۈچ نەرسىنىڭ قايسىسىنى تاللىغان؟ بۇ بىر ئايلىق سەپەردە تېنچ ئوكياندىن قانداق ئۆتتى؟!! بۇ سۇئاللارغا باشقىلارنى قايىل قىلارلىق ھالدا جاۋاپ بەرگەن تۇنجى تورداشقا 5 تىللا مۇكاپات بېرىلىدۇ!
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 06:26
|
|