پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 204|ئىنكاس: 8

ئايرىمخانا قىزلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 21:46:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئايرىمخانا قىزلىرى

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

قېنى قەدىر-قىممىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
قېنى ئىززەت-ھۆرمىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
قېنى ئېسىل خىسلىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
قېنى نومۇس-ئىپپىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
قېنى غۇرۇر، شۆھرىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟

كىم ئىدىڭ سەن تارىختا، ئۇنۇتتۇڭمۇ ئەسلىڭىنى؟
قۇرۇتتۇڭمۇ نەفىسە، نۇزۇگۇمدەك نەسلىڭنى؟
ئۇيغۇر قىزى دىسەمدىم كۆرۈپ گۈلدەك ۋەسلىڭنى،
بىلمىدىڭ ئاھ، چەيلىدى كىملەر باھارپەسلىڭنى؟
بولدى ئىبلىس ئۈلپىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى..

ئانىلارنىڭ قەلبىدەك پاكىز ئىدى بۇ تۇپراق،
ئوغۇز سۈتى پۇرايتتى چاچسا ھەر گۈل خۇشپۇراق،
ئەجدادىمىز ئاسرىغان بولۇپ ئاڭا كۆزقاراق،
بۇلغىدىڭسەن،  ۋىجدانىم ياغدۇرىدۇ مىڭ سوراق،
تەقدىر ئەمەس قىسمىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

چىقىپ كەتتىڭ ئۆيۈڭدىن كىرىپ تۇيۇق يولغا سەن،
تاشلاپ ئاتا-ئاناڭنى بۇزۇلغاچقا پۇلغا سەن،
خوجايىنىڭ ئالدىدا ئايلاندىڭغۇ قۇلغا سەن،
ماڭالمايسەن ئوڭغا بىر ۋە يا ئەمدى سولغاسەن،
قۇللۇق بولدى خىزمىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

«رېستۇران»دەپ چىرايلىق ۋىۋىسكىغا باقتىڭسەن،
بىر شەرمەندە، ۋىجدانسىز خوجايىنغا ياقتىڭسەن،
نەسىھەتكە توختىماي پەشلىرىڭنى قاقتىڭسەن،
كالتە ئىشتان، قىزىل چاچ كوچىلاردا ئاقتىڭسەن،
بازار تاپتى ئىشرىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

تالاي سەبى قىزلارنى ئالداپ ساتتىڭ شەيتانغا،
ئانا ئىدى ئۇلارمۇ ئوغۇز، سۇتۇق سۇلتانغا،
باقار ئىدۇق ئۇلارنىڭ كۆزىدە بىزجاھانغا،
قان يىغلىدى يۈرەكلەر يەتمەي ئارزۇ-ئارمانغا،
شۇمۇ بىزگە ھىممىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى..؟!.

ھەمراھ بولۇپ بايۋەچچە، كاتتىلارغا كۈندە سەن،
يېشىل چىراق ياندۇردۇڭ بوسۇغاڭدا تۈندە سەن،
كوچىلارنى بىر ئالدىڭ، سەت، چىقىراق ئۈندە سەن،
يۈزىمىزگە ياق! دىلغا چاچتىڭ شۇنداق يۇنداسەن،
يۇقتى رەزىل ئىللىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

ئاتاڭ شەربەت ئىچكەنتى، سەن ئوتلۇدۇڭ زەھەرنى،
ئاناڭ دەملەپ چاي بەرگەن بېسىپ كەلسەڭ سەپەرنى،
چەكتىڭ، ئىچتىڭ ئاھ، ئەجەپ تاشقا ئۇردۇڭ گۆھەرنى،
كىم ئۈگەتتى بىلەمسەن، ساڭا بۇ خۇي-ھۈنەرنى؟
ئۆلدى ئەردەك غەيرىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى
.
ئون بەش ياشلىق ئالۋاستى! ساتتىڭ خەخكە تېنىڭنى،
نومۇسۇڭنى ساتقىچە، ساتساڭ ئىدىڭ قېنىڭنى،
بارلىقىڭنى ساتساڭمۇ باقالمىدىڭ جېنىڭنى،
خوجايىنغا تۇتقازدىڭ ھەميىنىڭنى-يېنىڭنى،
دوزاق بولدى جەننىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

سۆيەر ئىدىڭ بالاڭنى، ئاغزىڭ سېنىڭ بۇلغاندى،
قۇچاقلاردىڭ ئاناڭنى، ئېسىت، تېنىڭ بۇلغاندى،
ئۇيغۇر دەيتىڭ ئۆزۈڭنى، ئەمدى قېنىڭ بۇلغاندى،
ئېلىپ سېنى تىلغا مەن، تىلىم مېنىڭ بۇلغاندى،
يەتتى ئەجەل مۆھلىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

توۋا دەيمەن، قولۇڭدا«تىجارەت»كە خېتىڭ بار،
بىراق، ئەلنىڭ ئاغزىدا پاھىشە دەپ ئېتىڭ بار،
ھايۋان كەبى ياشايسەن، ئوچۇق ساغرا-چېتىڭ بار،
لەنەت قىلساق تالايدۇ، بوسۇغاڭدا ئىتىڭ بار،
كاتتا سېنىڭ «قۇدرىتىڭ»، ئايرىمخانا قىزلىرى.

ئۇچرىغاننىڭ ئالدىنى كوچىدىلا تورايسەن،
رېستۇرانغا سۆرەيسەن، چۆنتىكىنى سورايسەن،
قۇچىقىغا تاشلىنىپ«ۋاي جېنىم»دەپ توۋلايسەن،
تىللىرىڭنى چىقىرىپ ئەمەس يەرنى شورايسەن،
رەسۋالىقىڭ دۆلىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

ئېلىپ كەلدىڭ خىروئىن، ئەيدىز ئاتلىق ۋابانى،
نامىمىزنى سېسىتتىڭ، بۇلغىۋەتتىڭ ھاۋانى،
مىڭ بىر تەشۋىش ئويۇمدا، بۇلغارسەنمۇ دۇنيانى؟
بەندىلەرنىڭ ئالدىدا تەڭقىس قىلدىڭ خۇدانى،
تۈگىشەرمۇ مىللىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى؟؟؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 21:47  

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئابلىمىت + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 10 تۆھپە + 10 شۆھرەت + 10  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 22:17:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا دوستۇم، سىزنىڭ ھەر بىر شېئىرىڭىز مېنى بەكلا سۆيۈندۈرىدۇ. ھەر بىر شېئىرىڭىز مەيلى تىل جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى پىكىرنىڭ راۋانلىقى جەھەتتە بولسۇن، مەيلى تەربىيىۋى ئەھمىيىتى جەھەتتە بولسۇن ھەر قانداق ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. رەخمەت سىزگە، قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي، ئېسىل شېئىرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 22:17  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 14:26:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئالاۋىدىن ئەپەندى،سىز ئۆزىڭىزنىڭ پاساھەتلىك ئۆتكۇر شىئىرلىرىڭىز بىلەن مۇنبىرىمىزگە تۆھپە قوشۇپ كىلىۋاتىسىز.رەھمەت سىزگە، مەنمۇ شائىرلىققا ھەۋەس باغلىغان ئادەممەن. شىئىرلىرىڭىز ماڭا بەك يارىدى، سىز بىلەن تونۇشۇپ پىكىر ئالماشتۇرسام دىگەن نىيەتتىمەن. قانداق قارايسىزكىن؟
ئىجاد قەلىمىڭىز ھارمىغاي.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 14:46:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ شېىرنى ئايرىمخانىنىڭ ئىچىگە كۆپەيتىپ چاپلاپ قويغان بولساق ، ئاشۇلارمۇ بىر كۆرگەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتىكەن . شېئىرىڭ بەك پاساھەتلىك بوپتۇ، داۋاملىق ئىلگىرىلىشىڭگە تىلەكداشمەن !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 20:10:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايىمخانا قىزلىرى ،كۈتەر ھەرخىل مىللەتنى،
يۇقتىرىدۇ ئۇلاردىن ،نىجىس ئەيدىز كېسەلنى .
بىرى بۇلۇپ ئىككى ،ئىككىسى ئۈچ ھەتتا مىڭ.
ئاقىۋەتتە نېمە بۇلار ئويلاپ باققىن ئۇيغۇر قىزلىرى.

قاملاشمىدى شېئر دىگەننى شائىر يازسا بولغۇدەك !

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 23:23:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى كەلتۈرۈپسىز خوشەن ئەپەندىم . ئالاھىدىن  ئاكىنىڭ تىلىنىڭ ساق بۇلىشىنى ھەر كۈنى تىلەيمەن . بۇ شېئىر نى بەكللا بەلەن يېزىپتۇ. ئەمىلىيەتچانلقى ئىنتايىن كۈشلۈككەن .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 1

قىزغىنلىق
129 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
98 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 20:52:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈرمەتلىك ئالاھىدىن ئەپەندىم،بۇشئېرڭىزنى ياخشى يېزىپسىز.مەزمۇنى بەك ياخشى بۇپـتۇ. سىزگە كۆپ رەخمەت. ا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 18:14:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
183 سەر
تىللا
12 دانە
تۆھپە
50 سەر
شۆھرەت
67 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 12:07:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى قامچىلاپسىز، بۇ نۇمۇسسىزلارنى، ھۆكۈمەتنىڭ كارى بولمىدى بۇخەق بىلەن.
مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش- مېنىڭ بۇرچۇم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 10:01, Processed in 0.146591 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش