پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 131|ئىنكاس: 5

خانىم قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 18:54:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خانىم قىز

(ساتېرا)

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

كىرىۋېلىپ«خانىم»لىق قىياپەتكە خانىم قىز،
داغ تەگكۈزۈپ ئۇستازلىق ئىناۋەتكە خانىم قىز،
تونۇلدىڭىز تۆت كۈندە جامائەتكە، خانىم قىز،
قۇلاق سېلىڭ ئەمدى بۇ ھېكايەتكە، خانىم قىز،
  نە ھېكايەت، بەلكى بىر شىكايەتكە خانىم قىز:

چىقمىدىمۇ خېرىدار، ساقايماپتۇ بېشىڭىز،
لىك-لىك قىلىپ تۇرىدۇ ئوسما قويغان قېشىڭىز،
پال-پال قىلىپ ھەم يەنە تۇرار دائىم تېشىڭىز،
قىياسىمچە، ئوتتۇزغا بېرىپ قاپتۇ يېشىڭىز،
يېتىپ قاپسىز قارىسام بالاغەتكە خانىم قىز.

بولۇپ سىزگە خىزمەتداش، نېمە دەرمەن يۈزۈمگە؟
«توۋا!»دېمەي ئامال يوق ياقا چىشلەپ ئۆزۈمگە،
كۆرۈندىڭىز بىر بۇزۇق پاھىشەدەك كۆزۈمگە،
رەنجىپ يۈرمەڭ ھەرگىزمۇ، «ئالا-جوقا» سۆزۈمگە،
تەنبىھ بېرەي سىزدەك بىر ھاماقەتكە خانىم قىز.

سىز كېلىپلا تۆت كۈندە كۇسۇر-كۇسۇر گەپ بولدى،
ئىشخانىنىڭ بۇلۇڭى سىزگە بەكمۇ ئەپ بولدى،
قۇچىقىغا بىراۋنىڭ تاشلانسىىڭىز«خەپ!»بولدى،
پېقىر سىزگە ياخشى گەپ-نەسىھەتنى دەپ بولدى،
تاقىتىڭىز تاق ئىكەن ئىشارەتكە خانىم قىز.

قىزارماسكەن يۈزىڭىز تەنىلەردىن،«غەيۋەت»تىن،
توختىماسكەن ئاغزىڭىز ھاياسى يوق سۆھبەتتىن،
قاراپ تۇرسا ئون ئادەم لەنەت ئوقۇپ بىر چەتتىن،
يوقكەن سىزدە زەررىچە قىزلىق نومۇس-ئىپپەتتىن،
لەنەت بولسۇن سىزدىكى«شىجائەت»كە خانىم قىز!

سىزدە تامبال دېگەننىڭ بېغى يوقكەن ئاڭلىسام،
يەنە كالتە ئىشتاننىڭ ئېغى يوقكەن ئاڭلىسام،
مۈشۈككەنسىز،«بەز»نىڭ كەم چېغى يوقكەن ئاڭلىسام،
سىزگە«گۆش»نىڭ سۆڭىكى، يېغى يوقكەن ئاڭلىسام،
ھەيران بولدۇم سىزدىكى «ماھارەت»كە خانىم قىز.

بىرلىرىگە موكىدەك چاپلىشىپسىز، ھەي ئېسىت،
ئەر-خوتۇنلۇق يولىغا قاپلىشىپسىز، ھەي ئېسىت،
ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ياتلىشىپسىز، ھەي ئېسىت،
ئىچىڭىزدىن سېسىپسىز-داتلىشىپسىز، ھەي ئېسىت،
شەرمەندىلىك يول ئېچىپ خىيانەتكە، خانىم قىز.

چىقتىڭىزكىن مۇنبەرگە قايسى يۈزنى كۆتۈرۈپ،
بالىلارنىڭ ئالدىدا شۇنچە سۆزنى كۆتۈرۈپ؟
باقماس سىزدەك پاسىققا ھېچكىم كۆزنى كۆتۈرۈپ!
بېرەرسىزكىن كىملەرگە ناننى-تۇزنى كۆتۈرۈپ،
قىلىپ شۇنداق خىيانەت«ئامانەت»كە خانىم قىز؟!

ئۇيالسىڭىز بولاتتى«خانىم»دېگەن ئاتاقتىن،
كۈندە ھەرخىل گەپ تاراپ ئىشخانىدىن، ياتاقتىن-
ئوچۇق كىندىك، مەيدە ھەم يەنە تېخى چاتراقتىن،
يۈزىمىزمۇ پوق بولدى سىز چاچراتقان شاتراقتىن،
بىزنى ئەجەپ قويدىڭىز ئاھانەتكە خانىم قىز.

خانىم ئەمەس، «مۇلازىم»بولۇڭ، ئىشنىڭ ئوڭى شۇ،
مېھمانساراي ئاچسىڭىز تىجارەتنىڭ چوڭى شۇ،
بايۋەچچىلەر ھەمراھتۇر، ئىڭرىشىڭىز مۇڭى شۇ،
سىزدىن كەتمەس دەسمايە، ئىشنىڭ بېشى-سوڭى شۇ،
رەسۋا بولۇپ كېتەرسىز قىيامەتكە خانىم قىز!....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 18:58  

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ئېسىل شېئىر.
umid0998 + 5 + 3 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!
admin + 5 + 2 + 2 + 2ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 13 تىللا + 8 تۆھپە + 10 شۆھرەت + 10  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
908 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 19:34:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوھۇ... ...ئىنسانلارنىڭ روھى ئىنجىنىرى، مەدىنىيەت ئانىسى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئارىسىغا يوشۇرنىۋالغان ماۋۇ ئېزىتقۇنى كۆرۈڭ... مەكتەپلەر بۇنداق ئىپلاسلاردىن خالى بولسۇن .... ئدەپ ۋە ئەخلاق ئىنسانلارغا مەڭگۈ يار بولسۇن...

سىزگە كۆپ رەخمەت،    ئالاھىدىن ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 19:36  

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 21:09:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ئالاھىدىن ئاكا يېقىندىن بىرى بايقاش مۇنبىرىگە ئۈزىڭىزنىڭ ئىجادىي بولغان يازمىللىرىڭىزنى يوللاپ مۇنبەر ئەھلىگە سۇنۇپ كىلىۋاتىسىز . سىز شىئېرلارنى ھەقىيقەتەن ياخشى يېزىپ قۇيىدىكەنسىز . بارىكاللا
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 14:33:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ئالاھىدىن ئەپەندى،
ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىغا چۇشكەن ئىنسان سىياق ھايۋانلارنى تازىمۇ ئوبدان ساۋاپسىز، مۇشۇ شىئىرنى ئاشۇنداقلار  بىر ئوقۇپ باقسا دەپ ئويلايمەن.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 15:00:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم خانىملىرىمىز ئارىسىدىكى كەسپى ئەخلاققا يات قىلمىشلار ناھايىتى ياخشى پاش قىلىنىپتۇ. بۇنداقلار بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىمۇ بار . بۇ شېئىر دەل ئەنە شۇنداقلارغا ياكى شۇنداق يولغا ماڭماقچى بولغانلارغا توقماق بولغۇسى!
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 14:35:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇنداق ئېسىل شېئىردىن بىرنى يوللاپسىز بۇرادەر، قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 10:07, Processed in 0.132645 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش