پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 102|ئىنكاس: 2

مۇسابىقە پائالىيىتى خۇلاسىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 16:28:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بايقاش ۋىلايىتىنىڭ 3-قېتىملىق مىللىي ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش مۇسابىقە پائالىيىتى خۇلاسىسى

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش گۇرۇپپىسىدىن: ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىلىك رەھبەرلەر ، ئۇستازلار كەسىپداشلار :
مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن گۇرۇپپىمىزنىڭ دەرىسخانا ئوقۇتۇش پائالىيتى بويىچە قىسقىچە خۇلاسىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن.
ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ۋىلايەتلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى رەھبەرلەرگە، تەتقىقاتچى يولداشلارغا، پائالىيەتنى قوللىغان قاغىلىق ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە قاغىلىق ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە پائالىيەت قاتناشچىلىرى نامىدىن رەھمەت ئىيتىمەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەريانىدا پائالىيەت قاتناشچىلىرىنى قىممەتلىك ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرى بىلەن مول تەربىيلىنىش ھاسىلاتىغا ئىگە قىلغان ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سىپىدىن كەلگەن ماھىرلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
1–ئاساسلىق تەجرىبىلەر
1.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭى دەرس ئىدىيسىدە زور بۇرۇلۇش بولغان. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ:
(1) ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئۆگىنىش پائالىيتىدە تۇتقان ئورنىدا باراۋەرلىك ئاساسى ئېقىمىغا ئايلانغان. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنى زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىغا يەڭگىللىك بىلەن سەل قاراش خاھىشى ئاساسەن تۈگىتىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار  ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئىزدىنىدىغان، بىرلىكتە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق تەرەققى قىلىدىغان يېڭىچە-ئىجادىي مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن. دەرسخانا دېموكراتىيىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش شەكلى كۆپ خىللىققا قاراپ يۈزلەنگەن.
(2) دەرسلىك بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ، دەرسلىك بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان، دەرسلىك بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتدە دەرسلىكتىكى مىخاينىك، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولمىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن بىلىش دائىرىسىدىن يىراق بولغان مەزمۇنلار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلنىپ، دەرسلىك ماتېرىيالىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى دەرسلىكنى چېقىلغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس دەستۇر دەپ تونۇيدىغان ئەنئەنىۋىي قاراشقا خاتىمە بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ، تۇرمۇش رىئاللىقىنىڭ ئارىلىقى زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرۇلغان. دەرسلىك بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە بولسا ئوقۇتقۇچىلار ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەشكە، ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىشكە، ئۆز بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەمەلى تۇرمۇش بىلىملىرىنى كۆپلەپ ئۆگىنىپ دەرسخانىغا قىيىن مەسىلىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئابىستىراكىت ئۇقۇملارنى تۇرمۇشلاشتۇرۇپ ئېلىپ كىرىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرگەن.
(3) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئىلھاملاندۇرۇشنى يادرۇ قىلغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش شەكلىدە بولسا كەچۈرمىشلىك ئۆگىنىش شەكلىنى ئاساسلىق ۋاستە قىلغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەنگەن.
(4) كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلاردا كۆپ مەنبەلىك دەرسلىك ئىدىيىسى تەدرىجى شەكىللەنگەن. يېزىقلىق دەرسلىك بىلەن ئۈن-سىن دەرسلىكلىرىدىن ئۇنۋېرسال پايدىلىنىش بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىكى بىر يارقىن نۇقتا.
(5) بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش، ئومۇمىيۈزلۈك يېتەكلەش بىلەن پەرقلىق يېتەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئۆگىنىش جەھەتتىكى پەرقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن دەرس لايىھىسى تۈزۈش ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان.
(6) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى باھالاش ئەندىزىسىدە زور بۇرۇلۇش بولغان. ئوقۇتقۇچىلار باھالاش بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى باھالاش زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن باھالاش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تەڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان جۇشقۇن، ئىناق دەرسخانا كەيپىياتى شەكىللەنگەن.
(7) كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش  ئېڭى يۇقىرى كۆتىرىلگەن.ئۇلار  دەرس بايلىقلىرىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالىنى تولۇقلاش، كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش جەھەتلەردىكى رولىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن.
2. ئوقۇتۇش نىشانىنى بېكىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە زور ئىلگىرلەش بولغان. بولۇپمۇ،  ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانىنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىدىكى ئورنى ۋە رولىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى «ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش» نى ئاساس قىلغان ھالدا لايىھىلەنگەن ۋە بېكىتىلگەن. يېڭى دەرس قارىشى بويىچە ئۈچ ئۆلچەملىك ئوقۇتۇش نىشانى ئىچىدە ھېسسيات،  پوزىتسىيە  ۋە  قىممەت قارىشى نىشانى بارلىق نىشان ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ يادورولۇق نىشان. بۇ نىشان تەكشۈرۈش قىيىن نىشان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئاسانلا سەل قارىلىدۇ. ھېسسىيات-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىش، ھەۋەس ۋە قىزغىنلىقنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، ھېسسىيات كەچۈرمىشى ۋە ئىچكى دۇنياسىنىڭ مول ئىكەنلىكىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ؛ پوزىتسىيە-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە ئىنتىلىش، ئۆگىنىشكە بولغان مەسئۇلىيىتىدە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدۋارلىق، ئالغا بېسىش، يۇقىرى ئۆرلەشتىكى پوزىتسىيىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ؛ قىممەت قارىشى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخس قىممىتى جەھەتتە، ھەم شەخس قىممىتى بىلەن ئىجتىمائىي قىممىتى، تەبىئىي قىممىتىنىڭ بىرلىكى جەھەتتە كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، مۇستەقىل ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىشى زور يېڭىلىق ھېسابلىندۇ.
3. دەرسخانىدا ئېچىۋېتىلگەن ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلدى.
سوخۇملىسكى مۇنداق دېگەن: «ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلىدىغىنى يادلاش ئەمەس، ئەكىسچە ئوقۇغۇچى ئۆزى پىكىر يۈرگۈزۈش، يەنى يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت».
ئوقۇغۇچى پەقەت مۇستەقىل ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىشقا، مەسلىلەرنى بايقاش، ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ھەل قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا، ئاندىن تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتالايدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېچىۋېتىلگەن ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئاكتىپ تەپەككۇر ھالىتى ۋە ئازادە تەپەككۇر كەيپىياتىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىنى مەركەز قىلغان ئاساستا، ئۇلارنى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىشقا، ئۆزلىرى ھۆكۈم قىلىشقا، ئۆزلىرى بېشىدىن كەچۈرۈشكە يېتەكلەپ، شۇ ئارقىلىق بىلىمگە ئېرشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن كۈزەتكەندە ماھىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك دەرس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
4. ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى تۇرمۇش ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلگەن.
تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش بۇ قېتىمقى دەرس ئىسلاھاتىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا. يەنە بىر جەھەتتىن، دەرسلەرنىڭ خاراكتېرى، ئوقۇتۇش ئېھتىياجى تۇرمۇش ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈشنى بەلگىلىگەن. پەقەت تۇرمۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇش ئەملىيتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندىلا، ئاندىن دەرسىنىڭ تەربىيىۋىي قىممىتىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن كۈزەتكەندە ماھىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك دەرس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
5.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زامانىۋىي ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى زور دەرجىدە يۇقۇرى كۆتىرىلگەن.
بۇ قېتىمقى دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئوقۇتقۇچىلار ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقيەتلىرىنى دەرسخانىغا يۈزلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تەربىيەنىڭ قىممىتى، نىشانى، مەزمۇنى ۋە ئوقۇش بىلەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا كۆرسەتكەن زور تەسىرىنى تولۇق نامايەن قىلدى. ئوقۇتقۇچىلار دەرس لايىھەلەش ۋە ئوقۇتۇشتا ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىغا بولغان تەسىرى ئۈستىدە تولۇق ئويلىنىپ، مول ئۆگىنىش مەنبەسىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ ھەم ئوقۇغۇچىلارنى مول  ئۆگىنىش مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى كۈچلۈك قورالى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى رازىمەنلىك ھەمدە تېخىمۇ كۆپ زېھنى كۈچ بىلەن رېئال ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى دەرسخانا پائالىيىتىگە قاتنىششقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ نۇقتىدىن كۈزەتكەندە ماھىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك دەرس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
  6. ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، ھەمكارلىشىش ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئۈنۈملۈك بولغان ئۆگىنىش جەريانى يالغۇز تەقلىد قىلىش ۋە يادلاشقىلا تايانسا بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈزىتىش، تەجىربە قىلىش، قىياس قىلىش، ئىسپاتلاش، ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق دەرسخانىدىكى ئەقلى ئەمگىكىنىڭ قىممىتىنى يارىتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن كۈزەتكەندە ماھىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك دەرس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
7. بۇ قېتىمقى ماتېماتىكا دەرسخانا ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا ئۇزاق مۇددەت ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان تەجرىبىلىك، پىشقان ئوقۇتقۇچىلارغا خاس تەمكىن، كۆتىرەڭگۈ روھىي كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى. گەرچە بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان 16نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆپ قىسمى ياش-يېڭى ئوقۇتقۇچىلار بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇلار تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ كۆلەملىك پائالىيەتكە قاتناشقان، دەرس ئاڭلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار بىر قەدەر كۆپ  بولسىمۇ، ئۇلاردا تەمتىرەش، ھودۇقۇش، جىددىلىشىشكە ئوخشاش پىسخىك ئىپادىلەر كۆرۈلمىدى. ئۇلارنىڭ تەمكىن، مۇلايىم، يېقىملىق، جۇشقۇن، كۆتىرەڭگۈ روھىي كەيپىياتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
8.بۇ قېتىمقى دەرسخانا ئوقۇتۇش مۇسابىقە پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئاساسىي ئورۇندا بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار ۋڭلايىتىمىز ماتېماتىكا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىنى نامايان قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ كەسپنى سۆيۈپ، كەسپكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، كەسپنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش، كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش، مىللەتكە مەسئۇل بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئۆز مەسئۇلىيىنى ئادا قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئۇلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا، قىممەتلىك تەجرىبە بايلىقى سۈپىتىدە كېڭەيتىشكە بولىدۇ.مەن بۇ يەردە بۇقېتىمقى پائالىيەتنىڭ باھالاش ھەيئىتىگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا يەنە بىرقېتىم ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
2.  ساقلانغان مەسىلىلەر
1) بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسى بىلەن دەرس ئايانىنىڭ پەرقىنى ئىگەللىشى يېتەرلىك بولمىغان.
2)  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆلچىمىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى دەرس ئايانى بىلەن دەرس لايىھەسى تۈزۈشتە يېتەكچى ئورۇنغا قويۇشى يېتەرلىك بولمىغان. شۇ سەۋەپتىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئايانى لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوقۇتۇش نىشانى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش شەكلى، ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت لايىھىسى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك پائالىيەت لايىھىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى باھالاش لايىھىسى قاتارلىقلار بىلەن دەرس لايىھەسىدىكى ئوقۇتۇش نىشانى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش شەكلى، ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت لايىھىسى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك پائالىيەت لايىھىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى باھالاش لايىھىسى قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدا ئايرىم پەرق كېلىپ چىققان.
3) بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش ۋە دەرس لايىھىسىنى تۈزۈشتە، بىر تەرەپتىن شەكىلۋازلىقتىن خالى بولالمىغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن دەرس تەييارلاش ۋە دەرس لايىھىسىنى تۈزۈشكە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتماي، ئوقۇتۇش نىشانىنى ئۈچ ئۆلچەم بويىچە تۈزمىگەن. لايىھەدە ئىملا خاتالىقى ناھايىتى كۆپ كۆرۈلگەن.ئايرىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لايىھىسىدە ئوقۇتۇش مەزمۇنى زىيادە كۆپ لايىھەلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن نىشان تولۇق ئەمەلىلەشمەيدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان.
  4)  بىلىمنىڭ شەكىللىنىشىدە جەريان بىلەن نەتىجىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق ئەھۋالى گەۋدىلىك ساقلاندى.
نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا جەريان بىلەن نەتىجە (خۇلاسە) نىڭ ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ  مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ ، ئوقۇتۇشتىكى رولىغا قايتىدىن باھا بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جەريان ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ياكى نەتىجە (خۇلاسە) گە ئېرىشىش ئۈچۈن بېسىشقا تېگىشلىك بولغان ھەركەت تەرتىپى، بىرخىل سەرگۈزەشت، بىر خىل كەچۈرمىشنى كۆرسىتىدۇ. نەتىجە(خۇلاسە) بولسا ئوقۇتۇشتا يەتمەكچى بولغان ئاخىرقى نىشاننى كۆرسىتىدۇ. دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم نىشانىنىڭ بىرى ئوقۇغۇچىلارغا توغرا بولغان نەتىجە (خۇلاسە) نى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىگىلىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا چوقۇم نەتىجە (خۇلاسە) گە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بىراق، ئوقۇغۇچىلار ھەقلىق بولغان بىرقاتار گۇمان، ھۆكۈم، سېلىشتۇرۇش، تاللاش، شۇنداقلا ماس ھالدىكى تەھلىل، ئومۇملاشتۇرۇش، يىغىنچاقلاش قاتارلىق بىلىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتمىسە، يەنى خىلمۇ-خىل تەپەككۇر جەريانى ۋە بىلىش ئۇسۇلى بولمىسا، خىلمۇ-خىل قاراشلارنىڭ ئۇچرىشىشى، بەس-مۇنازىرىسى ۋە سېلىشتۇرۇشى بولمىسا، نەتىجە (خۇلاسە) گە ئېرىشىش تەس بولىدۇ، ئۇنى ھەقىقىي چۈشىنىش ۋە مۇستەھكەملەش تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، كۆپ خىل جانلىق بولغان دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانى بولماي تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر پەزىلىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ. مانا بۇ نەتىجە (خۇلاسە) گە قارىغاندا، جەرياننىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نەتىجە (خۇلاسە) جەريان ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ، تەرەققى قىلىدۇ. جەريان ئارقىلىق كەچۈرمىشلەشكەن تۇيغۇ ۋە تەسىرات، جەريان- كەچۈرمىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم مەڭگۈلۈك بولىدۇ، ئىزىنى يوقاتمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانى بىلىم ئېلىش جەريانى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەسىلىلەرنى بايقاش، تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت. بۇ جەريان بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل قىيىن مەسىلىلەر، قىيىنچىلىق، توسالغۇ ۋە زىددىيەتلەرنى ئاشكارىلاش جەريانى بولۇپ قالماستىن، بەلكى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئۆزگىچە خاسلىقى، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش جەريانىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى دەرس جەرياننى تەكىتلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىش توغسىدا ئىزدىنىش ۋە يېڭى بىلىم ئېلىش جەريانىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈشنى كۆپرەك تەكىتلەيدۇ. شۇڭا، يېڭى دەرسنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى ئوقۇتۇشنىڭ نەتىجە(خۇلاسە) قىسمىغا يەنى، ئوقۇتۇشنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قويۇشنى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دەرسنىڭ ئورگانىڭ قىسمىغا باشتىن-ئاخىر تەبئىىي يوسۇندا سىڭدۈرۈۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا جەريان بىلەن نەتىجە (خۇلاسە) نىڭ ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ  مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ مەسىلە ئاساسەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۆرۈلدى.
5) بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسىدىكى سۇئال لايىھەلەش، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى سۇئال سوراش سەۋىيىسى، جاۋاپ كۈتۈش ماھارىتى، جاۋاپ بېرىشكە چاقرىش ماھارىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئال سوراش ئىشەنچىسى، سۇئال سوراش قىزىقىشى ۋە سۇئال سوراش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىدى.بۇنىڭ دەرسخانا كەيپىياتى ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە بولغان تەسىرى ناچار بولدى.
دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى لايىھەلەش ۋە ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا سۇئال لايىھەلەش ۋە سۇئال سوراش دېمەكتۇر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىمۇ ئەمەلىيەتتە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت. ياخشى لايىھەلەنگەن، ياخشى سورالغان بىر سۇئال ئوقۇغۇچىلارنى يەتمەكچى بولغان نىشان ئۈستىدە ئىزدىنىشكە، پىكىر قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. شۇڭا، سۇئال لايىھەلەش ۋە سۇئال سوراشتا قاراتمىلىققا ئىگە بولۇش، قاتلاملىققا ئىگە بولۇش، قوزغۇتۇشچانلىققا ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش، دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش، ۋاقتى مۇۋاپىق بولۇش، ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولۇش ۋە باھا مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال سوراشقا يېتەكلەش ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانلىنىش قابىليتىنى يېتىلدۈرىدۇ. گۇمانلىنىش-بارلىق بايقاش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئال سوراش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش-دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەريانىدا كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلار بۇ نوقتىغا سەل قارىدى. شۇڭا بۇ جەھەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى. مەسىلەن: سۇئال لايىھەلەش جەھەتتە: «يامغۇر ياقققاندا شوپۇر ئۇستام يولنى قانداق كۆرەلەيدۇ؟» .«سىلەر تاپانچىنى كۆرگەنمۇ؟ «بىز باشلانغۇچ مەكتەپتە سانلارنى قوشۇشنى قانداق قىلغان؟» «ئەمدى جەدۋەلنى قانداق قىلىپ بولدۇق؟»، «سىلەر بۇ مەزمۇننى قانداق قىلىپ بولغان؟»، «لەغمەن يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ساۋاقداشلار بارمۇ؟»
يۇقارقى ئاخىرىغا سۇئال بەلگىسى قويۇلغان، ھېچقانداق تەپەككۇر قىممىتى بولمىغان جۈملىلەرنى دەمال سۇئال دەپ تۇرۇپ  تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق،  دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى بۇنداق «ئورتاق جاۋاپ» قا يېتەكلەيدىغان، مۇجىمەل، بىتاپ سۇئاللارنىڭ سورىلىشى مائارىپىمىزدىكى بىر خىل يوشۇرۇن ئېرسىي كېسەللىكنىڭ ئىپادىسى. بۇ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيەتچىل روھىغا خىلاپ. «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» دېگەن چۆچەكنىڭ يېشىمىدە بىر بالىنىڭ پادىشاھنىڭ ئالدىدىلا راست گەپ قىلىپ، ساختىپەزلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىۋېتىشى توغرىسىدىكى بايانلار بار ئىدى. ناۋادا  دەرسخانىمىزدا دا راست گەپ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىدىن بىرەرسى چىقىپ قالسا، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ھېلىقى پادىشاھنىڭ ئورنىغا قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز.
6) بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا مەسىلە مۇھىتى يارىتىشقا، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى مەسىلە مۇھىتى ئىچىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشكە، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە  ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىدى.
7) بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار نىڭ كومپېيوتېر ۋە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىنى ئاساس قىلغان دەرس بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك، توغرا پايدىلىنىش ئېڭى شەكىللەنمىگەن. ئۇلار دەرس بايلىقلىرىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالىنى تولۇقلاش، كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش جەھەتلەردىكى رولىنى قىسمەن تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ پىرىنسىپى ۋە زۆرۈرىيىتىنى، شۇنداقلا بەزىبىر تولۇقلىغىلى بولمايدىغان يېتەرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ھەرگىزمۇ كومپېيوتېر ۋە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىدىن پايدىلىنىپ تەقلىدىي تەجرىبە قىلىشنى ئوقۇغۇچىلار شۇغۇللىنالايدىغان، بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىيەلەيدىغان ئەمەلىي پائالىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ؛ كومپېيوتېر ۋە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرسەتمىلىك تەسەۋۋۇر قىلىشىنىڭ ھەمدە قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تېخىمۇ تەشەببۇس قىلمايدۇ.
8) كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش تىلى ماھارىتى تۆۋەن، بەدەن-قىياپەت تىلى ئۆلچەملىك ئەمەس. ئوقۇتۇش تىلى ماھارىتى ئوقوتۇش پائالىيىتىنىڭ جېنى. مەيلى نەزەرىيە سەۋىيىسى قانچە يۇقىرى، تەتقىقات ئىقتىدارى قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سەنئەت ئالدىدا، تىل ماھارىتى بولمىغان ئوقۇتۇش مەغلۇبىيەتلىك ئوقۇتۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سوخۇملىسكىي «ئوقۇتقۇچىنىڭ تىل ساپاسى ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى ئەقلىي ئەمگەك ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ» دېگەن.شۇڭا، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش تىلى ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىپ رىغبەتلەندۈرەلەيدىغان تەربىيىۋىيلىككە ئىگە بولغان تىل بولۇشى؛ ئورگىنالسىز، ئاددىي، ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرى كۈچلۈك ئېغىز تىلى بولۇشى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئەزالىرىنى قوزغىتىش، تەپەككۇر يوللىرىنى ئېچىش، كەڭ دائىرىلىك ئەسلىتىش، تەسەۋۋۇر قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى چۈشىنىش، بىلىمگە بولغان ئىستىكىنى قوزغاش خاراكتېرىغا ئىگە بولغان تىل بولۇشى؛ ئوبېكىتنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدىغان، «كىتابنى كۆڭۈلدە ساقلاپ، ئادەمگە نەزەر سالىدىغان» تىل بولۇشى؛ ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچى بىلەن ئوقۇغۇچىلانىڭ دىققىتىنى ئۆگىنش پائالىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسنى پەقەت دىققەت بىلەن، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا ئىنتىلدۈرىدىغان تىل بولۇشى لازىم.
دەرسخانا ئوقۇتۇش تىلى تىل ئارقىلىق ئىپادە قىلىنمايدىغان دەرسخانا ئوقۇتۇش تىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش تىلىنىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادە قىلىنمايدىغان شەكلى ئوقۇتقۇچىنىڭ چىراي ئىپادىسى، قول ھەركىتى، بەدەن قىياپىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق مەلۇم مەنە ئىپادىلەيدىغان تىل شەكلى بولۇپ، ئۇنى ئادەتتە بەدەن-قىياپەت تىلى دەپ ئاتايمىز.
بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئادەتتىكى تىل ۋاستىسىنى قوللىنىپلا قالماستىن، يەنە بەدەن-قىياپەت تىلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇش ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزەلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتالايدۇ، شۇ ئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرەلەيدۇ. بەدەن-قىياپەت تىلىدىن پايدىلنىپ ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى قوزغىتىپ، ئەقلىي پائالىيتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسىتىگە يەتكىلى؛  ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگىلى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، بەدەن-قىياپەت تىلى ئىدىيىۋىي ھېسسىياتنى ئىپادىلەش، دەرسخانا ئوقۇتۇش تىلىنى سىلىقلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ھەركىتىنى تەڭشەش؛ دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيتىنى تەشكىللەش، تەڭشەش، تىزگىنلەش رولىغا ئىگە.
بەزىلەر مۇنداق قارايدۇ: دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيتىنى تەشكىللەشتە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار كۆزىنى ئىشقا سالىدۇ؛ ئادەتتىكى ئۇقۇتقۇچىلار سۆزىنى ئىشقا سالىدۇ؛ ئەڭ ئاخىردا سانىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئۆزىنى ئىشقا سالىدۇ- ئوقۇغۇچىلارغا جازا يۈرگۈزىدۇ. بۇخىل قاراشنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار بولۇپ، ھەقىقەتەن بەدەن-قىياپەت تىلىنى ئىشلىتىشكە ماھىر ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، ئوخشاش بولمىغان بەدەن-قىياپەت تىلى ئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيتىگە جانلىق تەشكىللەيدۇ. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كەتكەندە، ئوقۇتقۇچى دەرھال سۆزىنى توختىتىدۇ، سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆز يۈگۈرتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى دەرھال دەرسكە مەركەزلىشىدۇ. بۇ بويىچە بولغاندا، تۆۋەندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش تىلى ماھارىتى ۋە بەدەن-قىياپەت تىلىنى تەلەپتىن خېلى يىراق دېيىشكە بولىدۇ. «يەر يۈزىدە قويساق مىدىرلىماي تۇرىدىغان يۈز تەكشى يۈز»، «جاۋابىڭىز توغرا بولمىدى»،  «قايلاڭلار»، «پىلوس سان، مىنوس سان»، «سىلەر نېمانچە جۈرئەتسىز».
9) بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا قىيىن، چىگىش، گۇمانىي نۇقتىلاردىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىش ئەھۋالى قىسمەن ساقلاندى.
10) دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا قول سېلىپ ئىشلەش، مېڭە ئىشلىتىش، باشتىن كەچۈرۈش،  ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىش، تەپەككۇر قىلىش، خۇلاسە قىلىش پۇرسىتى بېرىشكە يىتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىدى. شۇ سەۋەبتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانلىنىش، قول سېلىپ ئىشلەش، مېڭە ئىشلىتىش، باشتىن كەچۈرۈش، قايتا تەجرىبە قىلىش، خۇلاسە قىلىش پۇرسىتى زور دەرجىدە چەكلىمىگە ئۇچراپ بىلىمنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرەلمەي ۋە مۇستەقىل ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشنىڭ تولۇق ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەي، بىلىمنى كۆپرەك ۋاستىلىق قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. بۇنىڭ كونكىرت ئىپادىسى بۇقېتىمقى پائالىيەتتە دەرس ئاڭلىغان900 غا يېقىن ئوقۇغۇچىدىن بىرنەپەرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سوئال سورىمىغانلىقىدا، دەرسخانىدا سوئال سورىغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنىڭ %0 بولغانلىقىدا كۆرىلىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 5 + 2ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 2  باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 17:47:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتېريال ئېكەن كىيىن چۇقۇم ئەسقاتىپ قالىدۇ !يارايىسىز !

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:32:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز ئالاھىيدىن ئاكا  سىزنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 11:11, Processed in 0.139343 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش