يېڭىسارناھىيىلىك3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى دەرسخانا ئوقۇتۇشى بويىچە مۇكاپاتلىق دەرس ئۆتۈشكە تەشكىللەش لايىھەسى (2011/2012 ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇم) 1 . پائالىيەت نىشانى: مەكتىپىمىزنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئىسلاھ قىلىش-تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە كەسپىي سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش؛ تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش ماھارىتىنى نامايان قىلىشقا، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشكە مۇنبەر ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق ياخشى بولغان ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2. بۇقېتىمقى دەرسخانا ئوقۇتۇش مۇسابىقە پائالىيىتىگە ئىدىيە-ئەخلاق، تارىخ؛ ماتېماتىكا؛ تىل-ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى؛ فىزىكا-جۇغراپىيە؛ بىئو-خىمىيە؛ تەنتەربىيە-ساغلاملىق؛ سەنئەت (مۇزىكا، رەسىم) قاتارلىق 8 ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن 1 بىرنەپەردىن ئوقۇتقۇچى ئاشكارا چەك تارتقۇزۇش ئارقىلىق بېكىتىلىپ قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ھەرقايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى چەك تارتقۇزۇپ، مۇسابىقە پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدىن بېكىتىدۇ. 3. پائالىيەت ۋاقتى: دەرسخانا ئوقۇتۇش مۇسابىقە پائالىيىتى 4-ئاينىڭ 18-، 19-كۈنلىرى (چارشەنبە، پەيشەنبە) ئېلىپ بېرىلىدۇ. 4. پائالىيەت ئورنى: دەرسخانا ئوقۇتۇش مۇسابىقە پائالىيىتى 4-بىنا 2-قەۋەتتىكى يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 5. ئوقۇتۇش مەزمۇنى 2-مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىن تاللانسا بولىدۇ. دەرس ئۆتۈدىغان سىنىپنى مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچى ئۆزى تاللايدۇ. 6. دەرس ئۆتۈش تەرتىپى 4-ئاينىڭ 17كۈنى 2-سائەتلىك دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا چەك تارتىش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. 7. پائالىيەتنىڭ تەشكىلى شەكلى: دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاش گورۇپپىسى تەشكىللىنىدۇ. گۇرۇپپا باشلىقى: ئارزىگۈل ئابلەت مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى: قەمبەرجان مەمتىمىن، ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت ئەزالىرى: ئابلىز قۇربان، نۇرئەخمەت ئىمام، رۇشەنگۈل قادىر، رىزۋانگۈل داۋۇت، پاتىمە زەبىبۇللا، ئايىمنىسا ئابدۇكېرىم. 8. دەرس باھالاش، مۇكاپاتلاش چارىسى: 1) باھالىغۇچىلارنىڭ «دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاش ئۆلچىمى»گە ئاساسەن قويغان نومۇرىدىن ئەڭ يۇقۇرى ۋە ئەڭ تۆۋەن بىردىن نومۇرنى چىقىرۋېتىپ، ھېساپلانغان ئوتتۇرىچە نومۇر غا ئاساسەن دەرىجە بېكتىلىدۇ. دەرس لايىھىسى 10نومۇر، دەرسخانا ئوقۇتۇشى 90 نومۇر بولۇپ جەمئى 100نومۇرلۇق سېستىما بويىچە دەرىجە بىكتىلىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ. 2) بىر نەپەر ئوقۇتۇش ماھىرى مۇكاپاتى، بىر نەپەر بىرىنچى دەرىجىلىك، بىر نەپەر ئىككىنچى دەرىجىلىك، بىر نەپەر ئۈچىنچى دەرىجىلىك، ئىككى نەپەر رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنىدۇ. 3) ئوقۇتۇش ماھىرى بولۇپ باھالانغۇچىغا 250 يىۋەن، بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكۈچىگە 200 يىۋەن، ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكۈچىگە 150يىۋەن، ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكۈچىگە 100يىۋەن، رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشكۈچىلەرگە 50 يىۋەن قىممىتىدىكى ماددى بۇيۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ. 9. پائالىيەت تەلىپى:1) باھالىغۇچىلار دەرس ئاڭلاش ۋە باھالاشقا تولۇق، ۋاقتىدا قاتنىششى، دەرسنى ئەستايدىل ئاڭلاپ ۋە خاتىرە قالدۇرۇپ، باھالاشتا ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشى، باھالاش ئۆلچىمىنى ياخشى ئىگەللەپ، باھالاشنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. دەرس باھالىغۇچىلاردا دەرسكە كېچىكىپ كىرىدىغان، خاتىرە قالدۇرمايدىغان، باھالاپ نومۇر قويۇش جەدۋىلىنى ئەستايىدىل تولدۇرۇپ خۇلاسە قىلمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلسە، شۇ ئايلىق سىناپ تەكشۈرۈش نومۇرىدىن 5 نومۇر ئېلىۋېتىلىدۇ. 2) بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەريانىدا مۇكاپاتلىق دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى تولۇق نامايەن قىلىشى لازىم. 3) قايسى پەندىن دەرس ئۆتۈلسە، شۇ پەن ئوقۇتۇش گورۇپپىسىدىكى دەرسى يوق ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم دەرس ئاڭلاشقا قاتنىششى، دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىنى يېزىشى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەجرىبىلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. دەرس ئاڭلايدىغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ پائالىيەت جەريانىدا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن رۇخسەت سورىماسلىقى كېرەك (ئالاھىدە ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا). 4) دەرس ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاڭلىغان دەرسنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قانداق ياخشىلىشى لازىملىقىغا بىرلەشتۈرۈپ بىر پارچىدىن تەسىرات يېزىپ ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرۇشى لازىم. 5) ھەر قايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپپلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى بۇ قېتىمقى ئوقۇتۇش تەتقىقات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، گۇرۇپپا ئەزالىرىنى دەرس باھالاشقا ئەستايىدىل ئۇيۇشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ يۇقۇرى ئۈنۈملۈك دەرسخانا ئوقۇتۇش تاكتىكىسى ۋە ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تەشكىللىشى لازىم. 6) مۇكاپاتلىق دەرس ئۆتۈشكە كۆرسىتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە دەرس ئۆتۈشكە قاتنىششى، سەۋەپ كۆرسىتىپ پائالىيەتنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلماسلىقى لازىم. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاخىرقى باھا دەرىجىسى بىر دەرىجە تۆۋەنلىتىلىدۇ. 7) مۇكاپاتلىق دەرس ئۆتۈشكە بېكتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا بولمايدۇ. 8) مۇكاپاتلىق دەرس ئۆتۈشكە بېكتىلگەن ئوقۇتقۇچىلاردەرس ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن دەرس لايىھىسى ۋە دەرسلىك يۇمشاق دېتالىنى مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىغا بىر نۇسخىدىن تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم.
مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى، مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى 2012-يىلى 4-ئاي 16-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-14 16:05
|