ئانا يۇرتقا مۇھەببەت ( ھېكايە ) شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان خەلق مەيدانىدىكى گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئۇزۇن ، ياغاچ ئۇرۇندۇقتا بىر جۈپ قىز - يىگىت گەپ - سۆز قىلماستىن ئولتۇرۇشقان ئىدى . يىگىت قەددى - قامەتلىك ، ناھايتى كېلىشكەن بۇلۇپ ، ئۈستىگە كىيىۋالغان داڭلىق ماركىدىكى كىيىم - كېچەكلىرى ئۇنى تېخىمۇ پۇزۇر كۆرسىتەتتى . يىگىتنىڭ گەپ- سۆز، ئىش- ھەرىكەتلىرىدىن پۇلدارلارغا خاس مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى . قىز بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە ناھايتى ئاددىي كىيىنىگەن بۇلۇپ ، قىياپىتىدىن تۇرمۇشنىڭ ئېغىر سىناقلىرىدا پىشىپ يېتىلگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى . ئەگەر بىرەرسى ئىككىسىگە سىنچى كۆزى بىلەن قارايدىغان بولسا ، قىزنىڭ ھەم چىرايلىق ھەم نازاكەتلىك ، تەربىيە كۆرگەن ، ئېسىل پەزىلەتلىك قىز ئىكەنلىكىنى تېزلا بىلىۋالاتتى . دېمىسىمۇ قىز بەك چىرايلىق بۇلۇپ ، ئۇچىسىدىكى ئاددىي كىيىملەر ئۇنىڭ تەبىئى گۈزەللىكىگە قىلچىلىك نۇقسان يەتكۈزەلمىگەن ئىدى . قىزنىڭ يېڭى چىققان ئايدەك ئەگىم قاشلىرى ، بۇلاقتەك كۆزلىرى ، سۈتتەك ئاپئاق يۈزى ، ئويماقتەك كىچىك ، ئالۇچىدەك قىزىل لەۋلىرى كىشىنىڭ مەسىتلىكىنى كەلتۈرەتتى . قىسقىسى ، تەڭرى ئۇيغۇر قىزلىرىغىلا ئاتا قىلغان تەبىئى گۈزەللىك قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلغان ئىدى . ** ** *** *** *** *** ** * ** ** قىز يىراقتىكى ئېگىزبىنالارغا تىككەن كۆزلىرىنى ئۈزۈپ ، ئەتراپىدىكى رەڭمۇ- رەڭ گۈللەرگە زوقلىنىپ قارىدى . قىز ئەزەلدىن گۈللەرگە ئامراق ئىدى . رەڭدار گۈللەر ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايتتى . قىز يېنىدىكى بىر گۈلىنى ئۈزدى -دە، چېكىسىگە قىسىۋالدى . قىزنىڭ ھەرىكىتىنى يەر ئاستىدىن كۆزىتىپ ئولتۇرغان يىگىت ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى . يىگىت بۇنىڭدىن ئون ئۈچ يىل بۇرۇن سارەم ئانىنىڭ بېغىدىكى گۈللۈكتە ، چېكىسىگە گۈل قىسىۋالغان ، بېشىغا گىلەم دوپپا كېيگەن ، تال چىۋىقتەك بەللىرىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان چاچلىرىنى ئۇششاق قىلىپ ئۆرىۋالغان ، ئۇچىسىغا ئەتلەس كۆڭلەك كېيگەن ، ئىنتايىن شوخ بىر قىزنىڭ كېپىنەك قوغلاپ يۈرگەن ھالىتىنى كۆرگەندەك بولدى . يىگىت قىزغا قارىغىنىچە ئويغا چۆكتى :‹‹ زۇمرەت ، سەن مىجەز-خاراكتىر جەھەتتە قىلچە ئۆزگەرمەپسەن . شۇغىنىسى كىچىك ۋاقتىڭدىكى مۇتتەھەملىكىڭدىن ھېلىمۇ قالماپسەن . ماڭا بولغان مۇئامىلەڭدىمۇ ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگىرىش بوپتۇ . ماڭا قىلىۋاتقان سۇغۇق مۇئامىلەڭ بۇ ئويلىرىمنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ. مەن ئۈچۈن بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق . زۇمرەت ، مېنىڭچە پۇل دېگەن ھەر قانداق بىر شەيئىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتەلەيدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە پۇل دېگەن شۇنداق قۇدىرەتكە ئىگە ئىكەنكى ، مەن - مەن دېگەنلەرمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا شامدەك ئېرىپ كېتىدۇ ، سەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە زۇمرەت ، مەن ھازىرغىچە مال - دۇنيا ئالدىدا قېتىۋالىدىغان بىرمۇ ئايال زاتىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم . مانا ھازىر سەن ماڭا قاپاق تۈرۈپ ئولتۇرىۋاتىسەن . بوپتۇ زۇمرەت ، بۇ قىلىقىڭنى ھەرگىز كۆڭلۈمگە ئالمايمەن . بۇرۇندىنلا سېنىڭ ‹‹ لۈكچەك ›› دەپ نامىڭ بار ئىدى ئەمەسمۇ . مەن ھازىرچە ماڭا قىلىۋاتقان بۇ خىل سۇغۇق مۇئامىلەڭنى ھېيىقىش ، تارتىنىش دەپ چۈشىنىپ تۇراي ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەنمۇ توقسان گىرادۇس ئۆزگىرىسەن ..... ھەي زۇمرەت ، ھەي زۇمرەت ....... سەن نىمانچە ئىچىمنى كۆيدۈرۈپ ، بارغانسېرى چىرايلىقلىشىپ كېتىدىغانسەن ؟ كىچىك ۋاقتىڭدىمۇ سېنى بەك ياقتۇراتتىم ، ھازىرمۇ سېنى شۇنچە ياقتۇرىمەن . زۇمرەت بىلەمسەن؟ مېنىڭ بۇندىن كېيىنكى تىجارەت ئىشلىرىمدا تىجارىتىمنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇشتا سەندەك گۈزەل ، ھەم چىچەن ھەم نازاكەتلىك ، تۇرمۇشتا پىشىپ يېتىلگەن بىر ھەمراھ كېرەك . مەن بىلىمەن ، سەن جەمىيئەتتىكى بەزى قىزلارغا ھەرگىز ئوخشىمايسەن . پۈتكۈل ۋۇجۇدۇڭ ساختىلىقتىن ، ياسالمىلىقتىن خالىي ، ئوماق چېھرىڭدە سەمىيمى كۈلكە ھەر ۋاقىت جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر قانداق ئىشتا ھەرگىز ۋايسىمايسەن . ئۆزۈڭ شۇنچىلىك جانلىق ھەم جۇشقۇن . مانا بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرىپىڭ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشتا قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر سېنى ئۆز يېنىمغا تارتىشىم كېرەك . تۆت- بەش يىلدىن بۇيان ساڭا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى تېرىپ بەردىم . يېنىڭغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغان كۆز - قۇلاقلىرىم ئارقىلىق سېنىڭ بارلىق ئىش -ھەرىكەتلىرىڭدىن تولۇق خەۋەردار بۇلۇپ تۇردۇم . ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇلارنى سېزىپ قالغاندەك تۇرىسەن . بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق . ھازىرچە مەن سېنىڭ بۇ ئىشىڭنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھەل قىلساملا بولدى دەپ قارايمەن . شۇنى بىلىپ قال زۇمرەت، بۇنداق ئامەتكە خېلى-خېلى قىزلارمۇ ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇزۇن ۋاقتتىن بۇيان چوڭ شەھەرلەردە يۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قىزلارنى ئۇچراتتىم . بىراق ‹‹ چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس ، سۆيگەن چىرايلىق ›› دېگەندەك يەنىلا سەن كۆزۈمگە گۈل بوپ كۆرۈندۈڭ . ھەي ،..... سېنى شۇنچە قىلىپمۇ ئۇنتىيالمىدىم . قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى پەقەت سەن ئۈچۈن ...... يىگىت كۆڭلىدە مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقان شۇ پەيىتتە ، قىزمۇ يىگىتكە سىنچىلاپ قارىدى . شۇ تاپتا يىگىت ئۇنىڭ كۆزىگە ناھايتى ئويچان كۆرۈندى . قىزنىڭ بىردىنلا چىرايى تۇتۇلدى ، سەۋەبى ، باغچىغا كەلگەندىن بۇيان يىگىتنىڭ دەممۇ- دەم ئىككى ئالقىنىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ چاچلىرىنى بېسىپ تاراشلىرى ، چوڭچىلىق بىلەن ئولتۇرۇشلىرى قىزنى ئىنتايىن بىزار قىلغان ئىدى . قىز يىراقلارغا قارىغىنىچە نەۋرە ئاچىسى زۇننارنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇنقى بىر كۈنى كەچتە ئۆزىگە قىلغان گەپلىرىنى ئېسىگە سالدى : - زۇمرەت ، ئاپئاق سىڭلىم ، ئادىل پات ئارىدا يۇرتقا بارماقچى . مەن دېمىسەممۇ ئۇنىڭ يۇرتقا بېرىشتىكى مەقسىتىنى سەن ئوبدان بىلىسەن ، بۇ ئىشقا قارىتا سەندە ئوبدان تەييارلىق بولسۇن . ئۇ ھازىر بۇرۇنقى ئادىل ئەمەس . مال - دۇنيا ئۇنى بەك ئۆزگەرتىۋەتتى . قالغىنىنى ئۇ يۇرتقا بارغاندا ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ ھەممىنى بىلىپ قالارسەن . ئىشقىلىپ ئۇنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كەتمە ، ئۆزۈڭنى ئاسرا سىڭلىم ، - دېگەن ئىدى زۇننار تېلىفۇندا ئۇنىڭغا . دېمىسىمۇ زۇمرەت ئادىل كەلگەندىن بۇيان ، ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش، گەپ - سۆزلىرىگە زەن سېلىپ يۈرۈپ ، نەۋرە ئاچىسى زۇننار دېگەن گەپلەرنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى . زۇمرەت بۇلارنى ئويلاۋېتىپ ، يەنە چوڭقۇر خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولدى : ‹‹ ئاچا ، ماڭا دېگەنلىرىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن . ئادىل بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ماڭا ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا ، مال- دۇنياسى ، تاپقان پۇللىرى، كۆرگەن راھەت - پاراغىتى توغرىسىدا گەپ ساتىدۇ . مەن ھازىر ئۇنىڭ جىمىكى گەپ - سۆز ، ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن ناھايتى بىزار بولدۇم . ئۇ سەن دېگەندەك كىيىنىش ، يۈرۈش - تۇرۇش جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ . ھېلىلا بۇ يەرگە كەلگەندە ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىغا توپا يۇقۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا ، بىز ئۈچۈن ئەزىز بولغان يۇرتىمىزنى تىللاپ كەتتى تېخى ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بەك ئاچچىقىم كەلدى . سەنمۇ بىلىسەن ، ئەينى ۋاقتتا مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ناھايتى ئەتىۋارلايىتتى ئەمەسمۇ . بۇلارنى ئۇنتۇپ قالغىنى بىلەن مەن قىلچە ئۇنتىمىدىم . ئۇ قالتىس ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ جۇمۇ . ئاچا ، مەن ئۇ تۇزكورنىڭ شېرىن- شېكەر سۆزلىرىگە ھەرگىز ئېرىپ كەتمەيمەن . شۇنى بىلەمسەنكىن ئاچا؟ بۇ ئەزىز ماكان بىزنى ئۆزىنىڭ ئىللىق قوينىدا پەپىلىتىپ چوڭ قىلدى . گەرچە ئانا يۇرتىمىزنىڭ تەبىئى شارائىتى ناچار بولسىمۇ ، مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ يۇرت رىۋايەتلەردىكى جەننەتتەك گۈزەل بىلىنىدۇ. مەن ھەرگىزمۇ بۇ يۇرتتىن ئايرىلمايمەن . مەن ھازىر ئاشۇنداق قارارغا كەلدىم ›› دېگەنلەرنى ئويلىغان زۇمرەت بېشىنى كۆتۈرۈپ يىگىتكە قارىدى . بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت دەپ بىلگەن يىگىت زۇمرەتكە قاراپ : - جېنىم زۇمرەت ، سەن ئەقىللىق ، چىچەن قىز . بىراق سەندەك ياخشى بىر قىز توپا يېغىپ تۇرىدىغان بۇ يۇرتقا بەكمۇ زايا بۇلۇپ كېتىۋاتىسەن .مەن بۇ قېتىم سېنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلدىم . كىچىك ۋاقتىڭدىمۇ ساڭا كاتىپ بولىمەن دەيىتتىڭغۇ؟ سېنىڭ كاتىپلىق ئورنۇڭ ھازىرغىچە بوش تۇرىۋاتىدۇ ، گېپىمنى ئاڭلا ، زۇمرەت ، مەن بىلەن كەتكىن ، تۈركىيەدە زۇننارنىڭ يېنىدا تۇرىمەن دېسەڭ ئۇنىڭغىمۇ مەيلى ، ھەممە ئىشتا سېنىڭ رايىڭغا باقىمەن . مەن ھېچقاچان قىزلارغا بۇنداق يالۋۇرۇپ باقمىغان ، مۇھەببەت كىشىنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىدىكەن . زۇمرەت ، بۇ ئىشتا ئوبدان ئويلا ، بۇنداق ئامەت خالىغان ئادەمگە نېسىپ بولمايدۇ. تۇرمۇشتا كۆپلىگەن ئادەملەر چەتئەل تۇرمۇشىغا ، چەتئەلگە چىقىشقا شۇنچە قىززىقسىمۇ ، چەتئەللەرگە ئاسانلىقچە چىقالمايدۇ. ھازىرقى جەمىيئىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇلۇپمۇ ياشلار چەتئەل تۇرمۇشىغا بەك قىززىقىدۇ . مېنىڭچە سەنمۇ بۇ خىل قىززىقىشتىن خالىي ئەمەس ، زۇمرەت . چەتئەلدە باياشاد تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك بۇنداق ئامەتكە پەقەت سېنىلا ئېرىشتۈرەي دەپ ئويلايمەن، سېنىڭچە قانداق ؟ - ئادىل زۇمرەتكە سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى . - مېنى كەچۈرۈڭ، ھۆرمەتلىك ئادىل ئەپەندى، مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە قۇشۇلالمايمەن . چۈنكى ، مەن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن بۇ ئانا يۇرتتىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن . شۇنى بىلىپ قېلىڭ ، ئادىل ، چەتئەل تۇرمۇشى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر مېنىڭ قىلچىلىك قىززىقىشىمنى قوزغىيالمايدۇ. مەن ئۈچۈن چەتئەلنىڭ گۈلزارلىقلىرىدىن، ئۆز يۇرتۇمنىڭ توپىسى ئۆرلەپ تۇرىدىغان تۇپرىقى مىڭ ئەلا . قىسقىسى ، مەن ھېچيەرگە بارمايمەن ،- دېدى زۇمرەت سۇغۇقلۇق بىلەن . - زۇمرەت ، سەن ھەرگىز بۇنداق كەم ئەقىللىق قىلما . بۇنداق جۇلدۇر- كېپەن يۇرتتا ياشاپ نىمە كەپتۇ ؟ بۇ يەردە ياشاشنى ئويلىغان بولساڭ ھامان بىر كۈنى قاتتىق پۇشايمان قىلىسەن . بۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلمىغان ، تەبىئى شارائىتى ناچار تۇرسا ، بۇ يەردە ياشاشنى شۇنچىۋالا ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭغا مەن بەك ھەيران . مەن بىلەن كەتسەڭ ، بىر ئۆمۈر پادىشاھنىڭ مەلىكىسىدەك باياشادلىق ئىچىدە ياشايسەن . مەن سېنى ........-ئادىلنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا ، زۇمرەت ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بېلىگە تەپتى . - مەن سىزگە بۇ ھەقتە ئوچۇق پىكرىمنى قانچە قېتىم دېسەم بولاتتى . مەن سىزگە قايتا - قايتا يۇرتتىن ئايرىلمايمەن دېگەندىكىن يەنە گەپ يورغىلىتىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ سىزگە شۇنى دەپ قۇياي، سىز مال - دۇنيانى ھەممىدىن يۇقىرى ئۇرۇندا قۇيىدىغان ، كىشىنىڭ ھېسياتىنى نەزىرىڭىزگە ئېلىپ قويمايدىغان ئاجايىپ پەس ئادەم ئىكەنسىز . شۇنى بىلىپ قېلىڭ ،- زۇمرەت ئادىلغا كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ئالىيىپ قاراپ قۇيۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى - بۇ دۇنيادا مال - دۇنيادىنمۇ ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدىغان بىر نەرسە بار ، ئۇنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ئەلۋەتتە بىلمەيسىز ، چۈنكى ھازىر سىز مال - دۇنيانى ھەممىدىن يۇقىرى ئۇرۇنغا قويغان ئاساستا ، پۇل ھەممىدىن قۇدىرەتلىك ئىلاھ دەپ قارايدىكەنسىز . مانا بۇ سىزنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىراتىڭىز . يۇرتنى سۆيمىگەن ئادەم باشقىلارنىمۇ سۆيمەيدۇ، سۆيگەن تەقدىردىمۇ چىن يۈرىكىدىن سۆيمەيدۇ. سىزدىن شۇنى سوراپ باقاي ، سىز پۇلنى ئاشۇنداق قۇدىرەتلىك ئىلاھ دەپ قارامسىز ؟ مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن . جاھاندا قەدىر - قىممىتى پۇلدىنمۇ ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدىغان بىر نەرسە بار ، ئۇ بولسىمۇ ئانا يۇرتقا ، قوۋىم- قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت تۇيغۇسىدۇر . بۇنداق تۇيغۇنى سىزدەك تۇزكۇرلار ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ. سىز ..... سىز ... ئاچام زۇننارنى بۇ يەردىن ، مەندىن ئايرىغاننى ئاز دەپ مېنىمۇ بۇ يۇرتتىن ئايرىماقچىمۇ ؟ سىز .... سىز .... - زۇمرەت ئاچچىقىدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى . زۇمرەتنىڭ بۇ گەپلىرىدىن سەل چۆچۈگەن ئادىل نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى - دە ، زۇمرەتكە قارىغىنىچە : ‹‹ مۇشتۇمچىلىك بىر قىزغا گەپ تېپىپ بېرەلمىسەم قانداق بولغىنى ؟ ئالدى بىلەن قولۇڭغا ئەللىك مىڭ يۈەننىڭ چېكىنى بىر تۇتقۇزايچۇ قېنى ، شۇ چاغدا شامدەك ئېرىمىگىنىڭنى بىر كۆرەي ، ئاياللارنىڭ خۇددى ئۆچكە يېغىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلمەيىتتىممۇ مەن ›› دەپ ئويلىدى ۋە ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىشقا باشلىدى .: - جېنىم زۇمرەت ، سەندىن ئۆتۈنەي ، تەلىپىمگە ماقۇل دە ، زۇننار شىركەتتە ناھايتى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ ، كاتىپلىق ئورنۇڭنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن ، زۇمرەت ، ھېلىمۇ سەن ئۈچۈن پەرۋانە بولۇپ كەتتىم ،- زۇمرەتنىڭ بارغانسېرى تۈرۈلۈپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ، مۇتتەھەملىك قىلمىسا گېپىنىڭ ئۆتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان يىگىت بىردىنلا بۆرە تېرىسىنى تەتۈر كىيىپ قىزغا ۋاقىرىدى ، - ھىم ، ھازىرغىچە مال - دۇنيانىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا ئېرىمەيدىغان بىرمۇ ئايال زاتىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم . سەندەكتىن نەچچىگە تېتىيمەن تېخى ، تولا گەپ يورغىلاتماي مەن بىلەن مېڭىشنىڭ كويىدا بول ، ئاتا - ئاناڭنىڭ ئاغزىنى پۇل بىلەن ئېتىمەن . پۇلنىڭ قانچىلىك قۇدىرەتلىك ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا بىلىسەن . خەپ مۇشۇ ئىشنى بىر پۈتتۈرۋالايچۇ قېنى ، مۇشۇ قىلغىنىڭغا سىنى بىر تويغۇزايكى ، بىر ئۆمۈر پۇشايمان ئىچىدە ئۆتكەيسەن . نەچچە ۋاقتتىن ساڭا كۆرسەتكەن مېھىر –مۇھەببىتىم ، قىلغان ئىلتىپاتلىرىم ئاز بولمىدى مېنىڭ ! - نېمىگە ۋارقىرايسەن لۈكچەك ؟ ئېيتە ، ئاچامنى مەندىن ، يۇرتتىن ئايرىغىنىڭ ، ماڭا قىلغان مېھىر- شەپقىتىڭمۇ ؟ ئائىلىمىزگە ، ئاكا - ئۇكىلىرىمنىڭ ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىمنىڭ تۇرمۇشىغا كەلتۈرگەن بەخىتسىزلىكلىرىڭ سېنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرىڭمۇ ؟ يەككە - يېگانە قالغان بىر قىزنى بۇنداق قەبىھ قىيناش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك ھەسرەتتە قالدۇرۇشقا قانداق كۆڭلۈڭ ئۇنىدى ؟ بۇنداق قىلىشقا ۋىجدانىڭ قانداق يول قويدى ؟ سەن ئادەم ئەمەس ، بەلكى ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالۋاستى ئىكەنسەن ئادىل ، ۋۇ ۋىجدانىنى ئىت يېگەن ئىپلاس ، شۇنى بىلىپ قوي سولتەك ، ئاتا - ئانام ھەر قانداق ئىشتا مېنىڭ ئاغزىمغا قارايدۇ ، سېنىڭ مېنى بۇ يەردىن ئەكىتىش خىيالىڭ ئۇخلىماي چۈش كۆرگىنىڭ ...... يوقال ، كۆزۈمدىن !.... تۈفى ...... - زۇمرەت يەرگە شالاققىدە تۈكۈرۋېتىپ ، ئادىلغا قاراپمۇ قويماستىن يىغلىغىنىچە كېتىپ قالدى . ئۇنىڭ بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان سىماسىغا قاراپلا قالغان ئادىل ، ئۆزى شۇنچە ئىنچىكە پىلانلىغان ئىشلارنىڭ دەل ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى ، ئۆزى بىلەن زۇمرەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان چوڭقۇر بىر ھاڭنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلدى - دە ، لاسسىدە بوشىشىپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا قالدى . مەنبەسى-2009-يىل كومپىيۇتېرىمدا ساقلانغان . |