پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 105|ئىنكاس: 4

كۈتۈلمىگەن پاجىئە(ھېكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 12:17:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۈتۈلمىگەن پاجىئە(ھېكايە)

كەۋسەر




باش باھار باشلانغان دەسلەپكى چاغلار ئىدى ، ھۆپۈپلەر تاللىق باغلاردىكى ئاچىلارغا قۇنۇۋېلىپ توختىماستىن سايراۋاتقان ، ئاندا-ساندا ئۆسكەن كوكاتلار ئەتىيازدىن خەۋەر بېرىپ غۇر-غۇر شامالىدا يەلپۈنۈپ ئىللىق قۇياش نۇرىدىن ھوزۇر ئېلىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى .  
ھاۋا كۈندىن كۈنگە ئىسسىپ ، كىشىلەر قىشنىڭ ياقى كىيىپ چىققان قېلىن چاپان ، تەلپەكلىرىنى تاشلاپ ، ئىچكى يۇڭ  كىيىملەردىن ئاجراپ ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ تەييارلىقىغا جىددى كىرىشىپ كەتتى .  قاش دەريا يېزىسىدىمۇ دېھقانلار بۇغداي ئۈچۈن بېرىلگەن بىرىنچى تومۇ سۈيىنى بۇغداي ئېتىزلىرىغا باشلاپ ، بۇغدايلارنى تولۇق سۇغۇرىۋېلىش ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز دىمەي ئۆستەڭ-ئېرىقلارنى بويلاپ ئېتىزلىقلىرىغا يۈگرىشەتتى . بۇ قاتاردا يېزىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بازار كەنتىدىكى ئەسقەر ، ئالىم ، ئەلى ، مەمەت ، ئەزىمەت، ئەھەت قاتارلىق ئالتە ئاغىنىنىڭمۇ بۇغدايلىرى سۇغا قېنىپ ،سۇغىرىش ئىشلىرى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى .
كېچىچە ئېتىزلىقلاردا مۈگدەپ پۇتلىشىپ ، سوغۇق سۇلارغا ئاياقلىرى بىلەنلا كىرىپ توڭۇپ ۋە چارچاپ كەتكەن دوسىتلار بىرجايغا جەم بولدى .
ئارىدىن ئەسقەر : باللا ، كېچىنىڭياقى سۇلاق قىلىمىز دەپ ، بەك ھېرىپ كەتتۇق . ئەمدى بولسا ئىشمۇ تۈگىدى ، بىريەرگە ئوبدان يىغىلىپتىمىز ، ئانچە-مۇنچە پەيزى قىلمايلىمۇ ،-دېدى .
ئارقىدىنلا ئەزىمەت : ئاداش ھەجەپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى تېپىپ دېدىڭ ، مەنمۇ ھازىرلا دەي دەپ تۇراتتىم ، بالىلار ، قانداق قىلىمىز ؟!
-ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىش كېرەك ،
-ھازىرلا ماڭايلى ،
-موتولارغا ماي قۇيۇپ ھازىر قوزغىلايلى !
شۇنداق قىلىپ بۇ ئالتە دوسىت كۈن غەربكە پېتىۋاتقان ، غەربتىن قىزىل ئۇپۇق بالقىۋاتقان  مەزگىلىدە ، موتولىرىغا يىتەرلىك ماي قۇيۇشقاندىن كىيىن قاش دەريا يېزىسىنىڭ 40 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان بوز يەر يېزىسىدىكى بىر شەخسى ئېچىۋالغان شوپاڭخانىنى نىشانلاپ مېڭىشتى .
ئالاھەزەل ، بىر سائەتلەردىن كىيىن ئالتەيلەن بۇ مەيخانىغا يىتىپ كىلىشتى . مەزكۇر مەيخانا ئەسلىدە بوز يەر يېزىسىنىڭ يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ قېشىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، بازار بويى بولغاچقا كېچە ھاراق ئىچىپ ، تەۋكا تۈزىدىغانلار جىقلاپ كىتىپ جەڭگى -جىدەللەر قۇرۇمىغان ، نەتىجىدە ساقچىخانىمۇ بۇ قاتارلىق ماجرالارنى بىرتەرەپ قىلىپ بۇلالماي زېرىكىپ ، ھاراقخانا خوجايىنىغا دۇكاننى باشقا جايغا يۆتكەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن .
ھازىرقى ئورنى بولسا يېزا مەركىزىدىن بىر كىلومېتىر ئاخىرىدىكى ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان كەنىت ئىچى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەبرىستاننىڭ يېنىغىلا جايلاشقان ئىدى .
ئالتەيلەن شامدىن كىيىن سائەت 8:30 لەر بىلەن مەيخانىغا كىرگۈدەك بولسا  مەيخانىدا شۇ يېزىدىن 5-6 ئادەم ئالدىلىرىغا بىر-ئىككىدىن تىكلەپ قۇيۇپ  ئولتۇرۇشۇپ ، ئۆزىنىڭ پاراڭلىرىغا چۈشكەن ئىكەن ، ئالتە دوسىت مۇۋاپىق بىر ئورۇننى تاللاپ ئولتۇرۇپ سورۇن تۈزدى ،
ھەي قۇربان ئاخۇن -، توۋلىدى ئەسقەر ، ئاقتىن ئىككى بوتۇلكا ئەكەل !
-ماقۇل ، ماقۇل ، -قۇربان ئاخۇن ھايال ئۆتمەيلا قولىدائىككى بوتۇلكا ئاق ھاراقنى كۈتۈرۈپ بىر تال رۇمكا بىلەن ئېلىپ چىقتى .
-نىمە لازىم ؟-سورىدى قۇربان ئاخۇن ،
-بىزگە چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسىدىن بىرنى ، سوغۇق سەيلىرىڭدىن كەلتۈرىۋەر -، دېدى ئەسقەر .
بۇيرۇتمىلار يېرىم سائەتكە قالماي تەييار بولدى ، دوسىتلار تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ بىردەمدىلا ئىككى بوتۇلكا ھاراقنى تۈگىتىپ بولدى .
ئۇلار ئەمدى قۇربان ئاخۇننى چاقىرىپ ھاراق ئېپچىقىشقا بۇيرۇيلى دەپ تۇرغاندا ، شۇ يېزىدىكى ئەختەم جودانىڭ ئىككى شوركىسى مەيخانىغا كىرىپ كەلدى ۋە : ماۋۇ لاتىلارمۇ باركىنە بۇيەردە ،-دېدى قاپىقىنى تۈرگىنىچە ،
-ئاداش كېلىڭلار ، بۇيەرگە ، ئولتۇرۇڭلار -دېدى ئەسقەر ئۇلارغا ،  
-ماڭە ھېجىقىز ، كۆتۈڭنى قىسىپ جىم ئولتۇر ،بولمىسا گەدىنىڭنى ئۇتاپ قويمايلى يەنە -دەپ تىل سالدى يەنە بىرسى ،
ئەسلىدە ئۆتكەن بىر سورۇندا ئەسقەر بىلەن بۇ ئىككىسى گەپ تالىشىپ قالغانىكەن .شۇڭا بۇلار ئاتايىتەن بۇ ئالتىسىنىڭ مۇشۇيەردىلىكىنى بىلىپ ،ئەسقەرنى بىر قېتىم ئەدەپلەپ قۇيۇش مەقسىتىدە بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى .
-ئاداش ، ئادەم تىللىماڭلار ، مەن سىلىگە يامان گەپ قىلمىدىمغۇ ؟ -دېدى ئەسقەر .
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھېلىقى ئىككى شوركىدىن بىرسى قوينىدىن بىر كالتەكنى چىقارغىنىچە ئەسقەرنىڭ بېشىغا قارىتىپ بىرنى سالدى .
ۋايجان -، ئەسقەر بېشىنى تۇتۇپلا قالدى .
ئالىم ، ئەلى ، مەمەت ، ئەزىمەت ، ئەھەت قاتارلىقلارنىڭ بىردىنلا جۇدۇنى تۇتتى -دە ، ھەممىسى تەڭلا ئورنىدىن قوزغىلىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە سېلىشقا باشلىدى .
ئارىلىقتا دەسلەپ تاياق سالغان بىرسى غىپ قىلىپلا مەيخانىدىن چىقىپ قېچىپ كەتتى ، ئۇنى ھېچيەردىن تاپقىلى بولمىدى ، كىچە قاراڭغۇلىقى بولغاچقا ئۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى .
بالىلار قايتىپ كىرىپ قالغان بىرسىنى قاتتىق ئۇرىۋەردى ، شۇ ئارىلىقتا مەيخانا خوجايىنى قۇربان ئاخۇن ئاجرىتىشقا كەلگەن ئىدى ، قېنى قىزىپ ، ھاراقنىڭ ئاز-تولا كەيپى تۇتۇپ ئۆزلىرىنى زادىلا توختىتىۋالالمىغان بالىلار قۇربان ئاخۇننىمۇ ئۇرۇپ كەتتى .
بۇ جىدەلنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن قۇربان ئاخۇننىڭ ئايالى مەڭنىسەخان دەرھال پۇكەيگە بېرىپ بوز يەر يېزىلىق ساقچىخانىغا تىلفۇن بېرىپ ئەھۋالنىڭ تەپسىلى جەرياننى دوكلات قىلدى .
ئۇرۇشۇۋاتقان بالىلار ساقچىلارنىڭ كىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىشىپ دەرھال ئۇرۇشنى توختىتىپ تالاغا ئۆزىنى ئاتتى -دە ، تەرەپ-تەرەپكە تاراپ كەتتى .
ئەسقەر ، ئالىم ، ئەلى ،  قاتارلىق ئۈچەيلەن موتولىرىنى ئالدىراش ھەيدىگىنىچە شۇ يېزىدىكى ئورمانچىلىق پونكىتىدىكى ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيى ئالدىغا بېرىپ ئىشىكلىرىنى بىر ھازا جالاقشىتىپ ئويغاتتى-ۋە موتولىرىنى ئۇنىڭكىدە ئامانەت قۇيۇشۇپ ئۆزلىرى قاياققىدۇر يوقالدى . مەيخانىدىكى تاياق يەپ زەخمىلەنگەن ھېلىقى جىدەلخورنىڭ شېرىكىنى مەيخانا خوجايىنى قۇربان ئاخۇن ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى . ( ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە ياخشى بۇلۇپ قالغانىدى )
شۇ ئارىلىقتا ساقچى پونكىتىدىكى خادىملار ماشىسىنىڭ چىراقلىرىنى ياندۇرۇپ ، سىگىنال بەرگىنىچە قۇربان ئاخۇننىڭ مەيخانىسى ئالدىغا يىتىپ كەلدى ۋە قۇربان ئاخۇن بىلەن ئەھۋاللىشىپلا جىدەل چىقارغۇچىلارنى قوغلاپ تۇتۇشنى باشلىۋەتتى .

ساقچىلار ماشىنىنى چوڭ يولنى بويلاپ شىمالغا قاراپ 100-200 مېتىر ماڭمايلا موتورىنىڭ ئوتى ئۈچۈپ قېلىپ ئوت ئالدۇرالمايۋاتقان مەمەت بىلەن ئەزىمەتنى كوپلا قولغا چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ماشىنىغا باسقاندىن كىيىن يەنە قوغلاشنى داۋاملاشتۇردى . بۇ ئالتەيلەندىن ئەھەت يالغۇز ئايرىلىپ قالغان بۇلۇپ ، ئۇ چوڭ يولنى بويلاپ داۋاملىق شىمالغا قېچىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ موتورىنىڭ چىرىقى يوق بولغاچقا بەكمۇ تېز ھەيدىيەلمەيۋاتاتتى .
شۇ ئارىلىقتا ساقچى ماشىنىسنىڭ سىگنال ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئارقىدىنلا ساقچىلار ئۇنى بايقاپ قېلىپ ئۇنىڭغا يانداشتى ، ئەھەت تېخىمۇ تېز ھەيدەپ ئۇلارنى ئارقىدا قالدۇرۇش ئۈچۈن ماينى قاتتىق تولغىدى -دە ، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى ، ئەپسۇس-،كۈچلۈك چىراق يورۇقى بىلەن ھېچنىمىنى كۈرەلمەي يولنىڭ بىر تەرىپىگە دۆۋىلەپ قۇيۇلغان خىشقا موتونى ئۇردى-دە ، ئۆزى بىريانغا ئۇچۇپ كەتتى ، موتومۇ بىر سىلكىنىپ توختاپ قالدى .
(مۇشۇ يېقىندىكى سوتسىيالىسىتىك يىڭى يېزا بەرپا قىلىش سىياسىتىنىڭ روھى بۇيىچە يول بويىغا جايلاشقان ئائىلىلەرنىڭ يول تەرىپىگە قارايدىغان تامنى خىش بىلەن قوپۇرۇپ تام ئېتىلىدىغان بولغاچقا ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىك-دەرۋازا ئالدىغا خىش دۆۋىلەپ قۇيۇلغان ئىدى) .
ساقچىلار يىتىپ كېلىپ ئەھەتنىڭ پۇت-قولىدىن يۆلەشتۈرۈپ ، ماشىنىغا سالدى-دە ، ئۇدۇل ساقچىخانىغا يۈرۈپ كەتتى . بۇ چاغ كىچە سائەت 11:00 دىن ئاشقانىدى .  
كېچىچە ساقچىلار مەمەت بىلەن ئەزىمەتنى سوراق قىلىپ چىقتى ، ئانچە-مۇنچە ئەدەپلەپ مەيخانىدا جىدەل چىقارغانغا تويغۇزدى .
ئەھەت بولسا بىھۇش ھالدا ساقچىخانىنىڭ ئايرىم ئۆيىدە ياتقۇزۇلۇپ قۇيۇلغانىدى .
ساقچىلارنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپلا قېچىپ كەتكەن ئۈچ ئاغىنە كىچە تۈندە يان تىلفۇنلىرى ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاران تەسلىكتە مۈكۈۋالغان جايلاردىن چىقىشىپ بوز يەر يېزىلىق توك تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ئالدىدا ئۇچراشتى . ئەسلىدە بۇ توك تەمىنلەش شىركىتى ، ئەتراپىدا ھېچقانداق ئائىلە ئولتۇراقلاشمىغان خىلۋەتتىكى بىر شورلۇق يەرگە بەرپا قىلىنغان .
ئۇلار بىرھازا بىر-بىرىگە تاپا-تەنە قىلشقاندىن كىيىن ئاخىرى مەھەللىسىگە قايىتماي ، كۆكنۇر شەھىرىگە كېتىشنى قارار قىلىشتى .
ئەسقەر قاش دەريادىكى ئاغىنىسى ، شوپۇر ئابدىكېرىمگە تىلفۇن قىلىپ ئويغاتتى ۋە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ دەرھال ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان جايغا يىتىپ كىلىشنى ئېيىتتى .
تەخمىنەن بىر سائەتلەردىن كىيىن ئابدىكېرىم ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىپ كەلدى ۋە بۇ ئۈچەيلەننى ماشىنىغا سالغىنىچە كۆكنۇر شەھىرىگە قاراپ يول ئالدى .
كىچە تۈن تەڭدىن ئاشقاندا بۇلار شەھەرگە كىرىپ كەلدى ، چەترەك جايدىن ياتاق ئاچقۇزۇپ، بىر-ئىككى تالدىن تاماكا چىكىشكەندىن كىيىن  ئۇيقىنى باشلىۋەتتى .
بۇلار تاڭنى ئاتقۇزۇپ ئالدىراپ-تىنەپ ياتاقىتىن چۈشتىدە ، ئاشخانىغا كىرىپ ئازراقتىن قورساقلىرىنى ھۆتۆتلىۋېلىپ ئۆز يېزىسىغا قاراپ يۈرۈپ كىتىشتى .
بوز يەردىكى ساقچىخانغا كىرىپ قالغان مەمەتنىڭ ئىككى تۇغقان ئاكىسى ئەسلىدە جاي يېزىسىدا ساقچىخانا باشلىقى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان ئىدى . ئۇ ئىنىسى ۋە ئىنىسىنىڭ دوستىنىڭ ساقچىخانىغا كىرىپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دەرھال ماشىنىسىغا چۈشۈپ بوز يەر يېزىلىق ساقچىخانىغا يىتىپ كەلدى .
ئۇ ساقچىخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ بىرھازادىن كىيىن يېنىپ چىقتى ، شۇنىڭ بىلەن سولاقتىكى مەمەت بىلەن ئەزىمەت قۇيۇۋېتىلدى .
موتودا دۆۋىلەنگەن خشقا ئۈسۈپ يېتىپ قالغان ئەھەتنى ساقچىلار ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا داۋالىتىشقا ئەكىردى ، ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خەۋەر بەردى .
ئۇ دوختۇرخانىدا ئۈچ-تۆت كۈن يېتىپ داۋالانغان بولسىمۇ سەللىمازا ساقىيىپ كىتەلمىدى ، ئارىدىن يەتتە كۈن ئۆتكەندە يېشى تېخى 23 كىمۇ تولمىغان ئەھەت يۈرەك بېغىشى ئېغىر زەخمىلىنىشتىن ئۈزۈلۈپ كىتىش سەۋەبى بىلەن ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ، پانى ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك  ۋىدالاشتى .
رەھمەتلىكنىڭ نامىزىدا ئىمام ئارتۇقچە گەپمۇ قىلمىدى ، جىمجىملا كۆتۈرۈلۈپ بېرىپ قەبرىستانلىققا قارار تاپقۇزۇلدى .

تۈگىدى .
ئۈزۈمنىڭ يازمىسى.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 3 + 2 + 5 + 2بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 2 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 13:55:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ !بۇراست بولغان ۋەقەمۇ ياكى ئيلاپ يازدىڭىزمۇ ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 14:40:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راسىت بولغان ۋەقە ئىدى . بۇ ئىشلارغىمۇ 3-4يىل بولۇپ قالدى .
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:22:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە كەۋسەر ئەپەندىم . سىز بۇ ۋەقەنى ھەقىيقى يېزىپ يوللاپسىز . مەن بۇ ۋەقەنى تۇلۇق چۈشەندىم . مەن ئورنىنىمۇ بىلىدىكەنمەن. ھازىر  ئۇ قەبرىسرانلىقتىن ، ھېلىقى دەريا بۇيىغا يوتكەلدىغۇ دەيمەن . ھازىرمۇ ئىچىپ تاماششا قىلىدىغانلار بارمىدۇ قانداق . ئاڭلىسام ئۇيەرگە خېلى يۈزلۈك كادىرلارمۇ كىرەرمىش . ئۈزىنىڭ ئابىرويىنى  ساقلىمايدىغان . رەخمەت سىزگە ھەممىمىز بۇ  ھەقىيقى كۈتۈلمىگەن فاجىيەدىن قاتتىق ئىبىرەت ئالايلى .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 10:36:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ۋەقەلەردىن ھوشىمىزنى تاپايلى
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:21, Processed in 0.146890 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش