پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 113|ئىنكاس: 6

مانا بۇ ھەقىقى ئايال[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 12:14:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا بۇ ھەقىقى ئايال


   


مېھرىنى ھەممىگە، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقىي مۇھەببەتلىك ئايال؛
ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان، ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايال؛
ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان، ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەخلاقلىق ئايال؛
گۈزەللىكنى جاھان ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان، لېكىن ئۇنى ھەرگىز بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقىي نومۇسلۇق ئايال؛
كۆڭلى بولمىسا، ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ، ئىشقى باغلانسا، كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئىپپەتلىك ئايال؛
ھالۋىنى تولا يېگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شېرىن ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي خۇلقلىق ئايال؛
ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان،ھەم يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي ۋاپادار ئايال؛
راستنى ھامان راست دەيدىغان، لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە، چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدىمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي سەمىمىي ئايال؛
ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغالايدىغان، ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان، شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى، يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقىي سالماقلىق ئايال؛
چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ، ھۇۋۇلداپ قالغان ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان، لېكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چېچېپ ئۆينى يانغىنغا ئايلاندۇرۇۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەقىللىق ئايال؛
ئۆزىنى قەدىرلىگەنگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزىنى خارلىغانغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي غورۇرلۇق ئايال؛
ھېجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان، بېشىغا جۇدالىق كەلسە، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋىتىپ، يەنە يېڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ساداقەتمەن ئايال؛
بالا ئۈچۈن ئانا زېمىندەك بارلىق ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان، ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان-ئېسەن تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بېرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي پىداكار ئايال؛
پەرزەنتىنى تۇنجى ھەم ئۈمۈرلۈك ئۇستاز سۈپىتىدەتەربىيلەشنى بېلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق ئۈزلۈكسىز تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايال...
مانا سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سەندە تاكاممۇللاشسا، سەن ھەقىقىي ئايال، ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايال...
مانا سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سەندە تاكاممۇللاشسا، سەن ھەقىقىي ئايال، ئەڭ ھەقىقىي ئايال!!!

مەنبە: يازغۇچى ئەخمەد ئىمىننىڭ <ئايال> ماۋزۇلۇق نەسىرىدىن ئېلىندى.
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
92 دانە
تۆھپە
547 سەر
شۆھرەت
655 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 12:18:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رھمەت دوستۇم، ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق تۈردە يوللاپ تۇراسىز، بۇ تېمىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم.
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 13:57:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى  تېما يوللايدىغان بۇلۇپ كەتىڭلارغۇ ئاداش !راست كەۋسەردەك تاتلىق تېمىكەن بۇ!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2681 سەر
تىللا
1160 دانە
تۆھپە
1291 سەر
شۆھرەت
1403 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 16:25:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ھەقىقەتەن ياخشىكەن.يارايسىز

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1058 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:15:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت كەۋسەر ئەپەندىم يېقىندىن بىرى بەك ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز . مۇمكىن بولسا ئىجادىي تىمىللىرىڭىزمۇ ئۈزۈلمىگەي . ئەتىكى ئۇرۇن سىزنىڭمۇنبىرىمىز  سىزنىڭ  ئىجادىي يازمىللىرىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ. مۇنبەردىكى بارلىق زىيارەتچىلەرمۇ تىمىڭىزنى ئۇقۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ . قەنى قايسى تىمىللىرىڭىز ئارقىلىق مۇنبەر ئەھلىگە جاۋاپ قايتۇرالايدىكەنسىز .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1058 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:15:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت كەۋسەر ئەپەندىم يېقىندىن بىرى بەك ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز . مۇمكىن بولسا ئىجادىي تىمىللىرىڭىزمۇ ئۈزۈلمىگەي . ئەتىكى ئۇرۇن سىزنىڭمۇنبىرىمىز  سىزنىڭ  ئىجادىي يازمىللىرىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ. مۇنبەردىكى بارلىق زىيارەتچىلەرمۇ تىمىڭىزنى ئۇقۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ . قەنى قايسى تىمىللىرىڭىز ئارقىلىق مۇنبەر ئەھلىگە جاۋاپ قايتۇرالايدىكەنسىز .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
638 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
386 سەر
شۆھرەت
402 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 17:38:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى ئايال بولماق ھەقىقەتەن بەك تەس ،بۇلۇپمۇ جەميەت تەرەققى قىلۋاتقان ،ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياج كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋىردە ئۆز شەخسىيىتىدىن ھالقىغان ھالدا مۇكەممەللىككە ئىرىشىش قىيىن بىر ئىش .
تېمىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم ،ئۆز ئۆزىمىزنى ئوپراتسىيە قىلىپ تۇرۇشىمىزغا پايدىسى بولغۇدەك .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 11:23, Processed in 0.139784 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش