پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 104|ئىنكاس: 2

ئوقۇتقۇچىلار قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىناق مۇناسىۋەت ئ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
110
قىزغىنلىق
749 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
441 سەر
شۆھرەت
737 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 10:09:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئوقۇتۇش قارىشىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭى تىپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئورنۇتۇش نۆۋەتتە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت تەلىپى ۋە ۋەزىپىسىگە ئايلاندى. ئىناق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كىرەك.

   1. ئوقۇغۇچىلارنى ئىززەتلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش كىرەك. ھۆرمەتلەش ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، كۆيۈنۈش ئوقۇتۇشنىڭ كاپالىتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا كۆيۈنىشى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلىشى بىر- بىرىنى شەرت قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆيۈنىشى بولمىسا ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى ۋە قىزغىنلىقى بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگۈنۈش جەھەتتىنلا كۆيۈنۈپ، ياردەم بېرىپلا قالماي، بەلكى يەنە تۇرمۇش، ئىدىيە جەھەتتىمۇ كۆيۈنىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىدىيەسى، پىسخىكىسى، ئۆگىنىش ئەھۋالى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلى ئىگىلىمىسە ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىقئوقۇغۇچىلارنى ئومۇمى يۈزلۈك چۈشۈنىشكە كۈچ سەرىپ قىلىش كىرەك.ئۇندىن باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كەڭرى، ئازادە بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كىرەك.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە قارىشىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرىپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش سۈپۈتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش كىرەك.

   2. ئوقۇتقۇچى ئۈلگە بولۇش كىرەك. ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى ئوبرازى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئىناق بولغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئورنۇتۇشتا ئوقۇتقۇچىلاردىن سۆز ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەركىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار سۆز-ھەرىكەت، يۈرۈش-تۇرۇشتا مەدەنىيەتلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ياخشى ئوبراز تىكلىشى كىرەك.

   3. ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئۇنۋىرىسال ساپاسىنى تىرىشىپ يۇقۇرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدا ئىناق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشتىكى ئاچقۇچ. بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئورنۇتۇش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشنى، توغرا يېتەكلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىلمىي بولۇش، ئەخلاقلىق بولۇش ۋە ئىقتىدارلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.




  مەنبە:  ئىلى گېزىتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 14:06:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇقۇتقۇچىلارغا كېرەكلىك ياخشى تېما ئېكەن كۆپ رەھمەت سىزگە!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1058 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 01:10:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇقۇتقۇچىلارغا كىرەكلىك بولغان ياخشى ماقالا ئىكەن يوللىغىنىڭىزگە رەخمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 01:10  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 10:49, Processed in 0.146064 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش