پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 98|ئىنكاس: 3

مۇبارەك[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 00:04:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مــۇبــارەك

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

قوشنام، يېڭى ئۆيۈڭنى ئېلىۋاپسەن، مۇبارەك،
سۇپىسىغا كىگىزمۇ سېلىۋاپسەن، مۇبارەك،
بىر كېچىدە يۆتكىلىپ كېلىۋاپسەن، مۇبارەك،
بىر كۈن ئۆتمەي «پەتە» مۇ قىلىۋاپسەن، مۇبارەك،
چىللاپ مېھمان، ناغرا-ساز چېلىۋاپسەن، مۇبارەك.

ھەپتە بولغان باغىقىڭ يەتمىگەنتى قوللارغا،
كۆچمىگەنتىڭ ئۆيدىنمۇ، مېڭىپ باشقا يوللارغا،
چۈشكەن چېغى ھاجىتىڭ ئەمدى بىزنىڭ «دوللار» غا،
سەن ئۈچۈنلا پۇل تاپقان قوشنىلارغا-گوللارغا،
تەشنالىقنى ئاخىرى بىلىۋاپسەن، مۇبارەك.

باركەن ئەجەپ جان قوشنام، تاقىتىڭمۇ-سەۋرەڭمۇ،
«پەتە» سىنى ئۆيۈڭنىڭ كۆرۈۋالسۇن نەۋرەڭمۇ ،
ساپ ئالتۇنغا ئايلانغاي تارتقان جاپا-جەۋرەڭمۇ،
چىللار بىزنى «پەتە» گە بەلكىم سېنىڭ قەۋرەڭمۇ،
پۇل تېپىشنىڭ ئېپىنى تېپىۋاپسەن، مۇبارەك.

بارالمىغان بىز كىچىك سېنىڭ خەتمە تويۇڭغا،
قىزلىرىڭ بار، خەتمە توي كەلسىمۇ كۆپ ئويۇڭغا،
تاقار ئىدۇق بولمىسا زىبۇ-زىننەت بويۇڭغا،
ھەمدەم بولۇپ قوشنىلار ئىشلىرىڭغا-كويۇڭغا،
قولىمىزدا بېشىڭنى سىلىۋاپسەن، مۇبارەك.

بولسۇن سېنىڭ بۇ «پەتە»ڭ «پەتە» لەرنىڭ يازلىقى،
تۆت پەسىلدە ئۆي كۆچسەڭ باردۇر يەنە ئازلىقى،
چىقىپ تۇرغاي «پەتە» ڭنىڭ بىر-بىرىدىن سازلىقى،
ئايان بولسۇن قوشناڭنىڭ ئۆردەكلىكى-غازلىقى،
بىزنى خەتلەپ دەپتەرگە جىلىۋاپسەن، مۇبارەك.

خىزمىتىڭمۇ يۆتكەلگەن، ئورنۇڭ يېڭى، ئۆزۈڭمۇ،
كىم يېقىنىڭ بالدۇرراق كۆرۈپ قويسۇن كۆزۈڭمۇ،
باغاق دېگەن بۇيرۇق شۇ، ئاقامدۇ-يوق سۆزۈڭمۇ،
«پەتە» لەردە بىلىنەر باشلىقلىقىڭ-يۈزۈڭمۇ،
كۆكرىكىڭنى ئاجايىپ كېرىۋاپسەن، مۇبارەك.

تېخى سېنىڭ «ئۆي پەتە»ڭ ئونغا توشماس ساناقتا،
بارالمىدۇق  «پەتە»ڭگە قونغان چېغىڭ ياتاقتا،
بارغان سەنمۇ «پەتە»گە ياش ئۇيۇتۇپ چاناقتا،
بىر ساندۇقۇڭ لىق تولغان ئەللىك سوملۇق باغاقتا،
بۈگۈن ساناپ ئۇنى سەن تېرىۋاپسەن، مۇبارەك.

قازاننىمۇ ئېسىپسەن تازا ئاينىڭ بېشىدا،
تىزىملىكنى نەخ قىلىپ داستىخاننىڭ قېشىدا،
يانچۇق تۈگۈل مائاش بار چاپانلارنىڭ پېشىدا،
خاتىرجەم بول ئېشىڭ بار مەھەللىنىڭ دېشىدا،
بىر كاپام ئاش يۈز سومغا بېرىۋاپسەن مۇبارەك!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 00:33  

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 00:29:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ئالاھىدىن  ئابدىرشىت ئاكا . يازغان ئاشۇ قوللىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي .شىئېرنى بەك ياخشى يازىدىكەنسىز. .سىز ئۈزىڭىزنىڭ ئىجادىي يازمىللىرىڭىزنى  مۇنبەر ئەھلى ئۈچۈن سۈنۈپ مۇنبەرنىڭ بۇندىن كىىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن كوپ جاپا چىكىۋاتىسىز .
بايقاش مۇنبىردىكى بارلىق كونا يىڭى ئەزالار نامىدىن سىزگە يەنە بىر قېتىم سالام ھەم تەشەككۈر يوللايمەن.
بۇ شېئىرىڭىدا يېقىن قوشنىڭىزنىڭ يىڭى ئويلەرگە كىرىپ باياشات تۇرمۇشقا ئىرشىش ئەھۋالى ھەم  شۇ قوشنىڭىزغا  تۇلىمۇ ھىسداشلىق قىلىپ  ئۇلارغا يار يۈلەكتە بۇلۇشتىن ئىبەرەت مۇھىم مەزمۇننى ئەكىس ئەتتۈرۈپسىز . رەخمەت سىزگە .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 04:56:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسەن ، بىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدىكى نورمال بېرىش-كېلىشنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسىگە ئايلاندۇرىۋالىدىغان ئىللەتلەر ئۆتكۈر يۇمۇرىستىك تىل ۋاستىسى ئارقىلىق دەل جايىدا قامچىلىنىپتۇ. ئەجرىڭگە رەھمەت !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
908 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 14:40:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالاھىدىن ئەپەندىم ... تەپەككۈرلىرىڭىز يەنىمۇ پەرۋاز قىلغاي. مال-دۇنيا نەپسىنى تېخىمۇ يوغان ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك خىسلەتلىرىنى ئۇنتۇپ،شۆھرەتپەرەسلىك نەپسانىيەتچىلىك بايتاللىرىغا مىنىپ ئۆزگىچە تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان، بۇ قىلمىشلىرىدىن قىلچىمۇ خىجىل بولماي ،‹‹ كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزدۈم ››.دەپ  مەيدىسىنى كىرىپ يۈرگەن  ‹‹ھۆرمەتلىك گادايلار ›› قامچىڭىز ئاستىدا تولغانسۇن....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 10:28, Processed in 0.126850 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش