يېڭىسارنىڭ تاغلىرى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
«يېڭىسارنىڭ تاغلىرى» دەپ توۋلىغان بەرنا قېنى؟ ئۆكسىمەس ئاھۇ-بۇلاقلار، كۆزلىرى شەھلا قېنى؟
مۇڭلىنار سۇلار ئېقىپ، تاشلار پەرىشان سۆزلىگەي، سۇلىرىڭنىڭ، تاشلىرىڭنىڭ سىردىشى دەريا قېنى؟
ئىزدىدىم ناقىسنى ئەرشىڭدىن-زېمىندىن، سەن گۇۋاھ، قانىغان باغرىڭدا شۇڭغۇپ ئۇچقىلى ئەنقا قېنى؟
«تۇردىئاخۇن!» دەپ مۇقاملار يىغلىغاي تۇپراق بىلەن، كۆكتىكى چوققاڭدا پارلاپ ئۆڭمىگەن دۇنيا قېنى؟
«تاغمۇ-تاغلاردىن ئېگىز» ئۈستۈڭدە ئادىل دارلىرى، پىلسىراتلارغا تۇتاشقان رىشتىگە شەيدا قېنى؟
مەن ئۆلەرمەن، تاغ ئەمەسمەن، تاغ كەبىي باشىمدا دەرت، داجىدىم ھەردەم ئۆزۇمدىن، مەندىكى مەنا قېنى؟
2012-يىلى، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، يېڭىسار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-13 16:06
|