پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 95|ئىنكاس: 2

خىزمەتداشلار سەمىگە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 15:20:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خىزمەتداشلار سەمىگە

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

كاتتا زات شوجاڭ دېگەن، ھۆرمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى،
باش ئۇرۇپ تازىم بىلەن ئىززەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛
كۈندە مىڭ «خوش-خوش»نى پەرز-سۈننەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛
توغرا ئۆتمەڭ ئالدىدىن، دىققەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛
ئۆزىڭىزنى قۇل بىلىڭ، بەيئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

ئالمىغان ھوقۇقنى ئۇ ھەرگىز ئاسانلا قولىغا،
تېشىلىپ كەتكەن تاپانلار كۈندە ماڭغان يولىغا،
ئورا كولاپ مىڭ جاپادا باشقىلارنىڭ ھۇلىغا،
سېتىۋالغان تۆگىنى ئۇ تۈگمە ساتقان پۇلىغا،
توشسىمۇ پەيمانىڭىز تاقەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

شۇڭا ئۇ ھوقۇقنى شۇنداق كەلسە-كەلمەس ئىشلىتەر،
كوچىلاردا چاپتۇرۇپ ئات، خالىغانچە كىشنىتەر،
ئىتلىرى كۆپ ئالدىدا، بۇيرۇق بىلەن كىش-كىشلىتەر،
سىز بىلەن مەندەكنى بىر دوكلات بىلەن يەر چىشلىتەر،
مۆرىمەسلىكنى ئېسىل خىسلەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

ئالتە كۈندە سىزگىمۇ «تارقاقلىشىش»①نىڭ گېپى بار،
بېشىڭىزدا ئوينىتىشقا باخشىلارنىڭ دېپى بار،
ياخشىلارنى «ئىقتىدارسىز»دەپ چېقىشقا ئېپى بار،
«يا قىزىل، ياكى ئىگىزيەر②گە مېڭىڭ»دەپ خېتى بار،
كۈندە بىر شوجاڭ بىلەن سۆھبەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

سىزنى قوغلاپ ئورنىڭىزغا تۇققىنىنى قويىدۇ،
ئىززىتىنى-ھۆرمىتىنى ئۇققىنىنى قويىدۇ،
پايدا-مەنپەت نەدە بولسا يۇققىنىنى قويىدۇ،
ھەر كۈنى كۆڭلىنى بىر رەت ئۇتقىنىنى قويىدۇ،
قولىڭىزنى كەڭ ئېچىڭ، ھېممەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

بىرلىرى ۋالىيغا يا شۇجىغا يۇرتداش كېلىدۇ،
بىرلىرى ھاكىمغا تۇغقان، دوست-ساۋاقداش كېلىدۇ،
بىرلىرى شوجاڭ بىلەن سىرداش-پىكىرداش كېلىدۇ،
بۇنى ئېيتساق ئاغزىمىزغا ئاش ئەمەس، تاش كېلىدۇ،
سىزمۇ چوڭ باشلىقنى دوست-ئۈلپەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

بولسىڭىز خانىم ئەگەر، لىپتىكنى سەل جىڭراق قىلىڭ،
مەيدىڭىزنى كۆتۈرۈڭ-ئەمچەكنى سەل دىڭراق قىلىڭ،
ساغرىڭىزنى ئارقىڭىزغا چىقىرىڭ-چىڭراق قىلىڭ،
ئەتە-ئۆگۈن دەپ يەنە يۈرمەڭ، بۇنى تېزراق قىلىڭ،
ئېرىڭىزنى كۆندۈرۈپ نەسىھەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

ئۆيىڭىزگە ئاخشىمى پاقلان سويۇپ باشلاپ تۇرۇڭ،
«شوجىڭىم»دەپ، «باشلىقىم»دەپ كۆڭلىنى ياشلاپ تۇرۇڭ،
دۇمبىسىنى ئۇۋۇلاپ خوشياقتۇرۇپ قاشلاپ تۇرۇڭ،
تال چىۋىقتەك تولغۇشۇپ قاش-كۆزنىمۇ تاشلاپ تۇرۇڭ،
ۋايىغا بىر يەتكۈزۈڭ، غەيرەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

«ئىشلىدىم جان كۆيدۈرۈپ خىزمەتنى مەن» دەپ جۆيلىمەڭ،
يەتمىسە شوجاڭغا نەپ، بۇ بىر قۇرۇق گەپ، جۆيلىمەڭ،
تاغنى تالقان قىلسىڭىزمۇ سىزگە يوق نەپ، جۆيلىمەڭ،
جۆيلىمەيمەن مەنمۇ ئەمدى بولدىلا«خەپ!» جۆيلىمەڭ،
ئولتۇرۇپ ئىشخانىدا غەيۋەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

نېمە ئۇ جان كۆيدۈرۈپ بىز ئىشلىگەن خىزمەت دېگەن؟
نېمە ئۇ ھوقۇق-ئەمەلنىڭ ئالدىدا مېھنەت دېگەن؟
نېمە ئۇ ۋىجدان ، غۇرۇر، بىلىم دېگەن، خىسلەت دېگەن؟
نېمە ئۇ ۋەتەن دېگەن، ئەۋلاد دېگەن، مىللەت دېگەن؟
تىزلىنىپ شوجاڭغىلا خىزمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

كۈندۈزى ئادەم سىياقتا، كېچىسى شەيتان بولۇڭ،
رېستۇرانلاردا، قاۋاقتا ئادىمىي ھايۋان بولۇڭ،
قىز تېىپىپ، چوكان تېپىپ بىر چەتتە سىز «مېھمان» بولۇڭ،
مەيلى خەق«دەللال» دېسە، شوجاڭ ئۈچۈن قۇربان بولۇڭ،
ئار-نومۇسنى ساتقىلى جۈرئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

باغدىكى ئوغرى تىكەننى گۈل قىلار شوجاڭ دېگەن،
شۇ سېسىق ھۆپۈپنىمۇ بۇلبۇل قىلار شوجاڭ دېگەن،
بىر قوتۇر ئېشەكنىمۇ دۇلدۇل قىلار شوجاڭ دېگەن،
بولمىسا بىر يولىڭىز، بىر يول قىلار شوجاڭ دېگەن،
قەلبىڭىزنى گەندىدەك مەينەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

قاغىلارنى «ئاق»دېسە«ئاق» دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،
ئوغرىلارنى «ساق»دېسە «ساق»دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،
«ئىككى»نى ئۇ «تاق» دېسە،«تاق»دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،
«ياق»دېسە ئۇ، سىزمۇ ھەم «ياق!» دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ.
ئاغزىدىن چىققاندا ھور، ھەرىكەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

يېزىغا قوغلانسىڭىز مىڭبىر جاپانى تارتىسىز،
دۇلىڭىزغا ئىككى تاغنى كۈندە يۈكلەپ ئارتىسىز،
باشقىلار«قوغلاندى» دەر، قايغۇ-ئەلەمگە پاتىسىز،
جۆرىڭىز يوق، بالىڭىز يوق، ئۇخلىماي دۈم ياتىسىز،
تۇتسىمۇ شوجاڭ زەھەر، شەربەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

سىزنى خىزمەتداش بىلىپ، كۆڭلۈمدىكى گەپنى دېدىم،
تېخى تۆت كۈنلا بۇرۇن كەلگەن ئەلەم-دەرتنى دېدىم ،
مەيلى ئاڭلاڭ-ئاڭلىماڭ، گەپ بولسىمۇ نەپنى دېدىم،
ئوڭ دېدىم تارتتىم زىيان، ئەمدى شۇڭا چەپنى دېدىم،
ماڭىمۇ دەل ۋاقتىدا تۆھمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى!!!

2004-يىلى، يېڭىسار.

قىزىل، ئىگىزيەر-يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ چەت-يىراق يېزىلىرى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 15:23  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 19:06:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ،راستىنلا ئالامەت شىئىر چىقىپتۇ.رەخمەت سىزگە!!!!!
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
988 سەر
تىللا
78 دانە
تۆھپە
506 سەر
شۆھرەت
553 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 19:55:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز.

بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلاي دىگەن،لىكىن..........
ئۇقۇتقۇچى،ئۇستازلار -بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:24, Processed in 0.150705 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش